akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 42

ئىنگىلاند بىرلەشمىسى35-ئايلانمىسى(داۋامى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SERSAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 11:44  

نورۋىچ2-3لىۋىرپول

4-ئاينىڭ20-كۈنى دىيارىمىز ۋاختى سائەت 17دە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى لىۋىرپول بىلەن نورۋىچ ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى .مۇسابىقە باشلىنىپ 4.مىنۇتىدا لىۋىرپول ھۇجۇم قوزغاپ يىتىلۋاتقان كىچىك چولپان سىتىرلىڭنىڭ چەكلەنگەن رايوننىڭ سىرتىدىن بىرتوپ ئۇرشى بىلەن 1-0ئۈستۈنلىككە ئۆتتى.ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۈتۈپ11مىنۇت بولغاندا لىۋىرپول يەنە ھۇجۇم قوزغاپ سىتىرلىڭنىڭ سول تەرەپتىن تاشلاپ بەگەن پېسىنى سۇيارىز ئەپچىللىك بىلەن ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0 گە ئۆزگەرتتى.ئالدىنقى يىرىم مەيدان 2-0 ئاياغلاشتى.سۇيارىز بىرلەشمىدىكى 30-توپىنى ئۇردى
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلدى،مۇسابىقە داۋاملىشىپ54مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا نورۋىچ مۇداپىيىچىسىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن تاشلىغان توپى قاپقىچى مىڭنولىتنىڭ سەۋەنلىكىدىن نورۋىچ كوماندىسىكى سىنودگراس بىر توپ قايتۇرۋالدى.
مۇسابىقە62.مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا سىتىرلىڭ قارشى تەرەپ پاسلىغان توپنى تارۋىلىپ ئۆزى ئاپرىپ ئۇردى ،بۇ توپ نورۋىچ مۇداپىيەچىسىنىڭ پۇتىغا تىگىپ قاپقىچىنىڭ بىشىدىن ئۆتۈپ ۋارتارغا چۈشۈپ ئۇتۇشقا ئاساس سالدى نەتىجە3-1.مۇسابىقە داۋاملىشىپ77مىنۇت بولغاندا نوۋىچ ئەزاسىنىڭ سول تەرەپتىن تاشلىسى بىلەن يەنە شۇ سىنودگىراس بىر توپ قايتۇرۋالدى،نەتىجە 3-2،شۇنداق قىلىپ لىۋىرپول مىھمان مەيداندا3نۇمۇرنى قولغا كەلتۇرۇپ چىمپىيۇنلىققا تېخىمۇ يىقىنلاشتى ھەم بىرلەشمىدە 11ئايلانما ئۇدا ئۇتتى.لىۋىرپولنىڭ بۇ مەيداندىكى 3توپى بىلەن بىرلەشمىدە ئۇرغان توپى 96گە يىتىپ 100 توپ بولۇشقا پەقەت 4توپلا قالدى مىنىڭچە 100توپقىمۇ ئاز كۈنگە قالماي يىتىدۇ.
لىۋىرپول 5 يىلدىن كىيىن ئاخىرى ئۇزغۇنلۇققا قايتىپ كەلدى،مۇبارەك بولسۇن لىۋىرپول مەستانلىرى.

خۇل شەھرى0-3ئاسىنال

4-ئاينىڭ 20-كۈنى دىيارىمىز ۋاختى سائەت 19:05 مىنۇت ئۆتكەندە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى 35-ئالانمىسى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىسى
خۇل شەھرى بىلەن ئارسىنال ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى.ئۆزىل بىلەن رامسىي يالاندىن كىيىن تۈمجى قىتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشتى.مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىلى تەرەپ قىلغان ياخشى ھۇجۇملار قاپقىچىلار تەرەپلىردىن بىتچىت قىلىندى،مۇسابىقىنىڭ 31-مىنۇتىدا كازولانىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئالدىدا بەرگەن پىسىنى رامسىي ئۇرۇپ كىرگۇزۇپ نەتىجىنى 1-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى.ئارلىقتا خۇل شەھرى ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ ئارسىنالنىڭ مۇداپىيەسىدىن ئۆتەلمىدى.مۇسابىقىنىڭ 45-مىنۇتىدا گرۇدنىڭ ئوڭدىن تاشلىغان توپىنى رامسىي مەيدىسىدا توخــتىتىپ يەرگە چۈشۈپ بولغىچە پودولىسكى ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0  ئۆزگەرتىپ ئالدىنقى مەيدان ئاياغلاشتى.
مۇسابىقە كىيىنكى مەيدانغا قەدەم قويۇپ 54مىنۇت بولغاندا كازولانىڭ سولدىن پاسلىشى رامسىي ئۇرغان توپ قاپقىچىغا تىگىپ ياندى بۇ توپنى پودولىسكى ئۇرۇپ نەتىجىنى 3-0گە ئۆزگەرتتى.64مىنۇت بولغاندا گىرۇد بىر توپنى ئىسراپ قىلۋەتتى،بۇ ئارسىنالنىڭ 1.ئاينىڭ ياقى ئۇدا 2ئايلانما ئۇتىشى .ئارسىنال70 نۇمۇر بلەن ۋاخـتىنچە 4-ئورۇندا.

ئىۋىرتون2-0 مانچىستىر بىرلەشمىسى

4-ئاينىڭ20-كۈنى دىيارىمىز ۋاختى 21:10 ئۆتكەندە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىۋىرتون ئۆز مەيدانىدا مانچىستىر بىرلەشمىنى كۈتۋالدى.مۇسابىقە باشلىنىپ26-مىنۇت بولغاندا لۇكاكۇنىڭ تەپكەن توپى چەكلەنگەن رايون ئىچىدەمانچىستىر مۇداپىيەچسىسى جونىسنىڭ قولغا تىگىپ بىر نۇقتا توپ قويۇپ بىرىلدى ،بۇ توپنى ئىۋىرتون توپچىسى بەينىس ئۇرۇپ كىرگۇزدى.
نەتىجە1-0، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 43مىنۇت بولغاندا ئىۋىرتون توپچىسى مىراللىس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0 كە ئۆزگەرتتى.مۇسابىقىنىڭ86.مىنۇتىدا رونىي شۈنداق ياخشى پۇرسەتتىن بىرسى كىلىپ بۇ توپنى ئىۋىرتون قاپقىچىسى خوۋارد توسۋالدى، مۇسابىقە 2-0 ئاياغلاشتى.مانچىستىر بىرلەشمىسى كىيىنكى پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقتىن خوشلاشـتى ھەم 44يىلنىڭ ياقى تۇنجى قېتىم ئىۋىرتونغا قوش بوغۇزلاندى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 11:32:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-21 11:37:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 11:32
مۇسابىقىنى 65 مىنۇت بولغاندا كۆرۈپتىمەن ئۆزىل ئالمىشىپ ...

ھە ئە ئۆزىل بىلەن فىلامىنىنى ئالماشتۇردى،ئىشقىپ ياخشى ئوينىدى ئۆزىل. رامسىي ئۇغان توپتا ئۆزىلنىڭمۇ تۆھپىسى بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 11:40:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيداندا ىۆزىلنى ىانچە گۇرگىلى بولمىدى   ىارسىنال بىر مەيدا پۇتلاشسىلا ىېۋىرتون ىالدىغا ىۇتۇۋالدۇ

ىارسىنال  بىرە يىل چېنىقىپ تۇرسۇن بىر ساننى ىاۋارە قىماي ىېۋىرتون قاتناشسۇن ىۇزغۇنلۇققا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 11:41:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 11:43:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىرپولنىڭ يوللانماپتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-21 11:47:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمبۇلاق يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 11:41
ئارسىنالنىڭ ئىككى ئورۇنغا يوللىنىپ قاپتۇ..... لىۋرپولنى ...

تەھرىرلىۋەتتىم رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 11:51:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما مويىس دىگەن سېرىق تۈكنى قوغلىۋەتمىسە بولماپتۇ قۇرۇق توپ كونتىرول قىلغان بىلەن مۇداپىيەسى ياخشى كوماندىغا ئۇچراپ قالسا مۇشۇنداق يەيدىغان گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-21 11:53:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋچى312 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 11:51
ما مويىس دىگەن سېرىق تۈكنى قوغلىۋەتمىسە بولماپتۇ قۇرۇ ...

مىنىڭچە ئەدەم ئورۇنلاشتۇرشى بولمايدىكەن بۇنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 12:00:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋچى312 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 11:51
ما مويىس دىگەن سېرىق تۈكنى قوغلىۋەتمىسە بولماپتۇ قۇرۇ ...

ئۆزى بىلەنلا كەتمەي ماۋۇ ئارسىنالنىڭ يولىغا كۆتەك قۇيدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 12:10:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏كىچىك چولپان سىتىرلىڭ بەك تەمكىن ئۇينايدىكەن،قىزىل ئارمىيە ئۈزىنى قەپ قىزىل قانغا بۇياپ ئۇزغۇنلۇققا قايتىپ كەلدى. جىرراد ئۈچۈن خۇش بۇلدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-21 12:17:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 11:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش