ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-23 05:20
VS
بۈگۈن سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى 02:45 تە ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ تۇنجى مەيدان ئۇچۇرشىشى ئېنگىلانىد زەردارى چېلسى مېھمان مەيداندا، ئىسپانىيە كىچىك زومگىرى مادىرىد ئاتلىتكىنىڭ ساھىپخان مەيدانى كاردىلون پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرلىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ مادىرىد ئاتلىتكا مەيداننى كونتىرول قىلىپ ئاكتىپ ھۇجۇم قوزغاپ ئوينىدى. 18 مىنۇت بولغاندا چېلسى قاپقىچىسى چېخ توپ تۇسۇش جەريانىدا ۋارىتارنىڭ ئۈستى لىمغا قولىنى ئۇرۋېلىپ يارلىنىپ، شىۋارىز ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقتى. ئالدىنقى مەيداندا مادىرىد ئاتلىتكا مەيداننى ياخشى كونتىرول قىلىپ ئوينىغان بولسىمۇ توپ ئۇرالمىدى. ئاتلىتكىنىڭ ئالدىنقى مەيداندىكى توپ كونتىرول قىلىشى %69 كە يېتىپ، چېلسى ۋارىتارىغا 9 قېتىم توپ تەپكەن. پاس قېتىم سانىمۇ 268 بولغان. چېلسىنىڭ ئالدىنقى مەيداندىكى توپ كونتىرول قىلىشى %31 بولۇپ، مادىرىد ئاتلىتكىنىڭ ۋارىتارىغا ئاران 2 قېتىم توپ تەپكەن. پاس قېتىم سانىمۇ ئاتلىتكىدىن بىر ھەسسە ئاز بولغان.
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ھەرئىككى تەرەپ كۈچەپ ئوينىدى. ئەمما ئاتلىتكا ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ چېلسىغا خېلى كۆپ بېسىم قىلپ ئوينىدى. 60 مىنۇت بولغاندا ئاتلىتكىدىن دېيگونىڭ ئورنىغا ئاردا تۇران ئالمىشىپ چىقتى. 64 مىنۇت بولغاندا لەمپارد سېرىق كارتىدىن بىرنى ئىستىمال قىلدى. 74 مىنۇت بولغاندا تېررى ينىك يارلىنىپ شۈرلىغا ئالمىشىپ چۈشۈپ كەتتى. مادىرىد ئاتلىتكا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ تازا كۈرىنەرلىك بولماي توپ ئۇرالمىدى. 90 مىنۇت توشقاندىن كىيىن يەنە 5 مىنۇت ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيداندا يەنىلا ئاتلىتكىنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى %60 تىن چۈشمىدى. پاس قېتىم سانى 520 گە يېتىپ، قاپقىغا قارتىپ تەپكەن توپ سانى 25 بولدى. چېلسىنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى %40 كە بارمىدى. پاس قېتىم سانىمۇ ئاران 244 بولدى. قاپقىغا قارتىپ تەپكەن توپ سانىمۇ ئاران 5 كە يەتتى.
|
|