akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3339|ئىنكاس: 163

مادرىد - بەيرىن (نەخ مەيدان)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 23:33  

نەخ مەيدان مۇنازىرلەشكەچ ۋاي ۋايدا كۈرىلى ،ۋاي ۋاي نۇمۇرى:87526988

2014042222342276a8a.jpg


بۇ يىلقى قىززىق نوقتىلارنىڭ بىرى بولغان يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى بەيرى بىلەن مادرىد ئوتتۇرسدىكى جەڭ ئەتە سەھەر سائەت 0 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بېرنابۇ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. رونالدو رەسمى تۇردە مەشىققە قاتناشتى، بېلدىكى مەسىلىمۇ چوڭ ئەمەس. ھازىر مادرىد ۋە بەيرىندىكى ئاساسلىق ئەزالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تولۇق ھالەتتە. ئەگەر قايسى بىر تەرەپ ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللىنىدىكەن ھېچقانداق باھانە قالمايدۇ.

600x450_9QCAJHLK00BV0005.jpg


بەيرىن كوماندىسى بولسا ئالدىنقى يىلدىكى دۇنيا كۇلۇپلار چېمپيونى. بۇ يىلقى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق. توختاۋسىز ھالدا مەيلى بىرلەشمىدە بولسۇن ياكى چېمپيونلۇق كۆرىشىدە بولسۇن ئالغا ئىلگىرلەپ بۇ يىلمۇ ئۇزغانلىق لوڭقىسىنى ئېلىش ئېھتماللىقى يۇقىرى دەپ قارالغان كۇلۇپ. روبىن، رېبىرى، نويىر، شىۋانشىتەيگىر دىن ئىبارەت تەجىربىسى مول ۋە تېخنىكىلق توپچىلارغا گۇتزىدىن ئىبارەت تالانتلىق ماھىرلار قوشىلىپ تېخىمۇ ھەيۋەت تۇسكە كىرگەن كوماندا. گۇدۋايالانىڭ كىلىشى بىلەن بەيرىن كوماندىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلەندى.

مادرىد بولسا 10-لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئەڭ چوڭ نېشانى قىلىپ قىشلىق بازارد پۇلنى ئايىماي خەجلەپ گارس بېل، ئېسكو، ئېللارامندى، كارۋاخال قاتارلىق ياش ھەم تالانتلىق توپچىلارنى كىرگۈزۈپ چېمپيونلۇققا خىرىس ئېلىپ كىلىۋاتقان، قايسى كۈنى ئوينالغان شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇزغانلىق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگىدەك ئەمەلى كۈچىنىڭ بار ئىكەنلىكىنىڭ جاكارلىغان كۇلۇب.قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىككى كوماندا ئوتتۇرسدىكى جەڭنىڭ نەتىجىسىنى پەرەز قىلىش بىر قەدەر قېيىن.


9Q9NKIUE00DE0005.jpg


مادرىد كوماندىسغا نىسپەتەن بىر قەدەر پايدىسىز بولغان ئەھۋال دەل 2012-يىلدىكى ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقدىكى نوقتا توپ جېڭىدە دەل موشۇ بەيرىن كوماندىسى تەرىپدىن رەھىمسىلەرچە شاللىنىپ كىتىشى. بۇ خىل ئەھۋال مادرىد ماھىرلىرى ئۈچۈن بېسىم ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.

ئۇلارغا پايدىلىق ئەھۋال دەل ئەنچىلودىنىڭ ھازىرقى بەيرىن كوماندىسىغا ئويناش ئۇسلۇبى پۇتۇنلەي ئوخشاش بولغان بارسلونا كوماندىسنى يېڭىش تاكىتىكىسىنى تېپىپ چىققانلىقى. قارايدىغان بولساق بارسلونا كوماندىسى بىلەن ھازىرقى بەيرىن كوماندىسىنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاساسەن ئوخشاش. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەنچىلودى بارسلونا كوماندىسىنى يېڭىپ شاھلىق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. دېمەك بۇ ئەنچىلودىنڭمۇ مورىنخوغا ئوخشاش تاكىتكا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بوش كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنداق ئىكەن بۇ مادرىد ئۈچۈن بىر پايدىلىق ئەھۋال ھېسابلىندۇ.


رونالدو ۋە رېبىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئالتۇن توپ نامزاتلىرى ئوتتۇرسدىكى جەڭنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ بېل ۋە گۇتزىدىن ئىبارەت ئىككى ياش ماھىرنىڭ ماھارىتىدن ھوزۇرلانغىڭىز بارمۇ؟ كاسىلاس ۋە نويىردىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىككى ۋارتارنىڭ ماھارىتىدىن زوق ئالماقچىمۇ سىز؟ ئەنچىلودى ۋە گۇۋادۋايالا دىن ئىبارەت ئىككى تېرنىرنىڭ زادى قانداق تاكتىكا تۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ باققىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا نەزىڭىز ئەتە سەھەر سائەت 0 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە بولسۇن.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:10:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   potbuluqun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 18:13  

كىلىدىغانلا بامۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:11:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى بارىسلۇنا بىلەن بايرىننىڭ مۇداپىيەسىنى سىلىشتۇرساق بايرىن بىر تام توساق دەپ قارىساق بولىدۇ.. ئىش قىلىپ بۇ ئىككىلا كۇماندىنىڭ قايسىسىنىڭ ئۇتىشىنى مۇشۇ پەسىلدىكى چىمپىيۇننى بەلگىلەپ قويامىكىن دەپ قارايمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:12:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:13:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئالدىمدا يۇللىۋاپسىز مەنمۇ مۇشۇ  مەزمۇندا   تېما يۇللىغانتىم ئەمدى تەستىقلىماڭلا  باشلىقلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىد  ھەر قانچە ناچارلىشىپ كەتسىمۇ بىز يەنا مادىرد دەپ داۋراڭ قىلىمىز !  بىرناۋۇ دا قانلىق جەڭ بولىدۇ بۈگۈن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:14:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات123 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 18:13
مادىرىد  ھەر قانچە ناچارلىشىپ كەتسىمۇ بىز يەنا مادىرد  ...

قوللايمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:15:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتۇق بىزنىڭ ئالغا سەمان يولى جەڭ كېمىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:17:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا مادرىد  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:19:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن كەچ قىززىيدىغان مۇسابىقىدىن بىرنى كۆردىغان بولدۇق،مۇسابىقە كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭلاباللا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:21:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏بۈگۈن مادرىدنىڭ بۇ (پېۋا) چىلارنىڭ كىيىمىنى قانغا بۇياپ قىزىل كىيىمى بىلەن پەرق ئەتكىسىز قىلىۋىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !! Hala Madrid
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-23 18:24:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە  بۇيرىغانلارغا مەنسۇپ  ئالغا بەيرىن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش