- تىزىملاتقان
- 2007-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1437
- نادىر
- 1
- يازما
- 1437
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-20 21:47
ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان، ئەسەبى مەشقاۋۇل، لوڭقا تەلۋىسى مورىنخونىڭ ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ساھىپخان مەيداندىكى ئۇتتۇرماسلىق رىكورتى دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدا كۈرەش قىلىۋاتقان قارا مۈشۈك ساندىرلان تەرپىدىن بىچىت قىلىندى. ساندىرلان بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى مەغلۇبىيەت چېلسى كۇلۇبىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسى ئۈمىدىنى بىر بالداق سۇسلاشتۇرىۋەتتى.
2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدىن 2013-2014 مۇسابىقە پەسلىگىچە بولغان ۋاقىتتا مورىنخو ئىلگىرى-كىيىن ئىككى قېتىم چېلسى كۇلۇبىنىڭ قامچىسىنى قۇلىغا ئالدى، ۋە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئىرىشتى. 4 پەسىللىق چېلسى كۇلۇبىنى يىتكلەش جەريانىدا مورىنخو سىتامفورت كۆرىكى مەيدانىدا ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان. تا ھازىرغىچە 77 مەيدان ساھىپخان مۇسابىقە ئوينىغان بۇلۇپ 61 ئۇتۇق، 16 تەڭلىشىش، 231 نۇمۇردىن 199 نۇمۇر ئېلىشتەك قالتىس نەتىجىنى بەربا قىلغان.
مورىنخونىڭ ساھىپخان مەيداندىكى ئۇتتۇرماسلىق رىكورتىنى ئۇ دەسلەپتە مەشقاۋۇللۇق قىلغان پۇرتو كۇلۇبىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ. 2001-2002-مۇسابىقە پەسلىدىكى ئاخىرقى 5 مەيدان ساھىپخان مۇسابىقىدىن باشلاپ ئۇتتۇرماسلىق رىكورتىنى يىڭىلاشقا باشلىغان. مورىنخو مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدا پەقەت 5 مەيدانلا ساھىپخان مەيداندا ئۇتتۇرىۋەتكەن. ئۇلار 2002-يىلى 2 ئايدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىلاما كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋەتكەن. پورتودىكى ئاخىرقى 5 مەيدان ساھىپخان مۇسابىقىدىن باشلاپ مورىنخو ئىلگىرى-كىيىن پورتو، چېلسى، ئېنتىرنى يىتەكلىگەن 10 يىل جەريانىدا ساھىپخان مەيداندا پەقەت ئۇتتۇرۇپ باقمىغان. مورىنخو خانلىق مادرىد قامچىسى قۇلىغا ئالغان 3 پەسىل ئىچىدە 3 قېتىم، ئىلگىرى -كىيىن بۇلۇپ شىخۇڭ رىقابەت، ساراگوزا، بارسېلونا كۇلۇپلىرىغا ئۇتتۇرىۋەتكەن. بۈگۈن ئەتتىگەن ئوينالغان ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 35-ئايلانما مۇسابىقىدە يەنە بىر قېتىم ئۇتتۇرىۋەتكەن. بىراق بۇ مەغلۇبىيەت مورىنخونىڭ ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ھاياتىدىكى تۇنجى ساھىپخان مەيدان مەغلۇبىيتى بۇلۇپ ھىساپلانغان.
|
|