akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1767|ئىنكاس: 23

يەھيا شىنجىن قىزىل ياقۇتنىڭ رەقىبىگە ئايلاندى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-3 22:50  

شىنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسىدا توپ تەپكەن ئۇيغۇر ماھىرىمىز يەھيا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا قوشۇلغان ئىدى . شىنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسىمۇ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا ئوخشاشلا جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندا بولغاچقا بۇ قېتىم يەھيا ئىلگىركى كوماندىسىنىڭ رەقىبى بولۇپ قالدى . 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:30 دە شىنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ . يەھيا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا قېتىلغاندىن كىيىن جۇڭجو ئا دەرىجىلكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 1-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىپ كىيىنكى يېرىم مەيداندا ئالماشتۇرۋېتىلدى . 2-ئايلانمىدا بولسا كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقتى . 3-ئايلانما مۇسابىقىدىمۇ كىيىنكى يېرىم مەيداندا زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان ئىدى . يەھيا شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كىيىن مەيلى  ئاساسلىق ئەزا بولسۇن ياكى زاپاسا ئەزا بولسۇن ئۇدا مەيدانغا چىقتى   . بەلكىم يەھيا 4-ئايلانمىدىكى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن شىنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىدىمۇ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن .

2738400_550x550_0.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-4 13:43:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەھيانىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ ياخشى داۋاملىشىشنى ئۈمۈت قىلىمەن . يەھيا خوتەنگە كەلگەندە شۇنى بايقىدىم يەھيا ئارقا بەلنى ياخشى ئوينايدىكەن... ئۆلچەملىك پاس چىقىرىشلىرى بىلەن توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 14:04:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا يەھيا شىنجىن قىزىل ياقۇتقا بىرەنى ئۇرۇپ قويسا مۇسابىقە تىخمۇ قىززىيتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 14:13:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامەت يار بولسۇن  يەھياجان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 14:45:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەھيانڭ تىرشىپ تېزاراق ئاساسلىق ئورۇنىنى مۇقۇملىشىنى  ئۈمۈت قىلمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 15:55:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسلىق بولۇپ چۇشسە بولتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 16:24:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ixlirig oguxluh bolsun yigit !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 16:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلمۇرات يەنە شۇ قىزىل ياقۇتتىمۇ ياكى باشقا يەرگە كەتىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-4 16:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nuri يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 01:28
دىلمۇرات يەنە شۇ قىزىل ياقۇتتىمۇ ياكى باشقا يەرگە كەتى ...

دىلمۇرات چەتئەلدە ھازىر

ئومان بىرلەشمىسىدە توپ تېپىۋاتىدىغۇ دەيمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 17:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى مەيداندا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان، لىكىن ىپادىسى ناچار بولدى، ئالدىشى بەك جىق،ئۈنۈمسىز.توپ تارتقۇزۇپ قۇيىشى بەك كۆپ
كىيىنكى مەيدانلاردىمۇ ۋاي دەپكەتكىدەك ئىپادىسى يوق
تېخىمۇ تىرىشىپ كوماندىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،غەيرەت قىل!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 18:57:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر توپچىلارنىڭ ئارسىدا شۇ دىلىمۇرات دىگەن توپچىمىز تۇنجى بولۇپ چەتئەلدە توپ تەپكەن شىنجاڭدا ئۈسۈپ يىتىلگەن توپچى بولۇپ قالدىما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-4 20:28:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1479007135 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 18:57
ئۇيغۇر توپچىلارنىڭ ئارسىدا شۇ دىلىمۇرات دىگەن توپچىمى ...

ئۇيغۇرلانىڭلا ئارسىدا ئەمەس جۇڭگۇدىمۇ ساناقلىق توپچى با  چەتئەلدە توپ تىپىدىغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش