akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 14

تۈركىيە بىرلەشمىسى 30-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 00:07  

turkcell-super-lig.jpg


  
ئىككى كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ 30-ئايلانمىسىدىكى مۇسابىقىلەر:


ئەرجىيەس تەنتەربىيىسى 0 - 5 تىرابىزون تەنتەربىيىسى

K.Erciyesspor.png     VS    Trabzonspor.png


ئەرجىيەس تەنتەربىيسى ئۆز مەيدنىدا تۈركىيە كۈچلۈك كۇلۇبى تىرازبىزوننى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغانداتىرابىزون تەنتەربىيىسىدىن پاۋلو بىر توپ ئۇردى. 28 مىنۇت بولغاندا تىرابىزون تەنتەربىيىسى توپچىسى يۈسۈف ئەردوغان بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 10 مىنۇتتىن كىيىن يەنە يۈسۈف ئەردوغان يەنە بىر توپ ئۇردى. ئەرجىيەس تەنتەربىيسى ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنالمدى ھەم پاسسىپ ھالدا مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇردى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 62 مىنۇت بولغاندا  تىرابىزون تەنتەربىيىسى ھۇجۇمچىسى ئولجان بىر توپ ئۇرۇپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە چىقتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا  تىرابىزون تەنتەربىيىسى توپچىسى سونەر بىر توپ ئۇرۇپ ئەرجىيەس تەنتەربىيسىنى مېھمان مەيداندا قىرغىن قىلدى.


گازىئەنتەپ تەنتەربىيىسى 0 - 1 ياشلار بىرلىكى

Gaziantepspor.png     VS    Gençlerbirliği.png

گازىئەنتەپ تەنتەربىيىسى ئۆز مەيدانىدا ياشلار بىرلىكىنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇتلۇق تىركىشىپ ياشلار بىرلىكى مېھمان مەيداندا بىر توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى. 52 مىنۇت بولغاندا  ياشلار بىرلىكى توپچىسى ئەرمىن بىر توپ ئۇرۇپ كوماندىنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى.


ئاكھىسار شەھىرى 2 - 2 قەيسەرى تەنتەربىيىسى

Akhisar Belediye.png    VS    Kayserispor.png

ئاكھىسار شەھىرى ئۆز مەيدانى مانىسا 19-ماي پۇتبول مەيدانىدا قەيسەرى تەنتەربىيىسنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ 2 دىن توپ ئۇرۇپ تەڭلىشىپ قالدى. 8 مىنۇت بولغاندا ئاكھىسار شەھىرى توپچىسى ئومەر بىر توپ ئۇردى. 35 مىنۇت بولغاندا بىرونو بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، 76 مىنۇت بولغاندا قەيسەرى تەنتەربىيىسى توپچىسى پابلو بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە 90 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا قەيسىەرى توپچىسى مەرت نوبرە بىر توپ قايتۇرۋېلىپ تەڭلەشتى.


بۇرسا تەنتەربىيسى 1 - 0 ئەلازىغ تەنتەربىيىسى
Bursaspor.png    VS    Elazığspor.png   

بۇرسا تەنتەربىيسى ئۆز مەيدانى بۇرسا ئاتاتۈرك مەيدانىدا ئەلازىغ تەنتەربىيىسنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 3 بولغاندا بۇرسا توپچىسى فېرناندونىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن غەلبە قىلدى.


گالاتاساراي 0 - 4 قاسىم پاشا
Galatasaray.png    VS    Kasımpaşa.png

تۈركىيە زەردارى گالاتاساراي ئۆز مەيدانىدا بىرلەشمىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك كۇلۇب قاسىم پاشانى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قاسىم پاشا كۇلۇبىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. گالاتاسارايغا نۇرغۈن قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ئاخىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گالاتاساراي ئۆز مەيدانىدا قارشى تەرەپتىن 4 توپ يەپ ئار نومۇستا قالدى ھەم بىرلەشمىدىكى ئەڭ ناچار بىر مەيدان نەتىجىنى ياراتتى.  بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى ئوسكار سىكارىيون بىر توپ ئۇردى. 51 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى تابارە بىر توپ ئۇردى. 64 مىنۇت بولغاندا يەنە قاسىم پاشا توپچىسى ئوسكار سىكارىيون بىر توپ ئۇردى. 77 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى يالچىن ئايخان بىر توپ ئۇرۇپ، قاسىم پاشا مېھمان مەيداندا گالاتاساراينى قىرغىن قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىگە دىۋە دىروگىبا ياردار بولغاچقا مەيدانغا چۈشمىدى.


