akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1054|ئىنكاس: 39

گىرمانىيە 29 - ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-6 10:10  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...





1.jpg


2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 29 - ئايلانما مۇسابىقىسى 5 - چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 19:30 دە باشلاندى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :


ئاگسۇنبۇرگ 1    -    0  بايرېن

بايرېن كوماندىسى مىھمان مەيداندا ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتقان ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان ھەر ئىككىلى كوماندا ياخشى ئوينىدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 30 مىنۇت بولغاندا ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى بىرتوپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتىۋالدى ، ئالدىنقى مەيدان 1 - 0 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مىنۇتلاردا بايرېن كوماندىسى شۇنداق كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولماي مىھمان مەيداندا مەغلۇب بولدى ، بۇنىڭ بىلەن بايرېن كوماندىسىنىڭ 54 مەيدان ئۇتتۇرماسلىق رىكوتى ئاياغلاشتى ... ( كىيىنكى گۈزەل نىشانلار ئۈچۈن توختىماي ھۇررا گىرمانىيە زەردارى - بايرېــــــــــــــــــــــــــــــــــــــن ! ... )






دورتمۇند 2    -    1 ۋولفىسبۇرگ

سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانى فىستىنفالىندا كۈچلۈك بولغان ۋولفىسبۇرگ ( بۆرە قەلئەسى ) كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان 34 مىنۇت بولغاندا بۆرە قەلئەسى كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئوۋلىچ بىر توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 51 مىنۇت بولغاندا لەيۋەندوۋىسكى 77 مىنۇت بولغاندا رىئۇس بىر توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا 2 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ...






بىرمىن  1     -     1  شارىك04

شارىك04 كوماندىسى مىھمان مەيداندا بىرمىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 15 مىنۇت بولغاندا بىرمىن كوماندىسى بىر توپ ئۇردى ، 33 مىنۇت بولغاندا شارىك04 توپچىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ نەتىجە ئۆزگەرمەي بۇ ئىككى كوماندا 1 - 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ...






ھامبۇرگ  2     -     1 لىۋىرىكسۇن

كۈچلۈك بولغان ھامبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كۈچلۈك لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 4 مىنۇت بولغاندا ھامبۇرگ كوماندىسى بىر توپ ئۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ،  كىيىنكى مەيدان 58 مىنۇت بولغاندا لىۋىرىكسۇن كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، 82 مىنۇت بولغاندا ھامبۇرگ كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا 2 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ، بۇنىڭ بىلەن ئۇدا غەلبە قىلالمىغان لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆز توربىتىدە ئىلان قىلىپ تىرنىرنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىنى جاكارلىدى .






نىرۇنبۇرگ  0    -    2  مىنشىنگىلادباخ

كۈچلۈك مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى مىھمان مەيداندا نىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 18 مىنۇت بولغاندا مىنشىنگىلادباخ توپچىسى ئارىنگى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 1 قىلدى ،  كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 79 مىنۇت بولغاندا كىروزى بىر نوقتا توپ ئۇرۇپ مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى مىھمان مەيداندا 0 - 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ...




سىتۇگارت  2     -     0  فىرۇنبۇرگ

سىتۇگارت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا فىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان 0 - 0 ئاياغلاشتى ، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ سىتۇگارت ياخشى ئويناپ 69 مىنۇت بولغاندا ماكسىم 89 مىنۇت بولغاندا خارنىك توپ ئۇرۇپ سىتۇگارت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 2 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...





فىرانكفۇرت  2     -     0 مايىنىز

فىرانكفۇرت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مايىنىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن فىرانكفۇرت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 2 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ...



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:30:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:31:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېن مەغلۇب بولدى    ئۇتتادىم دىسە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:32:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 23:34  

بايرىن شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىم مەغلۇپ بولدىما بىرلەشمىدە،ئاۋگۇسبۇرۇگ كۇلۇبى يېڭىۋاپتۇ-دە دورتمۇنىد،لىۋىركۇسىن،شاللىك04لەرمۇ يېڭەلمىگەن بۇلارنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:33:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ، شۇندا بولاپتۇ دە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:34:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىلاننىڭ رىكوتىنى بۇزالماي ئارماندا قالدى دە گو سۇمبۇل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىننىڭ ئۇتۇش رېكورتى توختىدى. ھەم رېكورت يارتىش ئىشىمۇ سۇغا چىلاشتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:38:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 23:48  

چېمپىيون بولاپ بولغانكىن ...بىرلەشمىگە كۈچىگىسى كەلمىگەندەكلا  ئىش قىلدا ئالدىنقى ئايلانما تەڭلىشىپ ، بۇ مەيدان ئۇتتۇرۇپ....
ئەسلى  ماڭالىشىچە  رىكورت يارىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق .
شۇنداقتىمۇ مىلاننىڭ رىكورتىنى بۇزالمىغىنىغا  مۇبارەك بولسۇن....


==========
ئاۋۇ كوماندىنىڭ ئىسمى  --  ئاۋگسبۇرگ
ئۇ كوماندا ئىسمىدا بىرەر تال  ن   ھەرىپى بولمىسا نەدىن كەلگەن   ن   ھەرىپىدۇ دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:40:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېككى  مەيدان  چىداپ  بەرگەن  بولسا  مىلان  رىكورتىنىڭ  ۋەتۋەرىكىنى  چىقىرۋىتەتتۇق  گو  سۇمبۇلنىڭ بەك تاھتىكا  ئوينۇغۇسى  كىلىپ  بۇگۇنكىدەك  بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-5 23:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 23:32
بايرىن شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىم مەغلۇپ بولدىما بىرلەش ...


ئاگسۇنبۇرگ بۇ يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى قارا تۇلپار كوماندا ، بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى ، بۇ كوماندىنىڭ تىرنىرى ئىقدىدارلىق كوماندا ئەزالىرى ياش ، بۇلار كىلەر پەسىللىق ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ... گو تىرنىر باشتا زاپاس ئەزالارنى ئويناتتى ، كىيىن ئاساسلىق ئەزالارنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ ئۈلگىرەلمىدى ... بەزىدە ھەرقانچە ياخشى ئوينىسىمۇ تەلەي كەلمىسە بىكاركەن ، قارشى تەرەپمۇ كىيىنكى مەيدان ئوتتۇر مەيدان توپچىللىرىنى چۈشىرىپ بىكلەرنى چىقىرىپ مەيدانغا ، مۇداپىيەدە چىڭ تۇرۋالدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:42:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بىرمىننى تەڭلىشىش شاھىمىكىن دەيمەن...داۋاملىق تەڭلىشىپ قالغان خىيالى بىرلەشمىدە تەڭلىشىدۇ دەپ يېزىپ بولاپ ئۆزگەرتىۋەتكىنىمگە بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 23:42:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 23:44  
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 23:32
بايرىن شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىم مەغلۇپ بولدىما بىرلەش ...


ئالدىنقى ھەپتە  ۋە ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا  لىۋېركۇسىن 3-1 ، شارىك 2-1  يەڭگەندۇ.
لىۋېركۇسىن، شارىكلار ساھىبخان، مېھمان تولۇق يەڭدى.

=======
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 13:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش