akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3885|ئىنكاس: 51

21 يىل ! رىم شاھزادىسىدىن بۆرە شاھىغىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 00:56  

1.jpg


1993-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ، توتتى تۇنجى قىتىم ئىتالىيە ئادەرىجىلىك پۇتبۇل بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىققان ؛ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ، توتتى سەبدىشىغا ياردەمچى پاس بىرىپ ،كوماندىنىڭ نۇمۇر ئىلىشىغا زور تۆھپە قوشتى . 21 يىل ۋاقىت ناھايىتتى تىزلا ئۆتۈپ كەتتى ، شۇنداق ئىيىتشقا بولىدۇكى ، نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەردى ، ئەمما پەقەت توتتىلا ئۆزگەرمدى ، ئۈستىدىكى قىزغۇچ رەڭلىك جەڭ كىيمى ئۆزگەرمىدى ...

4545.jpg


توتتىي رىم كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچى ، ئۇنىڭ ھىكايىسىنى 21 يىل بۇرۇندىن باشلاشقا توغىرا كىلىدۇ .
1993-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ، رىم كوماندىسى مىھمان مەيداندا بۇرىسىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى . مۇسابىقىنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا ، سەرۋىلىيەدىن كەلگەن باش تىرىنىر بوسكۇف زاپاس ئەزالار ئورنىغا قاراپ قولىنى شەرەتلىدى ، بۇ ۋاقىتتا بۈدۈرە چاچلىق بىر يىگىت ئورنىدىن دەس تۇردى ، ئۇ دەل توتتى ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئاران 16 ياشتا ئىدى .

01200000023787136820965787151.jpg


21 يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى . ئەينى يىللاردىكى كىچىك بالا بۈگۈنكى كۈندە زەبەردەس بىر ئەر كىشىگە ئايلاندى . ئەينى ۋاقىتتىكى قىز بۈگۈنكى كۈندە ئانىغا ئايلاندى ، ئەمما باشتىن ئاخىر ئۆزگەرمىگىنى يەنىلا ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى رىمنىڭ قىزغۇچ رەڭلىك جەڭ كىيمى ئىدى .
مىلاننىڭ قىزىقتۇرۇشلىرى ، مادىرىتنىڭ تەكلىپلىرى ،ھەتتا كۆز ئالدىدىكى شان-شۆھرەت ۋە پۇلنىڭ ئىزىقتۇرۇشلىرى ئالدىدىمۇ ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ، بارلىقىنى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن قىزغۇچ رەڭگە ئاتىدى .
ھازىرقى توتتى بۇرۇنقىدەك ياش ئەمەس ، ئەمما ئۇ ئاللىقاچان رىمنىڭ رىۋايىتىگە ئايلاندى ،701 مەيدان مۇسابىقىدە 228 توپ كىرگۈزدى ، ئۇ رىم تارىخدىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچى !


7575.gif


رىم رەئىسى پالوتا ئىنىق قىلىپ ، توتتىنىڭ 10-نۇمۇرلۇق مۇسابىقە كىيمىنى پىچەتلەپ ئىشلىتىشتىن توختىدىغانلىقىنى ، بۇ ئارقىلىق كۇلۇپنىڭ توتتىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىيتتى . توتتى بۇ شەرەپكە لايىق ، بۇ سوۋغا توتتى ئۈچۈن ئالتۇن توپتىنمۇ ئەۋزەل !

7575.jpg


توتتى كەسپى ھاياتىنىڭ ئاخرىقى ۋاقىتلىرىدا بۇ قىتىمقى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ ، كۆك رەڭلىك جەڭ كىيمىنى يەنە بىر قىتىم كىيىپ زەپەر قۇچۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇنىڭدا پىراندىلىنىڭ پوزىتسىيسىگە قاراشقا توغرا كىلىدۇ .
ئەگەر توتتى بۇقىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالىسا ، بۇ ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ مۇكاپات ھىساپلىنىدۇ ، شۇنداقلا مەستانىلىرىمۇ ناھايىتتى ھاياجانلىنىدۇ . ھەممىمىز ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز!



فىرانسىسكو توتتى


15895.jpg


فىرانسىسكو توتتى 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىتالىيەنىڭ رىمدا تۇغۇلغان ، مەيداندىكى ئورنى ئالدى بەل ياكى ھۇجۇمچى ، كەسپى ھايتى ئىتالىيەنىڭ رىم كۇلۇبىدا ئۆتكەن . توتىنىڭ نەزەر دائىرسى ناھايىتتى كەڭ بولۇپ ، توپ يەتكۈزۈشى ناھايىتتى ئەتىراپلىق  ، ئىختىيارى توپ ئۇرۇش تىخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، يەنە «رىم شاھزادىسى » دىگەن چىرايلىق نامى بار.

19300001024098134769467941248.jpg


كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولسا ، 2006-يىلىدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادىروسى سۈپىتىدە ، كوماندىنى يىتەكلەپ ، دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن ۋاقىتلار بولۇپ ، يەنە  06/07-مۇسابىقە پەسلىدە ياۋرۇپا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشتى .2013-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى رىم كۇلۇپ تەرەپ ، توتتى بىلەن يىڭى توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئىلان قىلدى ، شۇ يىلى 37 ياشقا كىرگەن توتتىنىڭ توختامى 2016-يىلى توشىدىغان بولۇپ ، ئۇ ۋاقىتتا توتتى رىم ئۈچۈن 24 يىل توپ تەپكەن بولىدۇ .

d041a4a12872b9fb46106471.jpg


ئىسمى : فىرنسىسكو توتتى
Francesco Tottiچەتئەلچە ئىسمى  :
يەنە بىر نامى : رىم شاھزادىسى
دۆلەت تەۋەلىكى : ئىتالىيە
مىللىتى :ئىتالىيان
تۇغۇلغان جايى : رىم
تۇغۇلغان ۋاقتى :1976-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
بوي ئىگىزلىكى :180 سانتىمىتىر
بەدەن ئىغىرلىقى : 82 كىلوگىرام
تەنتەربىيە تۈرى : پۇتبول
تەۋە كوماندا : ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ، رىم كوماندىسى
ئاساسلىق نەتىجىلىرى :
2000/2001-مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە ئادەرىجىلىك بىرلەشمە چىمىيۇنى
2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى
2006/2007-مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى
2007-يىلى ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى
2010-يىلى ئالتۇن پۇت مۇكاپاتى
قان تىپى :  ئا
مەيداندىكى ئورنى : ئالدى بەل ، ھۇجۇمچى
كىيىم نۇمىرى : 10-نۇمۇر


a22a9afbd2164e209bdd5a3fbff0e37c.jpg


1.قىسقىچە ئەھۋالى

ئائىلە ئەھۋالى

توي قىلغان ۋاقتى :2005-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئايالى : لىلايىر بىلاسى
ئوغلى : كىرىستىيان بىلاسى توتتى (2005.11.6)
قىزى : چانىل بىلاسى توتتى  (2007.5.13)

تۇرمۇشتىكى ھەۋىسى
قىزىقىشى : سەتكە توپ ، پ س  پۇتبۇل ئويۇنى
كىتاپ : سىتىفىن كىڭنىڭ ئەسەرلىرى
يىمەكلىك : ئىتالىيە چۆپى ، ئىتالىيە قاتلىمىسى
كىنو : ئىتالىيە كومىدىيلىك فىلىملىرى
مۇزىكا : كىلاسسىك مۇزىكىلار
تىلۋىزىيە پىروگىراممىسى : ئىتالىيە پۇتبۇل قانىلى


aa251d4f2961677aaec3ab7b.jpg


چوڭ مۇسابىقىلەردە كىرگۈزگەن توپى

مۇسابىقە                       مەيدان سانى            كىرگۈزگەن توپى
ئىتالىيە ئۇ 21                    8                       4
ئىتالىيە كوماندىسى               58                      9
ياۋرۇپا ئۈچ چوڭ مۇسابىقە         86                      36
        ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى   50                     15


qjwb20060711c0008v01b006.jpg


2.تىخنىكا ئالاھىدىلىكى

ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى : 10 نۇمۇر

توتتى ھەر قانداق ئورۇندىن ھۇجۇم قىلالايدۇ ، چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىن ھۇجۇم قىلىش ، ئالداپ ئۆتۈپ توپ ئۇرۇش ، يىراقتىن توپ ئۇرۇش ، ئۆرلىتىپ توپ تاشلاش ، ئىختىيارى توپ ئۇرۇش ، بانان شەكىللىك توپ ئۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تىخنىكىسى ناھايىتتى مۇكەممەل .

توپ يەتكۈزۈش : 10 نۇمۇر

ھەر قانداق ئورۇنغا ، ھەرقانداق ئورۇندىن توپ يەتكۈزەلەيدۇ ، توتتىنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان ئورنى ھۇجۇم بولماستىن بەلكى ئالدى بەل ئورنى بولۇپ ، ئەتىراپلىق توپ يەتكۈزۈش ماھارىتىگە ئىگە .

توپ ئىلىپ مىڭىش : 8 نۇمۇر

توتىنىڭ توپ ئىلىپ مىڭىشىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتتى چەپدەس .

سۈرئەت : 7 نۇمۇر

توتىنىڭ سۈرئىتى ئانچە تىز بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۆزگە خاس بولغان مەيدان خاراكتىرىنى ئىگىلىگەن .

باش توپ : 7 نۇمۇر

توتتىنىڭ ئالاھىدە باش توپ ماھارىتى بولمىسىمۇ ، ئەمما ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ، مەيلى ۋاراتارغا باش توپ ئۇرۇش بولسۇن ياكى ، باشتا پاس يەتكۈزۈش بولسۇن ، ئۇ ھەممىنى قىلالايدۇ .


Francesco_Totti_c800x600.jpg


3.مۇناسىۋەتلىك نەشىر بۇيۇملىرى

2002-يىلى ، «فىرانسىسىكو توتتى – يىڭىدىن گۈللەنگەن خاندانلىق » -- رىم كۇلۇبى نەشىرياتى نەشىر قىلغان . ئۈچ نەپەر مۇخپىر بىرلىكتە تاماملىغان .
2003-يىلى 6- ئاي ، «توتتى يۇمۇرلا توپلىمى » --موندادورى نەشىرياتى نەشىر قىلغان ، كىرگەن كىرىمنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىغا ئىئانە قىلغان .( توتتى بالىلار فوندىنىڭ ئەلچىسى بولغان ).
2006-يىلى ،  «چۈمۈچ تەپكىنىمىنى كۆر» -- موندادورى نەشىرياتى نەشىر قىلغان ، بىر مۇخپىر توتىنىڭ سۆزلىگىنىگە ئاساسەن تاماملىغان . توتتىنىڭ كەسپى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك كىچىك كىتاپچە .
2007-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ، «تۇرمۇشۇم ، كىرگۈزگەن توپلۇرۇم» --توتتىنڭ 30 يىللىق ھاياتى ، كەسپى ھاياتى ، شەخسى تۇرمۇش سۆزلەنگەن .
2009-يىلى . «بالىلار بىلەن بىرلىكتە توۋلايلى» --- توتىنىڭ مىيىپ بالىلارغا ياردەم قىلىپ ، ئادەتتىكى بالىلار بىلەن توپ تەپكۈزگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.


