ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5395 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-3 19:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - 2014 - يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى 2 - چىسلا سائەت 00:45 ( شىنجاڭ ۋاقتى ) دە باشلاندى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
مانچىستىر بىرلەشمىسى 1 - 1 بايرېن
ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئىنگىلاند زەردارى مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا گىرمانىيە زەردارى بايرېن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان ئاياغلاشقىچە ھەر ئىككىلى كوماندا بىر - بىرسىگە كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ پۇرسەت تۇتالماي ئالدىنقى مەيدان 0 - 0 ئاياغلاشتى ...
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 58 مىنۇت بولغاندا مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى كاپىتانى ۋىدىچ بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقىتلىق ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، بايرېن كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ 67 مىنۇت بولغاندا بايرېن توپچىسى شىۋىنشىتەيگىر بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي 1 - 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ... 10 - چىسلا بايرېن كوماندىسى ئۆز مەيدانى ئارىياندا ئىككىنجى قىتىملىق ئۇچۇرشىش مۇسابىقىسىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ ...
بارسىلونا 1 - 1 مادىرىد رىقابەت
ئىسپانىيەنىڭ كۈچلۈك كوماندىللىرىدىن بولغان بارسىلونا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مادىرىد رىقابەت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە جەريانىدا بارسىلونا بىكى پىك بىلەن مادىرىد رىقابەت ھۇجۇمچىسى كوستا يارلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى ، ئالدىنقى مەيدان 0 - 0 ئاياغلاشتى ...
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 58 مىنۇت بولغاندا مادىرىد رىقابەت توپچىسى دىگو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى0 - 1 قىلدى ، 71 مىنۇت بولغاندا بارسىلونا توپچىسى نىمار بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 1 قىلدى ... كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي ھەر ئىككىلى كوماندا 1 - 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ... كىيىنكى قىتىملىق ئۇچۇرشىشدا مادىرىد رىقابەت ئۆزمەيدانىدا بارسىلونا كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ ...
|
|