ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-20 22:41
بىر ھەپتىدەك مۇنبەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشى سەۋەپلىك تۈركىيە بىرلەشمىسى خەۋىرىنىڭ داۋامىنى يوللىيالماي قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ تۇلۇق يوللاي دېگەن مەقسەتتە ئارلىقتىن بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ يەنە داۋامىنى يوللىدىم.
گالاتاساراي 1 _ 0 فەنەرباغچە
ئالدىنقى ھەپتىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيە دىربىسىنىڭ بىر مەيدانى مۇسابىقىسىدە گالاتاساراي فەنەرباغچىنى مەغلپ قىلدى. (بۇ تېما شۇ ۋاقىتتا يوللانغان).
بۇرسا تەنتەربىيەسى 4 - 3 سىۋاس تەنتەربىيەسى
بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 3 مىنۇت بولغاندا سىۋاس توپچىسى جون ئوتاكا بىر توپ ئۇرۇپ بۇرسانىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. 6 مىنۇتتىن كىيىن يەنى 9 مىنۇت بولغاندا بۇرسا توپچىسى فېرناندو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. يەنە 2 مىنۇتتىن كىيىن بۇرسا توپچىسى سىېتەك بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 34 مىنۇت بولغاندا سىۋاس توپچىسى بۇرھان ئەشەر كەينى-كەينىدىن 2 توپ ئۇردى. يەنە 3 مىنۇتتىن كىيىن يەنى 39 مىنۇت بولغاندا بۇرسا توپچىسى فېرناندو بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە شۇنداق كەسكىن داۋاملاشتى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 69 مىنۇت بولغاندا بۇرسا توپچىسى فېرناندو 3-توپىنى ئۇرۇپ قالپاق كەيدى. شۇنىڭ بىلەن نەتىجە ئۆزگەرمەي بۇرسا غەلبە قىلدى.
بەشىكتاش 2 - 1 قەيسەرى تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندا بەشىكتاش كوماندىسى بۇ ئايلانمىدا ئاتا تۈرك ئولىمپىك مەيدانىدا قەيسەرى تەنتەربىيەسى بىلەن ئۇچۇراشتى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ تاكى 44 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش ھۇجۇمچىسى ئولجاي شاھان بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 69 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش توپچىسى ئوغۇزخان ئۆزياقۇپ بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىگە ئاساس سالدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىش پەيتىدە يەنى 90 مىنۇت بولغاندا قەيسەرى توپچىسى ئوكاي يوكۇشلۇ بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ يەنىلا بەشىكتاش غەلبە قىلدى.
تىرابىزۇن تەنتەربىيەسى 3 -0 ياشلار بىرلىكى
بىرلەشمىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك كوماندا تىرابىزۇن كۇلۇبى ئۆز مەيدانى ئاۋنى ئاكەر مەيدانىدا ياشلار بىرلىكى كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 25 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا تىرابىزۇن توپچىسى ئاردىيان مېرجېۋىسكى بىر توپ ئۇرۇپ ياشلار بىرلىكىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي ئالدىنقى مەيدان شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 75 مىنۇت بولغاندا تىرابىزۇن توپچىسى پاۋلۇ بىر توپ ئۇردى. 86 مىنۇت بولغاندا تىرابىزۇن توپچىسى يۈسۈف ئەردوغان بىر توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى.
ئانتالىيا تەنتەربىيەسى 1 - 1 توركو كونيا تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 17-ئۇرۇندا تۇرۋاتقان ئانتالىيا ئۆز مەيدانى ئاق دېڭىز ئۇنۋېرسىتتىتى مەيدانىدا توركو كونيانى كۈتىۋالدى. بۇ مەيداندا ھەرئىككى تەرەپتىن بىردىن توپ ئۇرۇپ تەڭلىشىپ قالدى.
ئەرجىيەس تەنتەربىيەسى 3 - 0 ئەلازىغ تەنتەربىيەسى
ئەرجىيەس تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانىدا ئەلازىغ تەنتەربىيەسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 4 مىنۇت بولغاندا ئەرجىيەس توپچىسى ئېدىنخو بىر توپ ئۇردى. 17 مىنۇت بولغاندا ئەرجىيەس تەنتەربىيەسى يەنە بىر توپ ئۇردى. 44 مىنۇت بولغان ئەرجىيەس تەنتەربىيەسى 3-توپىنى ئۇرۇپ غەلبە قىلدى.
گازىئەنتەپ تەنتەربىيەسى 2 - 2 قاسىم پاشا
گازىئەنتەپ تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانىدا قاسىم پاشا كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا گازىئەنتەپ تەنتەربىيەسى توپچىسى مۇستافا دۇراك بىر توپ ئۇردى. 33 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى رىيان بىر توپ ئۇردى. 37 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى ئوسكار سىكارىيون بىر توپ ئۇردى. ئالدىنقى مەيدان 45 مىنۇت بولغاندا گازىئەنتەپ تەنتەربىيەسى توپچىسى ھارىس مەدۇنجانىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرمەي 2 دە 2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.
چايقۇر رىزە تەنتەربىيەسى 0 - 1 قارابۈك تەنتەربىيەسى
چايقۇر رىزە تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانى يېڭى رىزە پۇتبول مەيدانىدا قارابۈك تەنتەربىيەسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كىرمىدى. كىينكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا قارابۈك تەنتەربىيەسى توپچىسى فۇرقان ئۆزچال بىر توپ ئۇرۇپ، كىينكى ۋاقىتتا نەتىجە ئۆزگەرمەي چايقۇر رىزە تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانىدا مەغلۇپ بولدى.
ئاكھىسار تەنتەربىيەسى 0 - 0 كوناشەھەر تەنتەربىيەسى
ئاكھىسار تەنتەربىيەسى ئۆز مەيدانى مانىسا 19-ماي مەيدانىدا كوناشەھەر تەنتەربىيەسىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەرئىككى تەرەپ كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ 90 مىنۇت جەريانىدا بىرمۇ توپ كىرمەي تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
|
|