01300000203600121645104944223.jpg


4.كەسپى ھاياتى

ئىتالىيەدە ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان كۈلكىلىك بىر ئىش يۈز بەرگەن ، 2000-يىلى  ئىتالىيە پارلامىتى نامسىز بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ، پارلامىت رەئىسىنى سايلاپ چىقماقچى بولغان ، بىلەت يىغىپ ھىساپلايدىغان ۋاقىتتا ، بىلەت ئارىسىدىن توتتىنڭ ئىسمى يىزىلغان بىلەتلەر چىققان ، بۇ ۋاقىتتا بىلەت ھىساپلىغۇچىلار چىداپ تۇرالماي ، قارىغاندا پارلامىتتا رىم كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى خىلى بار ئوخشىمامدۇ ، دىگەن . ئەتىراپتىكى پارلامىت ئەزالىرى ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكىدەك كۈلۈشىپ كەتكەن .
توتتى 13 ياش ۋاقتىدا رىم كۇلۇبىغا قوشۇلغان ، ئۇ ئىزچىل رىم كۇلۇبىدىن ئايرىلمىغان ، شۇ سەۋەپلىك ، «رىم شاھزادىسى ؛ دىگەن چىرايلىق نامغا ئىرىشكەن . ئۇزۇن ئۆتمەي توتتى رىم كۇلۇبى بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك توختامغا ئىرىشكەن ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بارلىقىنى رىم كۇلۇبىغا بىغىشلاشقا تەييارلانغان.  قىزىقىرارلىق يىرى ، توتتى 16 ياش ۋاقتىدا ، رىم ياشلار  كوماندىسىنى باشلاپ ، ئاس مىلان ياشلار  كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ،  ئىتالىيە ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن ، بۇ ۋاقىتتا مىلان تەرەپ توتتىنى سىتىۋىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، بۇ سودا توتتىنىڭ ئانىسىنڭ  بىر ئىغىز گىپى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان ، ئانىسى : سەۋەپ ناھايىتتى ئاددى ، ئوغلۇم رىمنىڭ سادىق توپ مەستانىسى ، دىگەن .

4692365250518074998.jpg


ئىككىنجى سەپ كوماندىدىكى ۋاقتىدا توتتى ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ئالاھىدە تالانتى بىلەن ، 1992-يىلى رەسمى شەكىلدە رىم ياشلار كوماندىسىغا كىرىدۇ . 1993-يىلى رىۋايەتلىك تىرىنىر بوسكوف توتتىنى بىرىنجى سەپ كوماندىغا چاقىرتىدۇ ، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ، توتتى ئاخىرى ئىتالىيە ئادەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشىدۇ . توتتى شۇ ۋاقىتتا ئاران 16 ياش 6 ئاي 1 كۈنلۈك بولغان بولۇپ ،  ئۇ رىم كۇلۇبى تارىخىدىكى 3-بولۇپ ئەڭ كىچىك مەيدانغا چىققان ماھىرغا ئايلىنىدۇ .
2000/2001-مۇسابىقە پەسلىدە رىم كوماندىسىنى باشلاپ ، ئىتالىيە ئادەرىجىلك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ، توتتى ئۆزىنىڭ كۇلۇپتىكى ئورنىنى تاپتى . دۆلەت كوماندىسىدىمۇ توتتى ئوخشاشلا ناھايىتتى ياخشى بولغان ھالىتىنى ساقلاپ قالدى . توتتىنىڭ دۆلەت كوماندىىسى ئۈچۈن تۇنجى قىتىم مەيدانغا چىققان ۋاقتى 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا ئىتالىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شىۋىتسارىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ بارغان ئىدى . ئەمما توتتىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا پۇت تىرەپ تۇرغان ۋاقتى بولسا ، 2000-يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىن ئىدى .
ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 06/07 مۇسابىقە پەسلىدە «رىم شاھزادىسى » 26 توپ كىرگۈزۈپ ، بىرلەشمىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى بولۇپ باھالانغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگەياۋرۇپا بىرلەشملىرىدىكى مەرگەنلەردىن ئىشىپ  ،  گوللاندىيە بىرلەشمىسدىكى ئارۋىس ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ۋان سىتىرويلارنى بىسىپ چۈشۈپ ، 2007-يىللىق ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .


7787b9ef63585666fdfa3c91.jpg


5.-چوڭ ئىشلار خاتىرسى

1989-يىلى ،  13 ياشلىق توتتى 260 مىڭ ئامرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن رىم كوماندىسىغا قوشۇلدى .
1993-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ، بۇرىسىيا بىلەن ئىلىپ بىرلغان مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىدا ، توتتى رىم كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى .
  1994-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ، ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابقىسنىڭ سامپودولىيە بىلەن ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە ، توتتى تۇنجى قىتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى .
1994-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ، ئىتالىيە ئادەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنجى ئايلانمىسى ئىلىپ بىرىلىپ ،30 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ، كوماندىغا ۋاكالىتەن 11 قىتىم مەيدانغا چىققان توتتى ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى .
1998-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ، سامپودىلىيە بىلەن ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە ، توتتى ئۆزىنىڭ بىرلەشمىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى .
97/98-مۇسابىقە پەسلىدە ، توتتى 10-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ، كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقىدى .
1998-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ، توتتى تۇنجى قىتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقتى .
2000-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ، پورتۇگالىيە بىلەن ئىلىپ بىرلغان دوسلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 88-مىنۇتىدا ، دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى .
2001-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ، رىم كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 4-1 نەتىجە بىلەن بارى كوماندىسىنى ئۇتتى ، بۇ توتتىنىڭ رىم كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 200-مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىدى .
2001-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ، رىم كوماندىسى 18يىلدىن كىيىن قايتا بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتى .
2002-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ، قارا پۈستەك سەۋەپلىك ، قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى .
2002/2003-مۇسابىقە پەسلىدە ، ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىسىنىڭ بىرنجى ئايلانمىسىدا ، توتتى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ ، بەش نەپەر گىگانىت چولپان بار مادىرتىنى مەغلۇپ قىلدى .
2002-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدا ، رىم 3-2 بىرۇنسىيانى يەڭگەن مۇسابقىدە توتتى كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى قالپاق ئويۇنىنى تاماملىدى .

2.jpg


2004-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ، رىم 3- 3 ئىنتىر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، توتتى بىرلەشمىدىكى 100-توپىنى كىرگۈزدى .
2004-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ، رىم 5-1پارما بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، توتتى ئىككى توپ ئۇرۇپ ، ئۇرغان توپ سانى 108 گە يىتىپ ، پىروززۇنىڭ بۇ تۈردىكى رىكورتىنى(106) بۇزۇپ تاشلىدى .
2005-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ، رىم 2-1 فىلورۇنسا بىلەن بولغان مۇسابىقىسى توتتىنىڭ بىرلەشمىدىكى 300-مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى .
2005-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ، توتتى ۋە لىلايىر رىمنىڭ مەركىزىدىكى داڭلىق ئاررا چىركاۋىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى .
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ، توتىنىڭ ئوغلى كىرىستىيان ، رىمدىكى بىر دوختۇرخانىدا توغۇلدى .
2006-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ، توتتى ئىمبولى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىغىر يارلىنىپ ، بىرلەشمىنىڭ پۈتۈن مۇسابىقىلىرى بىلەن خوشلاشتى .
2006-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدەئاۋىستىرالىيەنى بوغۇزلاپ ، ئىتالىيەنىڭ 4/1 ھەل قىلغۇچقا كىرىشىگە زور تۆھپە قوشقان.
2006-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ،ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن.
2007-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ،ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 34-ئايلانمىسىدا  ، رىم كومانىدىسى مىھمان مەيداندا دىربىدىكى رەقىبى  لازىئو كوماندىسىنى كۈتىۋالدى . توتتى رىم دىربىسىدا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ماھىر بولۇپ قالدى .(23مەيدان)
2007-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ، توتتىنىڭ قىزى چانىل ،رىمدىكى بىر دوختۇرخانىدا تۇغۇلدى .
2007-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ، رىم كوماندىسى ئىنتىر مىلاننى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى .
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، توتتى كۇلۇبدىكى 200-توپىنى كىرگۈزدى .
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ، نابىلىس بىلەن ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە ، توتتى رىمغا ۋاكالىتەن رەسمىي 500-مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ، بىرلەشمىنىڭ 11-ئايلانمىسدا ، توتتى مىھمان مەيداندا توتتى بىر توپ كىرگۈزدى ، بۇ توتتىنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسدىكى 400-مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى .
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ،2010-يىللىق ئالتۇن پۇت تارقىتىش مۇسامۇراسىمىدا ، ئۇ ، بىكخام ، جىراد ، دىروگبا ، بۇففۇن ، راھول قاتارلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ، بۇ شەرەپكە ئىرىشتى ، ئۇ بۇ شەرەپكە ئىرىشكەن 3- ئىتالىيلىك توپچى .
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ، بىرلەشمىنىڭ 27-ئايلانمىسىدا ، رىم 2-2پارما مۇسابىقىسدە ، توتتى رىم كۇلۇبىدىكى 600-مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىد ى . بۇ ، بىرلەشمىدە 464 مەيدان ، ئىتالىيە لوڭقىسىدا 45 مەيدان ، ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا 5 ميدان ، ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسە 50 مەيدان ، ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىدا 36 مەيدان بولۇپ ، كىرگۈزگەن توپى 252 گە يەتتى ، بىرلەشمىدە كىرگۈزگىنى 197 گە يەتتى .

55.jpg


2011-يىلى 3-ئاينىڭ20-كۈنى ، فىلورىنسا بولغان مۇسابىقدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 201 گە يىتىپ ، بىرلەشمىدىكى 200 توپلۇق ئۆتكەلنى بىسىپ ئۆتتى .
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ، توتتى كەسپى ھاياتىدىكى 700-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى .
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ، رىم كۇلۇپ تەرەپ ، توتتى بىلەن 2016-يىلى يازغىچە توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئىلان قىلدى . بۇ ۋاقىتتا توتتى دەل 40 ياشقا كىرىدۇ .


مانا بۇ ھىكاينىڭ باش قەھرىمانى توتتى


ۋاقتى چاقى توختىماي ئايلىنىپ ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىزىدىن ئىلىپ كەتتى ، ئەمما ئۇ ئۆزگەرمىدى ، ئورنى ئۆزگەرمىدى ، رەڭگى ئۆزگەرمىدى ....
1.jpeg


ئۇ ناھايىتتى ئىغىر بىسىقلىق بىلەن يىنىڭدا ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ سەندىن ئارتۇق ئىھتىياجى يوق ، ئۇ پەقەت ئۆز ساداقىتى ۋە جاسارىتى بىلەن قىزىل قورغاننى مەڭگۈ مۇداپىيە قىلىشنى ئويلايدۇ . ئۇ –فىرانسىسىكو توتتى .
3.jpeg


ئۇ دەسلەپكى مەيدانغا چىققاندىلا 16 ياش بىلەن رىكورىت ياراتقاندى ، ئاخىرىغىچە رىكورىتى يارىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا .
2.jpeg


97/98-مۇسابىقە پەسلىدە ، يىڭى تىرىنىرى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ، كاپىتانلىقنى تاپشۇرغاندىن باشلاپ ، رىم شاھزادىسى ئىزچىل كوماندىنىڭ روھى تۈۋرۈكى بولۇپ كەلمەكتە .
4.jpeg


ئۇنىڭ بۇ شاۋقۇن سۈرەنلىرى ، بەئەينى رەقىبىنى يەر چىشلەتكەن ۋەھشى بۆرىگە ئوخشايتتى .
5.jpeg


ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقى توتىنى رەزى قىلالمايىتتى ، ئۇنىڭ ئىزچىل ئويلايدىغىنى رىم كۇلۇبىنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشتۈرۈش !
6.jpeg


گەرچە كۇلۇپ بىلەن ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقىغا ئىرىشىش ئۇنچە ئاسان بولسمۇ ، ياۋرۇپا مەيدانلىرىدا ئۇنىڭ ئۆچمەس ئىزى بار.
7.jpeg


ئۇنىڭ مادىرىتقا قوشۇلۇپ ، نۇرغۇن چىمپىيۇنلۇقلارغا ئىرىشىش پۇرسىتى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى تاللىغان يولدىن ۋاز كەچمىدى .
8.jpeg


ئۇ ئۆزىنىڭ قەتئى ئىرادىسى بىلەن بارلىقىنى رىمغا بىغىشلىدى ، رىملىقلارمۇ ئۇنىڭغا بىرەلەيدىغان شان-شەرەپنىڭ ھەممىسىنى بەردى .
9.jpeg


ئەلۋەتتە ، توتتىنىڭمۇ رىمنى ، رىم مەستانىلىرىنى نا ئۈمۈد قويغان يەرلىرى بار ، ئۇ ئوڭ مۇستۇمىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، جەنۇبىي كۆرۈش سۇپىسىدىكى سادىق مەستانىلەرگە قاراپ ، ئاخىرغىچە رىم ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
10.jpeg


2006-يىلى توتتى ئۈچۈن ناھايىتتى ئەھمىيەتلىك بىر يىل . ئۇ دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتى . نۇرغۇن كىشىلەر توتتنىڭ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسغا قوشقان  تۆھپىسى چوڭ ئەمەس دەپ قارايدۇ ، بۇ مۇھىم ئەمەس ، مۇھھىمى ، ئۇ شاھزادىلكتىن شاھلىققا ئايلىنىشتەك ئالاھىدە بىر باسقۇچنى تاماملىدى .
11.jpeg


ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئالتۇن رەڭ ئاياغ ، ئۇنىڭ رىم شاھىغا ئايلانغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ !
12.jpeg


ئۇ ئۆزىنىڭ بىر جۈپ ، پۇتىغا ، تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ، بۇ مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشكەن !
13.jpeg


كىشىلەر توتتىنىڭ ئالتۇن چاچ قىزى بىلەن ئوماق ئوغلىنى تونۇماسلىقى مۇمكىن . ئۇ بىر بالىدىن دادىغا ئايلىنىشتاك تارىخى باسقۇچنىمۇ تاماملاپ بولدى .
14.jpeg


كۆينىكىنى سىلىپ تاشلاپ ، ئەسەبىيلەرچە تەبىركلەش ئەمدى باش مالتىقىنى ئاغزىغا ئەكىلىشكە ئۆزگەردى ، بۇ ۋدقىتتا ئۇ مەستانىلىرنىڭ كۆزىگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈنىدۇ .
15.jpeg


ئۇ يىشىل چىملىققا قەيسەرلىك ، مەردانىلىق ، باش تارتماسلىق توغرىسىدا نۇرغۇن قەسىدىلەرنى يازدى .
16.jpeg


ئۇمۇ ئازابلىنىدۇ ، ئەمما ھامان بىر كۈنى غالىپ كىلىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنىدۇ .
17.jpeg


ئۇ رىمنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن بارلىقىن بىغىشلىدى .
18.jpeg


بۇ رەسىمگە قارىسىڭىز ، ئۇ ئانچە ياخشى ئەمەستەك ، ئەمما ئۇ شۇ ۋاقىتتا رەسىم سىزىۋاتىدۇ ، خىيالى دۇنياسىغا بىر كۈنى قولغا كەلتۈردىغان چىمپىيۇنلۇق ئوبىرازىنى سىزىۋاتىدۇ !
19.jpeg


گەرچە چىمپىيون بولالمىساقمۇ ، بىزدە سەن بار !  ، بۇ رىم مەستانىلىرىنىڭ ھەقىقى يۈرەك ساداسى .
20.jpeg


سەن توپ تەپمىسەڭمۇ مەيلى ، يۈگۈرمىسەڭمۇ مەيلى ، سىنىڭ ئارىمىزدا بولۇشىڭ رىملىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ شادلىقى !
21.jpeg


سىنڭ چىملىقتىكى ھەر-بىر باسقان قەدىمىڭ ، رىملىقلارنىڭ قەلبىگە ئويۇلغان رىۋايەت !
22.jpeg


ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقان ۋاقىتتا رىمدا پەقەت سەنلا قالغان !
23.jpeg


