بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 01:22
4-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىز كۇلۇبىدىن گۇاڭجۇ خىڭدا، گۇيجۇ رىنخى، شەندۇڭ لۈنىڭ، بېيجىڭ گۇئەن كۇلۇبلىرىن پەقەت گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبىلا گورۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى. باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى شاللاندى.
گۇاڭجۇ خىڭدا 2 - 1 يوكوخاما ماتىروس
VS
4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلىپ بېرلغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە گۇاڭجۇ خىڭدا كۇلۇبى ساھىپخان مەيداندا ياپونىيەنىڭ يوكوخاما ماتىروس كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. نەتىجىدە ئېلكوسىننىڭ ئىككى توپ ئۇرشى بىلەن ساھىپخان مەيداندا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ گورۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ كەتتى.
سىدىنىي سەرگەردانلار 5 - 0 گۇيجۇ رىنخى
VS
ئاۋىستىرالىيەنىڭ سىدىنىي سەرگەردانلار كۇلۇبى ساھىپخان مەيداندا گۇيجۇ رىنخى كۇلۇبىنى قىرغىن قىلىپ گورۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا چىقىپ كەتتى.
شەندۇڭ لۇنىڭ 1 - 2 ئوساكا نورۇز گۈلى
VS
شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبى ساھىپخان مەيداندا ياپونىيە ئوساكا نورۇز گۈلى كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبى 2 مىنۇتنىڭ ئىچىدە 2 توپ يەپ گورۇپپىدىن چىقالماي شاللاندى. ئوساكا نورۇز گۈلى بولسا بۇ مەيدان غەلبە قىلىپ گورۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.
سىئول 2- 1 بېيجىڭ گۇئەن
VS
كورىيە سىئول FC كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭ گۇئەننى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ گۇئەن كۇلۇبى ئۇتتۇرۇپ قويۇپ گورۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى. كورىيە سىئول FC كۇلۇبى بولسا گورۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرىنچى بولۇپ چىقىپ كەتتى.
|