- تىزىملاتقان
- 2013-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2464
- نادىر
- 1
- يازما
- 2464
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 19:42
بىر مەھەل ياشناپ دەۋىر سۈرگەن خاندانلىقنىڭ ئۆزلىرىگە لايىق سۈپەتتە بولۇنمىغان سۈپەتلىرىنى قوبۇل قىلىش مەستانىلەرگە ئۇنچە ئوڭاي توختىمايدۇ ئەلۋەتتە. لىكىن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ئىشلار ئۇنچە يامان خاراكتىرلىك ھالەتتىمۇ ئەمەس.
پەسىل بىشىدىكى بىرلەشمە بولسۇن ياكى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقىدا بولسۇن مۇقىم بولغان ياخشى ئىپادىسى
بارسانىڭ بىز مەستانىلەرگە تەقدىم ئەتكەن ئەڭ ياخشى سوۋغىسى بولۇپ قالدى. دىربىدا ھەقىقى مادىردنى قوش بوغۇزلاشنىڭ ئۆزىمۇ كىشىنىڭ بىر پەسىللىك ھاردۇقىنى چىقىرىشقا يىتىپ ئاشىدۇ. گەرچە شاھلىق ھەل قىلغۇچتا يىڭىلىپ قاراپ تۇرۇپ بىر لوڭقىدىن قۇرۇق قىلىش كىشىگە ئەلەم قىلسىمۇ، ئۆزىمىزنى بەزلەشكە يىتىدىغان تەرىپى بولسا ‹مۇداپىيە سىپىمىز پالەچ ھالەتتە تۇرۇپمۇ ئىچىنىشلىق مەغلۇب بولغۇدەك›ئىشلار بولمىدى. پەقەت بىلىكۇڭنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سۈرئىتىگە تىخى پىشمىغان بىر بىك قاراپ قالغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى بولغان بولدى. ‹ئەسلى بارتىللا دىگەن بالىنىڭ ئورنىدا سەل قاقۋاشراق بىرە بىك بولغان بولسا كەينىدىن پۇت سىلىپ بولسىمۇ ئۇ توپنىڭ كىرىپ كىتىشىدىن ساقلان بولاتتى›لىكىن ئۇنداق بولماي قالدى.
ئۇنڭدىن باشقا ماتلىتكىنىڭ كۈنسىرى ئىشىپ بىرىۋاتقان رىقابەت كچى بىلەن ھەقىقى مادىرىدنىڭ ‹دۇنياۋى دەرىجىدىن تاشقىرى›چولپانلار تولۇپ ياتقان جەڭ ھارۋىسى دەك قوش يۆلنىشلىك رىقابەت ئەندىزىسىدە مۇداپىيە قورغانىمىزنىڭ يىللاردىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولۇپ قىلىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىسپان بىرلەشمىسىدە 3-لىكنى، ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇقتا 4كۈچلۈككىچە چىپىشنى ھىچقاچان قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان نەتىجە ئەمەس.
تۆمۈر لوڭقىنى شان-شەرەپنىڭ بۈيۈك پەللىسى قىلىۋالىدىغان (ئەمەلىيەتتىمۇ يالغان ئەمەس)‹ لوڭقا پەرەسلەر›نىڭ تىلىدا بىرمەزگىل ھەقىقىتى مەجبۇر بۇرمىلانغان تىللاردا چۈشۈرلۈپ يۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ‹ئالەم كىمىسىدىكى›ئەزالارنىڭ ئالەمچە بەختى. تولۇقلاشقا زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە. قالغان ئويۇنلارنىڭ قىسمىتى قانداق بولىدۇ، ئالدىرىماي كۆرمىز تىخى. |
-
ھەممە باھا نومۇرى :
مۇنبەر پۇلى + 50
باھا خاتىرىسى
|