ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6197 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈنۈگۈن كەچ شىنجاڭ ۋاختى 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىتالىيە بىرلەشمىسنىڭ 22 - ئايلانما تولۇقلىما مۇسابىقىسى رىم كوماندىسى بىلەن پارما كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى ، مۇسابىقە ئەسلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ رىمدا قاتتىق يامغۇر يىغىپ كەتكەچكە مۇسابىقە 8 مىنۇت بولغاندىلا ئويناشتىن توختۇتۇلۇپ كىچىكتۈرۈلگەن ، ئاخشام مۇسابىقنىڭ داۋامى 8 مىنۇتتىن باشلاندى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىلا تەرەپ بىر بىرىگە شىدەتلىك ھۇجۇم قىلىپ 7 مىنۇت ئىچىدىلا رىم كوماندىسى بىلەن پارما بىردىن توپ كىرگۈزدى ، ، پۈتۈن مۇسابىقە جەريانى شۇنداق كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا رىم كوماندىسدىن رىرۋىنئو ، توتتى ، پىيانىچ ، تادەيى ، پارما كوماندىسدىن پالادىنئونىڭ 2 توپ ئۇرىشى بىلەن رىم كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرغا ئىرىشتى شۇنداقلا يۇۋىنتىس بىلەن نۇمۇر پەرقى 8 گە چۈشتى .
تەكىتلەشكە تىگىشلىكى پىيانىچ ئۆزىنىڭ 24 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە 1 پاس بىرىپ 1 توپ كىرگۈزدى ،
|
|