- تىزىملاتقان
- 2011-6-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-23
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 4715
- نادىر
- 9
- يازما
- 4715
  
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-22 09:39
2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىكلىدە مەن پۇتبولغا رەسمى قىزىقىپ قالغان ئىدىم... ئۇ ۋاقىتلاردا پۇتبولغا بولغان چۈشەنچىممۇ ھازىرقىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىدى . مەن بىرازىلىيە ، ئىتالىيە ، گېرمانىيە ، ئارگىنتىنا ، فىرانسىيە ،ئىنگىلاند چۇقۇم مۇشۇ ئالتە دۆلەتلنىڭ بىرى چېمپىيون بولۇدۇ دەپ ئويلايتتىم... ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە بۆسۈپ كىرىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم لىكىن ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىككى كوماندا رەقىپلىرىنى بىر-بىرلەپ مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشتى . شۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تولۇمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى...مۇسابىقە جەريانىدا سېرىق كارتىلارمۇ كۆپ چىققان ئىدى بولۇپمۇ كاسىللاسنىڭ روبىننىڭ يەكمۇ -يەك توپىنى توسۇۋالغىنى ، سىنەيدىرنىڭ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى كۆز يېشى ... ئىنىستانىڭ 115 مىنۇت بولغاندا توپ ئۇرۇپ مەيدانىنى بېشىغا كىيىشى ...مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ تەنتەنە قىلىشلىرى ، گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئېچنىشلىق ھالىتى ھېلى ھەممۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ بۇ مەنزىرىلەر نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە مەھكەم ئورناپ كەتتى ئىشقىلىپ ھەقىقى قىززىپ قويغان مۇسابىقە ئىدى ...2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى داۋاملىق بىزگە يېقىنلىشىپ كەلمەكتە ! ئاللا خالىسا يەنە شۇنداق ھاياجانلىق مىنۇتلارنى كۆرىدىغان ۋاقىتقىمۇ ئاز قالدى . 
بۇ فىلىمدە شۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن قېنى ئەمسە شۇ ۋاقىتنى يەنە بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى !
|
|