ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 100 |
جۇغلانمىسى: 5225 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-3 10:02
4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى G گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى مېھمان مەيداندا نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن كورىيە چۈەنبېي شەندەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 53 مىنۇت بولغان ۋاقىتتا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىكى ئاسىيا پۇتبول ئەپەندىسى جىڭجى يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلدى . گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىكى جىڭجىنىڭ مەيداندىن ئايرىلىشى مۇسابىقىنىڭ بۇيرىلىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 66 مىنۇت بولغاندا چۈەنبېي شەندەي كوماندىسدىكى لەياڭنادو مۇسابىقىدىكى بىردىن- بىر توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاسىيا چېمپىيونى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى . گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىم چۈەنبېي شەندەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى بۇ پەسىللىك ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويۇشى ھىساپنىدۇ . گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنىڭ مىھمان مەيداندا كورىيە كوماندىلىرىغا ئۇتتۇرماسلىق رىكوتى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى . ئالدىنقى قېتىم گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ئۆز مەيدنىدا چۈنبېي شەندەي كوماندىسىنى 3:1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان ئىدى .
|
|