- تىزىملاتقان
- 2012-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5087
- نادىر
- 6
- يازما
- 5087
|
4-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردىن 21-كۈنى سەھەرگىچە(ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە)ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 34-ئايلانما مۇسابىقىسى داۋاملىق ئوينالدى،19-چىسلا كۈنى مادرىد ئاتلىتىكا ئۆز مەيدانىدا 0گە قارشى 2نەتىجە بىلەن ئىلچىنى يەڭگەن ئىدى،بۈگۈن سەھەردە بارسىلونا ئۆز مەيدانىدا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلاردىن بىرى بولغان بىلبائو ئاتلىتىكا بىلەن مۇسابىقىلەشتى،ئالدىنقى قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بىلبائو ئاتلىتىكا ئۆز مەيدانىدا 0گە قارشى 1نەتىجە بىلەن بارسىلونانى ئۇتقان ئىدى،بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىككىلا تەرەپ كەسكىن ئېلىشتى،ئالدىنقى يېرىم مەيدان0-0ئاخىرلاشتى،كېيىنكى يېرىم مەيداندا بىلبائو ئاتلىتىكا ماھىرى ئادۇلىز بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى،كېيىن بارسىلونادىن پىدرو ،مىسسىلار 3مىنۇت ئىچىدە 2توپ ئۇرۇپ مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇردى،بارسىلونا بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندىكى مادرىد ئاتلىتكىدىن 4نومۇر پەرق بىلەن ۋاقتىنچە ئىككىنچى ئورۇنغا چىقتى(مادرىدتىن بىر مەيدان ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋالدا)،مىسسىنىڭ بىرلەشمىدىكى ئۇرغان توپى 26گە يېتىپ مەرگەنلەر رەت تەرتىۋىدە يەنىلا 3-ئورۇندا تۇرماقتا. رىئال مادرىدنىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى بولغاچقا بىرلەشمە مۇسابىقىسى 5-ئايغا كىچىكتۇرۇلدى.
ئۇندىن باشقا ئوينالغان مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە(ئالدىدىكىسى ساھىبخان كوماندا):
لىۋانتى0-0گىتاف
رىئال جەمئىيەت2-1ئىسپانىيىلىكلەر
ئارمىلىيە2-4سىرتا
بالىكانو3-1رىئال بېتىس
سىۋىللا4-0گىرانادا |
|