سەن بولساڭلا كۇپايە !
25.jpeg


سەن تەپكەن توپنى بۇففۇن توسۇۋالغان ۋاقىتتا ، مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى لىيۇجىيەنخوڭ ئۆزىنى تۇتالماي ،ھەي !  توتتى ، سەن قىرىدىڭمۇ !  دەپ توۋلاپ كەتكەن .
26.jpeg





ھەممىسى  سىنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئويلايدۇ ،  رىملىقلارنىڭ شاھى تىخى ئۆلمىدى !
27.jpeg



گەرچە بۈگۈنكى ئىتالىيەدە  بالاتولى ، ئەل شاراۋىدەك چولپانلا چاقناۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما سەن بولمىساڭ رىملىقلار ئۈچۈن ئوخشاشلا قاراڭغۇ !

28.jpeg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 14مۇنبەر پۇلى +695 تۆھپە +25 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 100 + 10 + 10 + 10 قالتىس يېزىلىپتۇ، رەھ.
دۇل دۇل + 20 + 5 قالتىس!
ماھىرچاق + 30 قالتىس!
tarimtogriki + 30 قالتىس!
nijat + 100 قوللاش!
سەۋدا + 50 قالتىس!
مىلەن + 50 قالتىس!
HAKKER + 50 قالتىس!
چوكىنات + 100 قالتىس!
turgunjan + 5 قالتىس!
missi2 + 30 جاپا چەكتىڭىز
قورۇل + 35 قالتىس!
پەرۋەر + 50 قولى گۈل
مەشئەل + 50 + 5 جاپا چەكتىڭىز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:19:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  كوپ  ئەجىر  قىپسىز   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:21:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -Arsenal- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 15:36  

نادىر تىمىدىن بىرسى مەيدانغا كەپتۇدە.
2005  يىلى  6 ئايدا توي قىلىپ  شۇ يىلى  11  ئايدا  دادا  بوپتۇ،قارىغاندا ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى نورمال ھېساپلايدىغان ئوخشايدۇ،
توتتى  شاھزادە دىگەن  ئىسىمغا ھەقىقى  لايىق،پۇتبول دۇنياسىدا شاھزادە دىگەن  نام  ماس كىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز،مادرىتتىن راھۇل،
رىمدىن  توتتى،ئاس مىلاندىن كاكا قاتارلىقلار  مانا  بۇ  ئىسىمغا  ھەقىقى  لايىق  كىلىدۇ،تولا  كوماندا  ئالماشقانلار بىرەر كۇلۇپتا توپ
ئۇرۇشتا پىلىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇۋەتسۇن،مەيلى قانچىلىك جىق  لوڭقا  ئېلىۋەتسۇن  ئۇ  مەڭگۈ شاھزادە  دىگەن  ئىسىمغا ماس كەلمەيدۇ،
غەيرەت قىل ئۇزۇنتۇرا بولسا  40  ياشقىچە  رىمدا  توپ  تەپ، سەن رىم شاھزادىسى دىگەن  بۇ  ئىسىمغا 100%لايىق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:32:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:32:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توتتىكام ئۈچۈن چوڭ سوۋغا بوپتۇ .   
تېما ئىگىسگە رەخمەت، جاپا چەكتىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:34:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خىل پەيزى تىما بوپتۇ  بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:43:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ  ھاۋالەم ئىدى ، كۆڭلۈم ئايرىم  با  ،  مەن يازغان بولساممۇ بۈنچىلىك چىقماس بولغىيتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:47:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  باقاۋۇلنىڭ مۇشۇنداق سۇرئەتلىك تېما يېزىشى بەك يارايدۇ ماڭا ...  


ئېسىل ئەسەر ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 15:54:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىكەن جاپاچەكتىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 16:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى توپچى ئەسلەشكە ئەرزىگۇدەك!!! TOTTI
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-7 16:05:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرە شاھزادە .... 10-نۇمۇرنى پىچەتلەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا سۋغات قىلىپتۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:07

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش