ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6197 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بارسىلونا رىم تېرنىرى گارسىياغا تەكلىپنامە ئەۋەتتى
ئىتاليە ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ ئەڭ يىڭى خەۋىرگە قارغاندا ئىسپانيە بارىسلونا كوماندىسى رەسمى يوسۇندا يىللىق ئىش ھەققى 4 مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن ھازىرقى رىم كوماندىسنىڭ تېرنىرى رىيد گارسىياغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئارسىنال ۋە پارىژ گىرمان تەرەپمۇ تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولۇپ بارسلونا ھەقىقى باھا قويۇش بىلەن بىرگە گارسىيانىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن ئالاقىلاشقان .
رىم كوماندىسى بۇ يىل بۇ فىرانسىيەلىك تېرنىر گارسىيانىڭ يىتەكلىشى بىلەن ياۋرۇپا 5 چوڭ بىرلەشمىدە خىلى نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەمدە كىلەر يىللىق ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇققا قاتنىشش سانىغا ئالدىن ئىرىشتى ، مۇشۇنداق پەيىتتە رىم كوماندىسى باش دىرىكتورى باردسو ئىپادە بىلدۈرۈپ گارسىيا بىلەن ئۇزۇن مۇددەت توختام تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ھەمدە كىلەر يىلى رىم كوماندىسنى ئوزغۇنلۇقتا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
دىروگبا يازلىق يۆتكۈلۈش بازرىدا رىم كوماندىسغا قىتىلىدۇ
كوتىدۋالىق 35 ياشلىق دىۋە دىروگبا يازلىق يۆتكۈلۈش بازرىدا رىم كوماندىسغا قىتىلىدۇ ، دىروگبا تۈركىيە گالاتا ساراي كوماندىسغا قوشۇلغاندىن بۇيان 53 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 20 توپ ئۇرۇپ بولدى ، بىراق توختامنىڭ توشۇپ قىلىشى شۇنداقلا كىلەر پەسىل گالاتا ساراينىڭ ئوزغۇنلۇق ئوينىيالمايدىغانلىقى سەۋەپ بىلەن دىروگبا ياۋرۇپادىن يىڭى ئائىلە ئىزدەشكە باشلىغان ، يىقىندا ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى رىم كوماندىسى تەرەپ بىلەن ئاساسەن بىرلىككە كەپ بولغان بولۇپ مۇئاش جەھەتتىمۇ دىروگبانىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرغان شۇنداق بولغاندا دىروگبانىڭ رىم كوماندىسغا قوشۇلۇشى ۋاقىت مەسىلىسى بوپ قالدى .
|
|