akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2618|ئىنكاس: 45

كەمچىلىكتىن خالى بولمىغان 10 داڭلىق چولپان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول دۇنياسىدا داڭلىق ئاتالغان توپچىلار نىڭ  باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان روشەن ئالاھىدىكلىرى بولسىمۇ ئەمما ئۇلار يەنىلا بەزىبىر ئەجەللىك كەمچىلىك ئاجىزلىقلاردىن خالى ئەمەس .

ozil.png
1. مەسۇل ئوزىل :  ھورۇن توپچى
دائىم توپ كۆرىدىغانلار ھەممىسى بىلىشى مۇمكىن ، ئوزىل مۇسابىقىە داۋامىدا ئاساسەن ئارتۇقچە يۈگۈرمەيدۇ . ھەتتا ئۇنىڭ پۇتىدىكى توپنى باشقىلار تارتىپ ئەكەتكەن چاغدىمۇ كەينىدىن قوغلاپ قويۇشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدۇ .   بۇنىڭ بۇ كەمچىلىگى ئىپادىسى ياخىشى ۋاقىتلاردا يېپىلىپ كەتكىنى بىلەن ئىپادىسى ناچار بولغان ۋاقىتلاردا مەستانىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ .ھەتتا مورىنىئو مۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئاغزىنى بۇزۇپ ئوزىلنى تىللىغان ۋېدىئو توردا ئېلان قىلىنغان .

neimar.png
2. نېيمار : مۇداپىئەگە قاتناشمايدۇ
بارسلونانىڭ تاكتىكىسى بولسا يۇقىرى بېسىملىق تاكتىكا ، مۇداپىئە ئالدى مەيداندىن باشلىنىدۇ ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بارسا ئۈزلۈكسىز توپ كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ .نېيمار يېڭى كەلگەندە كۆنۈۋالسۇن دەپ قويۇلغان بولسىمۇ ئەمما داۋاملىق مۇشۇنداق قىلسا بەلكىم بارسانىڭ ئاساسى سېستىمىسىدىن چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن .


luyis.png
3. داۋىد-لۇيىس : كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ .
  ئېتراپ قىلماي بولمايدۇ .لۇيىس ئەلۋەتتە دۇنياۋى دەرىجىلىك ئوتتۇرا مۇداپىئەچى ، بىراق ئۇنىڭ ئاجىزلىقىمۇ ئېنىقكى خاتالىقىنى تولا ئۆتكۈزىدۇ ، ئاسانلا كارتا يەۋالىدۇ ئاسانلا ئورۇن ئېلىشتا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ . بۇنىڭغا مورىنىئو مۇ چىداپ بولالماي ئاخىرى ئۇنىڭ ئورنىنى ئارقا بەلگە ئۆزگەرتىۋەتتى ، بۇنداق بولغاندا لۇيىس خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ بىۋاستە جانغا تاقاشمايدۇ .


baloteli.png
4. بالوتېلى : ساراڭ مىجەز
ئىتالىيەنىڭ ھازىرقى ئەڭ نوچى ھۇجۇمچىسى بالوتېلى ، مەيداندا پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ توپ ئوينايدۇ . بىراق پەقەت  بەزىدە كىچىك بالىدەك بەزىدە ساراڭدەك مىجەزى بىلەن  بىكاردىن بىكار رەڭلىك كارتىلارنى ئىستىمال قىلىش ۋە جىدەل چىقرىش ئارقىلىق كوماندىدىكى سەپداشلىرى ۋە تېرىنىرغا باش ئاغرىقى پەيدا قىلىپلا تۇرىدۇ .



马塔.png
5. ماتا : سۈرئىتى بەك ئاستا
ئىسپانىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ماتا دا   ناھايىتى يۇقىرى بولغان  پۇت ئاستى تېخنىكىسى ۋە مۇسابىقىنى ئوقۇش ۋە تەھلىل قىلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ ، مورىنىئو ماتانىڭ ئاستا بولغان سۈرئىتى ۋە ئادەتتىكىچە بەدەن قۇۋۋىتىدىن رازى بولماي ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى ، قىزىل ئالۋاستىدا بۇ كەمچىلىكلىرىنى ياپالامدۇ يوق ..ۋاقىت ئىسپاتلايدۇ .




伊布.png
6. ئىبراھىموۋىچ : ياۋروپا جەڭلىرىدە پۇتىنىڭ كۈچى يوق
شەك-شۈبىسىزكى ئىبراھىموۋىچ ھازىرقى زامان پۇتبول دۇنيايسىدىكى  ئەڭ مۇنەۋۋەر بەش توپچىنىڭ بىرى ، ئۇ قەيەرگىلا بارسا شۇ كوماندىدنىڭ  بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى ناھايىتى ياخشىلىنىپ ھەتتا چېمپىيۇن بولىدۇ .بۇ ئۇنىڭ  ئەمەلى ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ . ئەمما ياۋرۇپا دەرىجىلىك چوڭ مۇسابىقىلەردە ئۇ دائىم يۇقاپ كېتىدۇ . ئۇ ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرىدە  تۈزۈك ئۆزىنى ئىسپاتلاپ باققىنى يوق .



亚亚-图雷.png
7.يايا -تورى : ھورۇن
يايا -تورىنى ھورۇن دېسە جىق كىشلەر قايىل بولماسلىقى مۇمكىن . .ئەمما ئۇ يېقىنقى  بىر قانچە پەسىللىك مۇسابىقىلەردە مەيداندا يۈگۈرۈش مۇساپىسى ئازلاپ كەتتى ...مۇداپىئەگە ئاساسەن قاتناشمايدۇ . ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى ھۇجۇمغا قارىتىۋاتىدۇ .بەلكىم ياشىنىشقا باشلىغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك .



cluo.png
8.س. رونالدو : ئىسراپخور
سان-سىفىرلار مەسلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ .بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە دېگو=كوستا 98 قېتىم قاپقىغا تېپىپ 25 توپ كىرگۈزدى . مېسسى 153 قېتىم تېپىپ 29 توپ كىرگۈزدى . س.رونالدو 199قېتىم تېپىپ ئاران 28  توپ كىرگۈزدى ، ناھايىتى ئېنىقكى  رونالدونىڭ تەپكەن توپىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى قالغان ئىككى ھۇجۇمچىغا قارىغاندا روشەن تۆۋەن .  رونالدو يامان ئەمەس بولغان توپ كىرگۈزۈش سانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ناھايىتى يۇقىرى سانلىق قىممەتتىكى ۋااتارغا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى كېرەك . ئەلۋەتتە بۇ پۇرسەتنى باشقا سەپداشلىرى ئۆزى ۋاز كېچىش ئارقىلىق رونالدوغا بەرگەن .




罗本.png
9. روبېن : ئوڭ پۇتى بەك  ناچار
روبىننىڭ سول پۇتىغا دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل تېخنىكا ماھارەتلەر مۇجەسسەملەنگەن ..بوغۇزلاش خاراكتېرىدىكى نۇرغۇن يايسىمان  ئۆلۈك بۇلۇڭغا ماڭغان توپلارنى مۇشۇ ئالتۇن سول پۇتى ئارقىلىق تاماملىغان .بىراق  روبىن ئامالسىز ئوڭ پۇتى ئارقىلىق توپ تېپىپ سالغاندا ئۇنىڭ سەۋىيەسى  ھازىرقى گۇئاردىئولا چىلىكلام .




苏亚雷斯.png
10.  سۇئارىز : يالغان يېتىۋېلىش خۇمار
سۇئارىز باشقىلارنى ئالداپ ئۆتۈشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ . دائىم  قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىلىرىنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئەسىگە ئۇچرىغاندا دەرھال ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان يالغان يېتىۋېلىش گۇمپىسى بىلەن ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىۋېتەتتى .  بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ساھەدىمۇ خېلى نام چىقارغان .
ئەمما يېقىنقى بىر قانچە پەسىلدىن بۇ يان لېۋىرپولنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىنىلىشىغا ئەگىشىپ سۇئارىز بۇ مىجەزىنى تاشلاپ ، ئابرويىنى قايتۇرۋېلىش يولىغا قاراپ ماڭدى .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:30:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز رەھمەت نادىر بۇلسا بۇغىدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:30:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز رەھمەت نادىر بۇلسا بۇغىدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:45:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 17:10  

ھەممسىدە ئۆزىگە چۇشلۇق كەمچىللىكلەر بار ئىكەن ، يامان گۇيلار لىكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسىنىڭغا كۆنسە شۇنىڭدا تىپىدۇدە؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رويات يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 16:40
روبىننىڭ سول پۇتىدا توپ تىپەلمەسلىكى جىسمانى كەمچىلىك ...

ئوڭ پۇتى دەپ تۇرسا، ئەمدى سىز كىلىپ روبىن سول پۇتىدا توپ تىپەلمەيدۇ دەيسىزغۇ؟ ئۇنداق بولسا ئۇ ئىككىلى پۇتىدا توپ تىپەلمەيدىكەن-دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:53:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رويات يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 16:49
ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئوخشىمامسىلە ؟كىچىك نۇمۇردا كىر ...

توۋا دەيمەن ، بىرسى بىلەن گەپ تالاشقاندەكمۇ قىلمىغان بولمىسا ، يا ئىتنى چىشلىدى دەپ تەڭ چىشلىگىلى بولمىغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-22 16:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىلنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى ئوڭ پۇت مەسلىسى ، سول پۇتقا ماھىر بولغان بىلەن ئوڭ پۇتىنى ئاساسەن ئىشلىتەلمەيدۇ   ،  

مېسسى 29 كىرگەن دەپ يېزىلىپ قاپتۇ ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش