- تىزىملاتقان
- 2008-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-5
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2271
- نادىر
- 2
- يازما
- 2271
 
|
ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى تولۇق ئوينىلىپ بولدى . بۇ نەتىجىلەرگە قارايدىغان بولساق نىسبەتەن كۈچلۈك ھېساپلىندىغان كوماندىلارنىڭ ئىچىدە .
بىرىنچىسى :مادرىت ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن دورتموندنى مەغلۇب قىلىپ تۆت كۈچلۈككە مەزمۇت مىقلارنى قېقىپ بولدى .
ئىككىنچىسى :بايرىن ئەنلىيەن پۇتبول مەيدانىغا قايتقاندا مانچېستېر غا زەربە ئېغىر ، گۇاردىئولانىڭ ساھىبخان كوماندىسى چوڭ پەرق بىلەن ئۇتۇشقا ئاساسى جەھەتتىن كۆنۈپ كەتكەن .
ئۈچىنچىسى : چېلسى ئەگەر ئۆز مەيدانىدا تېز سۈرئەتتىلا بىرنى ئۇرۇۋالسا ۋەزىيەت ئاساسەن پايدىلىق ،مورىنىئوغا ئىشەنگەن ئاساستا پۇرسەت يانىلا بار .
تۆتىنجىسى : مادرىت ئاتلېتكىنىڭ ساھىبخان ھالەتتە بارسانى كۈتىۋېلىشى بولۇپ ، دېگو كوستا بىلەن پېك ئاساسەن ساقايغان بولۇپ نورمال مۇسابىقىسىنى ئوينىلالىشى مۇمكىن . بۇمەيداندا ئاتلېتكا ئۆزىدە بار بولغان ۋۇجۇدىدىكى بارلىق ۋېيسولۇقنى چىقىرىدۇ . تۇنجى ئايلانمىغا دىققەت قىلغاندىمۇ كوستانىڭ مەۋجۇت بولىشى ۋە كوماندىدىكى بىر تۈركۈم ۋەھشى كۈچلەر ئېغىر كۈچەيدۇ . دەرۋەقە بارسا باشتا توپ كەتكۈزۈپ قويسىلا پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە مېسسىنىڭ پىسخىكىسى كاردىن چىقىشى مۇمكىن . قارىساقمۇ تۆت كۈچلۈككە كىرىش جەھەتتە بارسانىڭ يۇقىرىقى ئۈچىگە نىسبەتەن بېسىمى ئەڭ ئېغىر .
لېكىن ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا بۇيىلمۇ تۆت كۈچلۈكتە ئىسپاننىڭ ئىككى كوماندىسى بولىدىغان بولدى . |
|