akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 699|ئىنكاس: 5

ئىتالىيە بىرلەشمىسى 32-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېنتىر 2:2 بولونىيا

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 0:45 تە ئىتالىيە بىرلەشمىسى 32-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ بىر بۈلىكىدە ئىتالىيە زەردارى ئېنتىر كوماندىسى ئۆز مەيدانى مىئازا پۇتبول مەيدانىدا بولونىيا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشتىن-ئاخىرى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە 6-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئىكاردى توپ ئۇرۇپ ئېنتىر كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە 34-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا بولونىيا ھۇجۇمچىسى لىستاردو توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقە 63-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئىكادرى دونياۋى سەۋىيەلىك توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ئېنتىر كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە 73-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئارۋالىسنىڭ بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن بولونىيا ھۇجۇمچىسى كېنا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى يەنە بىر قېتىم تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقە 79-مىنۇتىغا كەلگەندە مىلىتو كامبىياسونىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىقتى. مۇسابىقە 83-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا بولونىيا بېكى مەنتوۋنى پالاشىئونى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە يىقىتىۋەتتى، ئېنتىر كوماندىسى نوقتا توپ پۇرسىتىگە ئىرىشتى، مىلىتۇ تەپكەن نوقتا توپنى بولونىيا قاپقىچىسى كورچى ئەپچىللىك بىلەن تۇسۇپ چىقىرىۋەتتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دىگەندە بولونىيا شىددەتلىك قايتارما ھۇجۇم قۇزغىدى، 12-نۇمۇرلۇق ماھىر تەپكەن توپ  ئۇچۇق قاپقىغا چۈشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېنتىر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تەڭلىشىپ 1 نۇمۇر ئالدى، شۇنداقلا يېقىنقى 4 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە غەلبە تەمىنى تېتىپ باقمىدى. نۆۋەتتە ئېنتىر كوماندىسى 50 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 5-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ. 4-ئۇرۇندىكى فورولونسا كۇلۇبى بىلەن بولغان نۇمۇر پەرقى 2 نۇمۇر.




چېۋو 1:0 ۋىرونا

باشقا مۇسابىقىلەر ۋە مۇسابىقە ۋاقتى ( ئۈرۈمچى ۋاقتى )

لازىئو-سامپىدورىيا               6-چىسلا 16:30
ئاتلانتا-ساسىلو                  6-چىسلا 19:00
كالىيالى-رىم                      6-چىسلا 19:00
كاتانىيا-تورىن                    6-چىسلا 19:00
فورولونسا-ئۇدىنىس              6-چىسلا 19:00
پارما-ناپولى                      7-چىسلا 0:45
يوۋىنتىس-لىۋونو                 7-چىسلا 23:00
رېنىيا-مىلان                      8-چىسلا 1:00

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-6 15:52:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىر خىلى كۇچەپتىكەن بولمىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-6 16:10:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ماۋۇ مۇسابىقىنى كۆرگەنتىم ، رېتىمى بەك تېز ئوينالدى . ئېنتېر شۇنداق ياخشى ئوينىغان بولمىسا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-6 16:15:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغان مۇسابىقىلەنىڭ ۋاقتى شىنجاڭ ۋاقتدۇ دوستۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-6 18:30:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فلرۇنسا ئىنتىرنىڭ ئالدىغا ئۆتۋالامدۇ نىمە، غەيرەت قىل فىلرونسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-6 19:39:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنتىرنىڭ مۇسابىقىسى بەك قىززىغان چىراي ! ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشالىسا بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-3 16:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش