akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2935|ئىنكاس: 121

مورىنىيو لاياقەتسىز تىرنىر(يۈكسەل)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ تىما مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم بويىچە يىزىلدى.نەچچە كۈندىن بۇيان مۇنبەردە بىر قانچە تىمىلادا مورىنىيو توغۇرلۇق گەپ سۆزلە خىلى ئەۋجە ئىپ قالدى.كۆپلىگەن ئىسىل مەستانىلەنىڭ قارىشچە مورىنىيو ئەنچىلوتتى،ھازىرقى ئاتلىتكا مەشقاۋۇلى سىمونى ۋە شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە تىرنىرلانىڭ كەينىدە تۇرىدىكەن.ئۇ مەستانىلەگە قارىسام،ئۆزىنىڭ زادى قايسى كوماندا ئەزاسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپ بولمايدۇ.ئىشقىلىپ مورىنىيۇنى بىرەسى ماختاپ قويسا قويۇق چاشلىرى تىك تۇرىدىكەن.
توغرا ،مەن دەل شۇ مەستانىلەنى قوللايمەن. مورىنىيو بىر ئەخلەت تىرنىر.ئۇنىڭ خان مادرىت،چىلسى ۋە ئىنتىرلادەك زەردارلانى يىتەكلەشكە ھەققى يوق.ھەم يىتەرلىك تەجىربىسى يوق. نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمەن؟سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك.

مورىنىيو بىر لاياقەتسىز تىرنىر،چۈنكى 2004-يىلى ئۇ پورتۇگالىيەدىكى ياۋرۇپاغا ئانچە داڭلىقمۇ بولمىغان،داڭلىق چولپانلا يوق دىيەرلىك بىر تۈركۈم ياش توپچىلانى يىتەكلەپ ياۋرۇپادىكى 5چوڭ بىرلەشمىدىكى كۆپلىگەن زەردارلانى پاقىرتىپ قويۇپ،ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.ۋە شۇنداقلا پورتۇگالىيە بىرلەشمىسى ۋە بىرلەشمە لوڭقىنى قوشقاندا 3شاھ بولدى. بۇ مورىنىيۇنىڭ تالانتى ئەمەس،پەقەتلا تەلەي.

شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ چىلسىغا كەلدى.

مورىنىيو بىر لاياقەتسىز تىرنىر. چۈنكى ئۇ پورتۇدىن چىلسىنى قولىغا ئالغان تۇنجى يىلى ۋە ئىككىنجى يىلى ئۇدا ئوت كۈچى ۋە رىقابەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىنگىلانت دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى.ئۇندىن باشقا ئىنگىلانت بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسىمۇ با. ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇقتا گەرچە چىمپىيۇن بولالمىسىمۇ بارسىلونانى بىر قانچە قىتىم يىقىتتى. نىمە دىگەن تەلەي بۇ؟كىيىنكى پەسىلدە مورىنىيۇ چىلسىنى تازا ياخشى يىتەكلىيەلمەي ئابلانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇپ خىزمىتىدىن ئايرىلدى. (ئوبدان بولدى،ساڭا ئوخشاش تەجىربىسىز تەلەي بىلەنلا مۇسابىقە ئوينايدىغان تىرنىرلانىڭ ئىشتىن بوشىتىلغىنى خوي بولدى)

مورىنىيو بىر لاياقەتسىز تىرنىر. چىلسىدىن كىيىن ئۇ ئىنتىرنى قولىغا ئالدى.ئۇ چاغلادا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنى ئاساسى جەھەتتىن ئاس مىلەن  مونۇپۇل قىلىۋالغان بولۇپ، مورىنىيو كىلىپ 3 يىل جەريانىدا بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقى ئىنتىردىن ئاشمىدى.3-يىلى ئۇ ئىنتىرنى باشلاپ كۈشلۈك بارسىلونا ۋە بەيرىنلەنى شاللاپ،ياۋرۇپا ئۇزغۇنى بولدى.ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە بىرلەشمە لوڭقىسىنى قوشقاندا يەنە 3 شاھ بولدى.تەلەي قەيەدە دىسە دوققا ماڭلاينىڭ قىشىدا دەپ،ماۋۇ ئەخلەت تىرنىرغا كەلگەن بەخىت تەلەيلەنى قارىمامدىغان.

مورىنىيو بىر لاياقەتسىز تىرنىر. ئۇ ئىنتىرنى 3شاھ قىلغاندىن كىيىن خان مادرىت ئۇنى تىرنىرلىققا تەكلىپ قىلدى.چۈنكى شۇ يىللاردا خان مادرىت بارسىلونانى ئۇتۇپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن يىللا بولغان ئىدى.مورىنىيۇنىڭ كىلىشى دەل بارسىلونا ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئۈچۈن ئىدى.مورىنىيۇ كىلىپ مادرىت بوراندەك چاپتى.ئەمما تۇنجى قىتىملىق دىربىدا بارسىلونادىن 5نى يىدى.(ھەجەپ ئوبدان بولدى..ۋاي ۋاي ۋاي..
لىكىن بۇ تەلەيلىك تەلۋە قىلچە بوشاشماي سەپىرىنى داۋام ئەتتى.دەرۋەقە كىيىنكى ئۇچۇرشۇشتا بىرىدن نۇقتا توپ تىپىپ 1-1تەڭلەشتى.شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا بارسىلونادىن 120مىنۇت 1توپمۇ كەتكۈزمىدى.ئەكسىنچە 1 توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلىپ،شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى.شۇنداقلا مادرىتنى قولىغا ئالغان تۇنجى يىلىلا بارسىلونانى ئۇتۇش مەخسىتىگە يەتتى.ۋە لوڭقا ئالدى.ئىككىنجى يىلى بولسا بۇ تەلۋە كوماندىنى پەۋقۇلاددە جانلاندۇرۋەتتى.تۇنجى دىربىدا ئۆز مەيدانىدا بارسىلوناغا مەغلۇپ بولدى.( ).ئەمما كىيىنكى ئۇچۇرشۇشتا نوكەنپودا بارسىلونانى 2-1يىڭىپ نۇمۇر پەرقىنى 7گە چوڭايتىپ.بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىغا ئاساس سالدى.شۇنداق قىلىپ،شۇ يىلى مادرىت 100نۇمۇرلۇق رىكورت بىلەن بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولدى. ۋە بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقنى نەچچە يىل بارسىلوناغا تاتقۇزۇپ قويۇشقا خاتىمە بەرگەندىن سىرىت،مادرىت كۇلۇبى تارىخىدا 100نۇمۇر ئىلىپ چىمپىيۇن بولۇش رىكورتىنى ياراتتى.(تەلەي پەقەتلا تەلەي)...3-يىلى بارسىلونانى بىرلەشمە، شاھلىق لوڭقىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى بولۇپ،تولۇق بىرپەسىل غەلبە قىلدى.ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى ئالدى. ئەپسۇس ئۇ مادرىتنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنى قىلالمىدى.ئەمما ئۇدا 3يىل 4كۈشلۈكنىڭ ئىچىگە ئىلىپ كىردى.(نىمە دىگەن تەلەي بۇ؟)

مورىنىيو بىر لاياقەتسىز تىرنىر. چۈنكى ئۇ مادرىت بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغاندىن كىيىن ئىلگىرى ئۇنى ئىشتىن بوشاتقان ئابلا باي ئۇنى قايتىدىن سىتانفورتقا قايتۇرۇپ ئىپ كەلدى.ئۇ كەلگەن تۇنجى يىلى،يەنى ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەردە ئىنگىلانت بىرلەشمىسىدىكى زەردارلاغا ئۇتتۇرۇپ باقمىدى.ئارسىنالغا تەلەي بىلەن 6توپ ئۇرۇش،مانچىستىر شەھىرىنى تەلەي بىلەن قوش بوغۇزلاش دىگەندەك.ھۇجۇمچىسى يوق چىلسىنىڭ قامچىسى بىر ئەخلەت تىرنىرنىڭ قولىدا تۇرماقتا.شۇنداق تۇرۇپمۇ ئىشۇ قىرى ،ۋە ئىپادىسى ئىنتايىن تۇراقسىز ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ۋە ئوتتۇرا مەيدانغا تايىنىپ چىلسى بۇ پەسىل راۋرۇس چىپىۋاتىدۇ.قايسى كۈنى ئۇ ئۇزغۇنلۇق تۇنجى ئۇچۇرشۇشتا پارىژغا 3-1ئۇتتۇرۋەتتى. دىمەك تۈگەشتى.كىيىنكى پەسىل بۇ تەلۋە يەنە شۇ تەلەيگە تايىنىپ نىمە ئىشلانى تەۋرىتىدۇ؟بۇنى نىسىپ بولسا ۋاقتى كەگەندە كۆرىمىز.

يىغىپ ئىتقاندا بۇ ئادەم پەقەتلا تەلەي بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.بۇنىڭدا تەجىربە نىمە قىلسۇن؟ يىقىندا مەلۇم بىر تور بەتتە مورىنىيۇنى جۇڭگۇنىڭ بۇرۇنقى تىرنىرى گاۋخوڭبۇدىنمۇ تۆۋەن ئورۇنغا تىزدى. مورىنىيۇ جۇڭگو دۆلەتلىك كوماندىسىنى قولىغا ئىپ بىقىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپتۇ.ئەمما جۇڭگو پۇتبۇلچىلا بىرلەشمىسى«مورىنىيۇ جۇڭگۇنى يىتەكلەشكە ئاجىز كىلىدۇ،جۇڭگۇغا پىشقان تىرنىر بولۇش كىرەك»دەپ رەت قىپتۇ.ۋۇ ئەخلەت تىرنىر...سىنىڭ يۇقىردا ھەر قايسى بىرلەشمىلەردە باشقىلا قازىنىپ باقمىغان نەتىجىلىرىڭ بولسىمۇ،بىز يەنىلا سىنى ئىتراپ قىلمايمىز.چۈنكى بىز بەك بىلەرمەن.سەن كىمتىڭ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +425 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
چوكىنات + 100 قوللاش!
كەۋسەر + 20 قوللاش!
tetanek + 10 قالتىس!
ئىستانبول + 15 قالتىس!
سىتار + 50 قوللاش!
قەشقەرىي + 50 قالتىس!
سەۋدا + 50
قورۇل + 30 قالتىس!
مەھمۇدىيە + 100 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 13:56:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاياقەتسىز دىسە سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-5 14:01:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى باشتىن ئاخىر تولۇق بىر ئوقىۋىتىپ ئاندىن گەپ بولسا دەڭلا.رەسىم ۋە تىمىسىغا قاراپلا ئىنكاس يازماي..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:01:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرىنھولاياقاتسىز  مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس   بۇ دوستىمىزنىڭ كوزىگە مۇرىنھۇ  سەل سىغمىغان ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىماتىكىچى بولغان بولساڭلا تەتۈرسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاشنىڭ خوجىسى بولىدىكەنسىلە ئەمما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:03:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،تاز بىلەن تەلۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ لاياقەتسىز تېرىنىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:04:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇ مورىنھو.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
ئۇنىڭ چولپان تېرىنىر بولۇشىنىڭ  ئەڭ نېگىزلىك بىرىنچى نۇقتىسى  ئۇنىڭ ئۆزگىچە مىجەزى

تاكتىكا جەھەتتە   ئالاھىدە دەپكەتكىلى بولمايدۇ  ...    پەقەتلا ئەنئەنىۋى تاكتىكىلاردىن پايدىلىنىدۇ  .. تەۋەككۈلچىلىك  ئىدىيەسى  نىسبەتەن تۆۋەن .   
مۇسابىقىدە جەريانغا قارىمايدۇ  ..نەتىجىنى چوڭ بىلىدۇ ...رەقىبىنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:08:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق .. ياق  مورىنىھو ناھايىتى قابىلىيەتلىك تېرىنىرلارنىڭ ئىچىدىكى بىژ تال تېرىنىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىپىك  قەشقەرچە  تىما    شۇنداق  ئۇ  راسلا  لاياقاتسىز   چۇنكى  دۇنيادا  ئالدىنقى  ئورۇندا  تۇردىغان  ئابلا  رۇمان  تۈكۈرگەن  تۇكۇرۈكنى  قايتا  ئېغزىغا  ئالدى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:09:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرە باشلىنىپ كىتىدىغان بولدىدە ئەمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-5 14:09:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرە باشلىنىپ كىتىدىغان بولدىدە ئەمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش