akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 14

تۈركىيە بىرلەشمىسى 29-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 19:09  

ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بېرلىغان تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ 29-ئايلانمىسىنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:


بەشىكتاش 1 - 1 توركو كونيا تەربىيەسى

Beşiktaş.png    VS   Torku Konyaspor.png


كونيا تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانى كونيا ئاتاتۈرك مەيدانىدا بەشىكتاش كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ تاكى ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلاشقۇچە بىرمۇ توپ كىرمىدى. كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 69 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش توپچىسى ئوغۇزخان ئۆزياقۇپ بىر توپ ئۇرۇپ بەشىكتاش كوماندىسى ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دېگەندە يەنى 90 مىنۇت بولغاندا كونتا توپچىسى گېكاس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى.


قاسىم پاشا 1 - 1 بۇرسا تەنتەربىيەسى
Kasımpaşa.png   VS    Bursaspor.png


بىرلەشمدىكى يەنە بىر كۈچلۈك كولۇب قاسىم پاشا ئۆز مەيدانى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پۇتبول مەيدانىدا (ھازىرقى تۈركىيە زۇڭلىسى) بۇرسا تەنتەربىيەسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ بۇرسا تەنتەربىيەسى كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن 1 مىنۇت بولغاندا فېرناندو بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي ئالدىنقى مەيدان ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 66 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا كۇلۇبىدىن رىيان دونىك بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كىيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي تەڭلىشىپ قالدى.



قارابۈك تەنتەربىيەسى 0 - 2 ئاكھىسار شەھەر
K. Karabükspor.png    VS    Akhisar Belediye.png


قارابۈك تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانى نەجمەتتىن شەيىخ ئوغلى مەيدانىدا ئاكھىسار شەھەر كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇتلۇق بۇ مۇسابىقىدە ئاكھىسار شەھەر كۇلۇبى 2 توپ ئۇرۇپ مېھمان مەيداندا غەلبە قىلدى. 54 مىنۇت بولغاندا ئۆمەر بىر توپ ئۇردى. 71 مىنۇت بولغاندا بىرونو بىر توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى.


سىۋاس تەنتەربىيەسى 2 - 1 گالاتاساراي
Sivasspor.png    VS    Galatasaray.png


سىۋاس تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانى سىۋاس 4- سېنتەبىر توپ مەيدانىدا بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك زەردار گالاتاساراينى كۈتىۋالدى.  سىۋاس تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا سىۋاس توپچىسى ئاتىف بىر توپ ئۇردى.  گالاتاساراي توپچىسى يەكتە 42 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى ۋاقىتلىق تەڭلەشتۈردى. كىيىنىكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ سىۋاس تەنتەربىيەسى كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن گالاتاساراينى خېلى ھالسىراتتى ھەم 60 مىنۇت بولغاندا جون ئۇتاكا بىر توپ ئۇرۇپ كوماندىنى غەلبىگە باشلىدى. كىيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي گالاتاساراي مېھمان مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى.


قەيسەرى تەنتەربىيەسى 0 - 2 چايقۇر رىزە تەنتەربىيەسى
Kayserispor.png    VS   Ç.Rizespor.png


قەيسەرى ئۆز مەيدانىدا چايقۇر رىزەنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇتلۇق تىركىشىپ قەيسەرى ئۆز مەينىدا مەغلۇپ بولدى. چايقۇر رىزەدىن لومانو 66 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇردى. 88 مىنۇت بولغاندا ئۈمىت قورقماس بىر توپ ئۇرۇپ چايقۇر رىزە غەلبە قىلدى.


ياشلار بىرلىكى 0 - 0 ئەرجىيەس تەنتەربىيەسى
Gençlerbirliği.png    VS   K.Erciyesspor.png


ياشلار بىرلىكى كۇلۇبى ئۆز مەيندانى ئەنقەرە 19-ماي پۇتبول مەيدانىدا ئەرجىيەس تەنتەربىيەسىنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇت تىركىشىپ بۇ ئىككى كۇلۇب بىرمۇ توپ ئۇرالماي تەڭلىشىپ قالدى.


كوناشەھەر تەنتەربىيەسى 2 - 2 تىرابىزۇن تەنتەربىيەسى
Eskişehirspor.png    VS    Trabzonspor.png


كوناشەھەر تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانى كوناشەھەر ئاتاتۈرك پۇتبول مەيدانىدا تىرابىزۇن تەنتەربىيەسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان 40 مىنۇت بولغاندا  تىرابىزۇن توپچىسى ئۆزەر ھۇرماجى بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى مەيدان باشلنىپ 50 مىنۇت بولغاندا  تىرابىزۇن توپچىسى پاۋلو بىر توپ ئۇرۇپ  تىرابىزۇن 2 توپ .ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 68 ۋە 72 مىنۇت بولغاندا كوناشەھەر توپچىسى ئەركان كەينى -كەينىدىن 2 توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجە ئۆزگەرمەي ئىككى كۈلۇب تەڭلەشتى.


فەنەرباغچە 4 - 1 ئانتالىيا تەنتەربىيەسى
Fenerbahçe.png    VS    MP Antalyaspor.png

بىرلەشمىنىڭ سەركەردىسى بولغان فەنەرباغچە ئۆز مەيدانى شۈكۈرۈ ساراجئوغلى پۇتبول مەيدانىدا ئانتالىيا تەنتەربىيەسىنى كۈتىۋالدى.  فەنەرباغچە ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپكە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ 21 مىنۇت بولغاندا جانەر ئەركىن بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.  31 مىنۇت بولغاندا ئانتالىيا بىر توپ قايتۇرۋالدى. 38 مىنۇت بولغاندا فەنەرباغچە توپچىسى مىچال بىر توپ ئۇردى. 89 مىنۇت بولغاندا مىچال يەنە بىر توپ ئۇردى. 90 مىنۇت بولغاندا موسسا سوۋ بىر توپ ئۇرۇپ فەنەرباغچە غەلبە قىلدى.



ئەلازىغ تەنتەربىيەسى 2 - 1 گازىئەنتەپ تەنتەربىيەىسى
Elazığspor.png    VS    Gaziantepspor.png


ئەلازىغ تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانى ئەلازىغ ئاتاتۈرك مەيدانىدا گازىئەنتەپ تەنتەربىيەىسىنى كۈتىۋالدى. ئىككى تەرەپنىڭ 90 مىنۇتلۇق تىركىشىش نەتىجىسىدە ئەلازىغدىن باتۇخان قارادېڭىز بىلەن دەنىز يىلمازنىڭ توپ ئۇرشى ۋە گازىئەنتەپ تەنتەربىيەىسىدىن جەنىك توسۇننىڭ 90 مىنۇت بولغاندا بىر توپ قايتۇرۋېلىشى بىلەن گازىئەنتەپ تەنتەربىيەىسى مېھمان مەيداندا مەغلۇپ بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 19:20:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا سارايغا نىم بولغاندۇ ئەمدى  تۇركىيە بىرلەمىسىمۇ كۇشلۇك كەن ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 19:32:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما مەنچىنى دىگەن ئاداش گالاتا سارايغا بېرىپ ئۇ يەردىمۇ بۇسلىشىپ يۇرۇپتۇغۇ ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 19:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىنى مائاشقا چۇشلۇق ئىش قىلمىدى-دە؛
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 19:40:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنجەر باغچە كوماندىسى بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-21 20:01:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 19:40
فەنجەر باغچە كوماندىسى بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولۇپ كېتىد ...

فەنەرباغچە بىرلەشمە چىمپىيۇنى بوپ بولدى دېسەكمۇ بولىدۇ. فەنەرباغچە 67 نومۇر بىلەن بىرلەشمىنىڭ چوققىسىدا. بەكىشتاش 55 نومۇر، گالاتاساراي 53 نومۇر بىلەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا. بۇ يىل فەنەرباغچىنىڭ ھالىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ، بەشىكتاشنىڭ بولسا مۇقىم كېتىۋاتىدۇ. ئەمما گالاتاساراينىڭ بولسا تۇراقسىز. يەنە 4 ئايلانما مۇسابىقە قالدى. فەنەرباغچە ئاساسىي جەھەتتىن چىمپىيۇن بوپ بولدى دېسەك بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 20:15:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
galata saray  kilar yillik uzgunlukka  katnixalmamdu  nima  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 20:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراي ئالدىنقى ئايلانمىدا بىر بەلەن ئۇتىۋاتاتتى ، يەنە ئۇتتۇرۇپتۇ دە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 21:08:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەرباغچە ئاساسى جەھەتتىن بىرلەشمە چىمپىيۇنى بوپ بولغاندەك تۇرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 21:09:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىلاتاسارايغا يىڭى تىرنىر ياراشمىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 22:05:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەر يىلقى ئۇزغۇنلۇقتا گالاتاساراي يوق بولغىدەك ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 22:25:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش