- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-25
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 1671
- نادىر
- 1
- يازما
- 1671
 
|
ئۇ تولۇق ئەسلىگە كەلدى، بىراق بايرىن بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولماسلىقى مۇمكىن.

(بۈگۈنكى «ماركا گېزىتى»مۇقاۋىسى: كرىستىئانو بىلەن كۇرتۇۋا گۇاردىئولانىڭ بايرىن كوماندىسى بىلەن مورىنىيونىڭ چېلسى كوماندىسى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشالايدۇ.)
كرىستىئانو رونالدو بايرىن ميۇنخىن بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىپ بولدى. ئۇنىڭ سول يوتىسىدىكى 1.5 سانتىمېتىرلىق يىرىق ئاساسەن ساقىيىپ بولدى. رېئال مادرىد مەستانىلىرىنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ ئالتۇن توپ چولپىنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كوماندىغا ياردەم قىلالايدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقالايدىغان چىقالمايدىغانلىقى يەنە كۆزىتىشكە مۇھتاج.
ئۇنىڭ تىز ۋە مۇسكۇل يارىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان پەي ياللۇغى ئاساسەن كوماندا دوختۇرىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا. رونالدونىڭ يەنە مەيدان سىرتىدا ياكى زاپاس ئەزالار قاتارىدا تۇرۇپ كوماندىسىنىڭ باشقا مۇسابىقىلىرىنى كۆرگۈسى يوق. ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ ئايانكى، ھازىرقىدەك چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى ۋە دۇنيا لوڭقىسى ھارپىسىدا، ھەر قانداق يارىلىنىشنىڭ ئىنتايىن ئىغىر ئاقىۋەت ئىلىپ كېلىدۇ.
بەخىتكە يارىشا، بۇنداق خەتەرنىڭ ئېھتىماللىقى ھازىر بارا-بارا تۆۋەنلەشكە باشلىدى، رونالدو ھازىر كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ قوشالايدىغان بولدى. بۇ توپچى قوراللىرىنى بەتلەپ مەيدانغا چىقىپ توپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. بۇ ئۇنىڭ ئۇدا تۆتىنچى قىتىم ياۋرۇپا چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى، ئالدىنقى ئۈچ قىتىم ئۇنىڭ كوماندىسى دەل مۇشۇ يەردە يەر چىشلەپ يىتىپ قالغان، ئۇ ھەرگىزمۇ يەنە بۇنداق بولۇشىنى خالىمايدۇ.
ئەگەر ھازىردىن باشلاپ چارشەنبە كۈنىگىچە باشقا ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسە، CR7 مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى بېرنابۇدا دورتمۇند كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن باشلاپ 21 كۈندىن كېيىن توپ مەيدانىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇ ئاۋۋال تىز يارىسى كېيىن مۇسكۇل يىرتىلىش سەۋەبلىك بولۇپ ئۈچ ھەپتە مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى. بۇ ۋاقىتتا كوماندا شاھلىق لوڭقىسى چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەننى قوشۇپ ئۈچ مەيدان غەلبىگە ئېرىشتى، ۋە دورتمۇند بىلەن بولغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدى.

مەنبە: «ماركا گېزىتى» |
|