چايقۇر رىزە تەنتەربىىيسى 3 - 1 توركو كونيا تەنتەربىيسى
Ç.Rizespor.png     VS Torku Konyaspor.png

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چايقۇر رىزە ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ 3 توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى. قارىشى تەرەپ 90 مىنۇت بولغاندا بىر توپ قايتۇرۋالدى.


بەشىكتاش 1 - 1 فەنەرباغچە
Beşiktaş.png    VS    Fenerbahçe.png

تۈركىيەنىڭ يەنە بىر دىربىسى بولغان بىرمەيدان مۇسابىقىدە بەشىكتاش كۇلۇبى ئۆز مەيدانى ئاتاتۈرك ئولىمپىك مەيدانىدا  فەنەرباغچە كۇلۇبنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ قاتتىق كۈچەپ ئوينىدى. مۇسابىقىنىڭ 24-مىنۇتىغا بارغاندا فەنەرباغچە توپچىسى موسسا سوۋ بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دېگەندە بەشىكتاش توپچىسى رامون موتتا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ شۇنداق كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي تەڭلىشىپ قالدى.


ئانتالىيا تەنتەربىيسى 1 - 2 سىۋاس تەنتەربىيسى
MP Antalyaspor.png    VS    Sivasspor.png

ئانتالىيا تەنتەربىيسى ئۆز مەيدانى ئاق دېڭىز ئۇنۋېرىستتىتى مەيدانىدا سىۋاس تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى.سىۋاس تەنتەربىيسىدىن ئايدىن قارابۇلۇت بىلەن ئاتىفنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى، ئانتالىيا تەنتەربىيسىدىن سەمى شەنتۈركنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن سىۋاس تەنتەربىيسى مېھمان مەيداندا غەلبە قىلدى.


قارابۈك تەنتەربىيسى 0 - 0 كوناشەھەر تەنتەربىيسى
K. Karabükspor.png    VS    Eskişehirspor.png

قارابۈك تەنتەربىيسى ئۆز مەيدانى نەجمەتتىن شەيىخئوغلى مەيداندا كوناشەھەر تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. بۇ ئىككى كۇلۇب 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ ئۇرالماي نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 00:16:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراي مەنچىنىمۇ ئىشتىن چۈشكىدەكدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 00:26:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراي قىرغىن بوپ كىتىپتا.....مەنچىنى ئەپەندوم......ئا رىپىر نانىغا قىزىل كارتا بەرگەن ،چاكىر شۇمۇ نىمە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 00:36:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىنى  مانچىستېرغا كىلىش قەدىمى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 00:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 00:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 01:08:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراي 2014 نى ساپ مەغلۇبىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-24 01:25:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
luca يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 00:59
4كۈندىن ئېشىپ قالدىغۇ دەيمەن بۇ مۇسابىقىلەرگە.. بۇنىڭد ...

ئۇنداق ئەمەس قېرىندشىم. 31-.ئايلانما مۇسابىقىنى تېخى بۈگۈن باشلىدى. 4 كۈن بوپ بولغان مۇسابىقە ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 01:47:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Galata saray kirhin bopkitiptihu
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 02:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 02:15  

تۈركىيە بىرلەشمە خەۋىرىنى تاپماق تەسىرەك .فىلىمىمۇ شۇنداق ،داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز ...تېمىڭىز سۈپەتلىك چىقىپتۇ .يەنە ئازىراق تىرىشىڭ ،
پۇتبول لۈكچىكى بۇلىدىغانغا سالاھىيىتىڭىز ئاساسەن تۇشۇپتۇ ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 03:56:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
GALATA  SARAY  MUXUNDAKLA  OYNAWARSA  KILAR  PASILLIK  UZGUNLUKKIMU  KATNIXALMIGUDAK  ,  BULAGA  NIMIXKA   ARAN  2 SAN BIRIDIGANDU  DAYMANDA
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 05:24:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا گىلاتارسارايغا نىمبولاتقاندۇ دەيمەن  ئۆزمەيداندىمۇ تۆت توپ يەپ يۈرۈيدىغۇ. زادى مەنچى ياراشمىدى گىلاتاسارايغا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 10:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش