akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 622|ئىنكاس: 13

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 8 _ ئايلانمىسى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 20:16  

تۇرپان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 7 _ ئايلانمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى ھەپتە مۇسابىقە توختاپ، قان تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىلدى. بىرقىسىم كوماندىلار بەزى ئەزالىرىنى چېكىندۈرۈپ يېڭى ئەزا قوشتى ياكى باشقا كوماندىلار بىلەن ئەزا ئالماشتۇردى. شۇنداق قىلىپ 21 – ئاپرېل، تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 8 – ئايلانمىسى ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانىدا نورمال ئېلىپ بېرىلدى.

بىرىنچى مەيداندا قاڭقىل كوماندىسى بىلەن كارۋانچى كوماندىسى ئۇچرىشىپ، قاڭقىل كوماندىسى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن كارۋانچى كوماندىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمىنىڭ 1- ئورنىدا مۇستەھكەم تۇردى.


قاڭقىل كوماندىسى

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت قاڭقىل كوماندىسىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، چوڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويمىسىلا ئۇلارنىڭ بۇ پەسىللىك بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مەسىلە چوڭ ئەمەس.


كارۋانچى كوماندىسى

كارۋانچى كوماندىسى دەرھال كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ھۇشىنى تېپىۋالمىسا ئۇلارنى كۈتىۋاتقىنى بەلكىم تېخىمۇ ناچار نەتىجە بولۇشى مۇمكىن.


ئىككىنچى مەيداندا سەرناز كوماندىسى بىلەن ئىتتىپاق كوماندىسى ئۇچراشتى.


سەرناز كوماندىسى

سەرناز كوماندىسى ئىككى ھەپتىلىك قان تۇلۇقلاش مەزگىلىدە بىراقلا بەش ئەزانى چېكىندۈرۈپ، يېڭى ئەزادىن بەشنى قوشۇۋالدى. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ سەپ شەكلى خىلى مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، مۇداپىئە مۇستەھكەملەنگەندىن باشقا ئوت كۈچىمۇ خىلىلا كۈچەيگەن ئىدى، بولۇپمۇ يېڭىدىن قوشۇلغان ئەزانىڭ مۇسابىقە باشلىنىپلا ئۇرغان توپى ئۇدۇل قاپقىغا كىرىپ، سەرناز كوماندىسى ئەزالىرىنى باشقىچە جانلاندۇرىۋەتتى. مۇسابىقىدە سەرناز كوماندىسى باشتىن – ئاخىرى ئاكتىپلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ سەرخىل ھۇجۇملىرى بىلەن ئۇدا تۆت كىرگۈزۈپ، ئىتتىپاق كوماندىسىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى


ئىتتىپاق كوماندىسى

. ئالدىنقى يېرىم پەسىللىك مۇسابىقە نەتىجىسىدە 3 – ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئىتتىپاق كوماندىسىغا نىسبەتەن بۇ خىلىلا ئېغىر زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئۈچىنچى مەيداندا ئەلقىيا كوماندىسى بىلەن فارخان كوماندىسى ئۇچراشتى


ئەلقىيا كوماندىسى

ئەلقىيا كوماندىسىمۇ تۇراقلىق ئىپادىسى بىلەن مەيداننى قاتتىق كونترول قىلىپ فارخان كوماندىسىنى 0:2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى. فارخان كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىدىكى رۇھىي ھالىتىگە قايتىپ، تېزراق مۇسابىقە ھالىتىگە كىرىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۆتىنچى مەيداندا ياشلار بىرلەشمىسى  كوماندىسى بىلەن 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئۇچراشتى
ياشلار بىرلەشمىسى  كوماندىسىمۇ قان تۇلۇقلاش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە يېڭى ئەزا قوشقان بولۇپ، سەپ شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلىشىپ قالغان ئىدى، ئۇلار جانلىق ئىپادىسى بىلەن رەقىبىنى 2:3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى.

باشقا كوماندىلارنىڭ سۈرىتى كېيىنكى ساندا يوللىنىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 19:23:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كوماندىلارنىڭ ئىسىمى چىرايلىق كەن   ئۇزىنىڭ كىيىمى بولغان بولسا تىخىمۇ ياخشى چىقاكەنتۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 19:35:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان بىرلەشمىسى ئاڭلىماققا خېلى مۇكەممەل بىرلەشمىكەن ئاللا كۈرۈشكە نىسىپ قىلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 21:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش مىللىتىمىزنىڭ پۇتپۇلى تېخمۇ تەرەققى قىلىپ كەتكەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 21:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىيا  3-0  فارخال  بولغانغۇ  .  بولسا   كوماندىلارنىڭ   دەرىجىسىنى  بىر  يوللىغان   بولسىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 22:05:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاڭقىل كوماندىسى ھەممىسنىڭ ئالدىغا قاڭقىپ كىتىپتۇيا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 22:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماشىبىنى بار مۇسابىقە بولغان بولسا يۈرەكلىرىگە ئوت كېتەتتى ماھىرلارنىڭ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 22:46:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بىردىن بىر تاماشىبىنى يوق مۇسابىقىمىكىن دەيمەن،ھەييىى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-21 22:59:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىيا ئۈچ توپ ئۇرغان، تۈزىتىپ ئوقۇغايسىلەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-21 22:59:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىيا ئۈچ توپ ئۇرغان، تۈزىتىپ ئوقۇغايسىلەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-21 23:02:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
partizan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 22:46
شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بىردىن بىر تاماشىبىنى يوق مۇسابىقىم ...

‏ئامال يوق، مۇشۇنچىلىك سورۇن ھازىرلىماقمۇ تەس بولۇۋاتسا ھازىر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 23:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقىدە بوتۇس كەيسە بولامدۇ ؟ ئۆتكۈر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر پەچەت بوتۇس ئەۋەتىپتىكەن          ئىتتىپاق كۇماندىسى ھەجەپ سەت ئۇتتۇرۇپتا ؟  قاڭقىلنىڭ چىمپىيون بولىشى ئېنىق بوپقاپتىمۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:07

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش