akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1034|ئىنكاس: 19

تۈركىيە بىرلەشمىسى 27-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ 27-ئايلانما مۇسابىقىسى تۇلۇق ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

بەشىكتاش 0 _ 1 قارابۇك تەنتەربىيەسى
  تۈركىيە كۈچلۈك كوماندىسى بەشىكتاش بىرلەشمىنىڭ 7-ئورۇندا كىتىۋاتقان قارابۇك تەنتەربىيەسى بىلەن ئېلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ شۇنداق كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ ئالدىنقى مەيداندا بىرمۇ توپ كىرمىدى. كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ تاكى 90 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا قارابۇك توپچىسى ئەنەرامو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە بەشىكتاش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بىرلەشمىدىكى زەردار گالاتاساراينىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى. شۇنداق قىلىپ 50 نومۇر بىلەن داۋاملىق بىرلەشمىنىڭ 3 -ئورۇندا ئىككى كۈچلۈك زەردارنىڭ ئارقىىدىن ئىز قوغلاپ كېلۋاتىدۇ.


قاسىم پاشا 3 - 0 قەيسەرى ئەرجىيە تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىدىك كۈچلۈك ھېساپلىندىغان ھەم بىرلەشمىنىڭ 5-ئورۇندا كىلۋاتقان قاسام پاشا كۇلۇبى بىلەن قەيسەرى ئەرجىيە تەنتەربىيەسى ئوتتۇرسىدا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى.  مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى سىكاريانو ئوسكار بىر توپ ئوردى. 40 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى ئەكەر لىھان بىر توپ ئۇردى.  ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 47 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى بۈيۈك بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىگە ئاساس سالدى ھەم نەتىجىنى مۇقۇمداپ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي ئاياقلاشتى.


سىۋاس تەنتەربىيەسى 3 - 2 گازىيانتە تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك كۇلۇب سىۋاس تەنتەربىيەسى مۇسابىقىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ مۇسابىقىنىڭ 17-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئوتاكا جون بىر توپ ئۇردى.  مۇسابىقىنىڭ 34-مىنۇتىدا گازىيانتە توپچىسى جان سەنول بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقە كەسكىن داۋاملىشىپ 71 مىنۇت بولغاندا سىۋاس توپچىسى ئەسەر بۇرھان بىر توپ ئۇردى. 86 مىنۇت بولغاندا گازىيانتە توپچىسى ساپارا بىر توپ ئۇرۇپ يەنە تەڭلاشتى.  مۇسابىقىنىڭ 90 مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا سىۋاس توپچىسى ئوتاكا جون ئىككىنچى توپىنى ئۇرۇپ كوماندىنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى.


تىرابىزون تەنتەربىيەسى 0 - 0 ئەلازىغ تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 6-ئۇرۇندا كىلۋاتقان تىرابىزون بىلەن ئەلازىغ تەنتەربىيەسى 90 مىنۇتلۇق كەسكىن تىركىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن بىرمۇ توپ كىرمەي تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى.


گالاتاساراي 0 - 0 توركا كونيا تەنتەربىيەسى
تۈركىيە زەردارى گالاتاساراي مېھمان مەيداندا توركا كونيا تەنتەربىيەسى بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ باردى. مۇسابىقىدە گالاتاساراي كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن بېسىپ ئويناپ قارشى تەرەپكە خېلى بېسىم ئېلىپ كەلدى. قارشى تەرەپمۇ توپ ئۇرۇشقا پۇرسەت بەرمەي، گالاتاساراينى خېلى ھالسىراتتى.
ئەمما  گالاتاساراي پۇرسەت تۇتالماسلىق ۋە تەلەي ئامىلى دېگەندەكلەر بىلەن 90 مىنۇت تىركىشىپ ھەر ئىككى تەرەپ بىرمۇ توپ ئۇرالماي تەڭلەشتى. شۇنداق قىلىپ بەشىكتاشتىن ئېشىپ كىتىش خىيالى بەربات بولدى. 50 نومۇر بىلەن بىرلەشمىنىڭ 2-ئورۇنىدا تۇرماقتا.


ئاكھىسار 2 _ 3 چايكۇر رىزە تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 10-ئۇرۇندىكى ئاكھىسار كۇلۇبى بىلەن بىرلەشمىنىڭ 14- ئۇرۇندىكى رىزە تەنتەربىيەسى كەسىكىن تىركەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا ئاكھىسار توپچىسى بىرونۇ بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 47 مىنۇت بولغاندا رىزە توپچىسى كىۋەكۇ بىر توپ ئۇرۇپ تەڭلەشتى. 4 مىنۇتتىن كىيىن رىزە توپچىسى قورقماس ئۈمىد بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجى ئۆزگەرىتتى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 71 مىنۇت بولغاندا رىزە توپچىسى كۆسە بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىگە ئاساس سالدى. مۇسابىقىنىڭ 90-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئاكھىسار توپچىسى ئاقيۈز بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمەي، رىزە تەنتەربىيەسى غەلبە قىلدى.


قەيسەرى تەنتەربىيەسى 3 - 1 ئانتالىيا تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 16- ۋە 18- ئۇرۇندا تۇرۋاتقان بۇ ئىككى كۇلۇب تىركىشىپ ئوينىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 36 مىنۇت بولغاندا ئانتالىيا توپچىسى ئنجەمان ئۇگۇر بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ قەيسەرى مەيدان كونتىرول قىلىپ ئويناپ 51 مىنۇت بولغاندا دىېگو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 59 مىنۇت بولغاندا قەيسەرى توپچىسى مەرت نوبرە بىر توپ ئۇردى. بىر مىنۇتتىن كىيىن يەنى 60 مىنۇت بولغاندا شۇ مەرت نوبرە يەنە بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىگە ئاساس سالدى. كىيىن ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي قەيسەرى غەلبە قىلدى.


كونا شەھەر تەنتەربىيەسى 0 - 1 ياشىلار بىرلىكى
بىرلەشمىنىڭ 8-ۋە 9- ئورۇندا ئوخشاش نۇمۇر بىلەن كىتىۋاتقان بۇ ئىككى رەقىپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ ئۇرالماي، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 60-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ياشلار بىرلىكى توپچسى زەج ئەرمىن مۇسابىقىدىكى بىردىن بىر توپنى ئۇرۇپ نەتىجە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى.


فەنەرباغچە 3 - 0 بۇرسا تەنتەربىيەسى
تۈركىيە زەردارى ھەم بىرلەشمىنىڭ چوققىسىدا 57 نومۇر بىلەن تۇرۋاتقان فەنەرباغچە ئۆز مەيدانىدا بۇرسا تەنتەربىيەسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا كايىت بىر توپ ئۇردى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ فەنەرباغچە كۇلۇبى كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن ئويناپ 75 مىنۇت بولغاندا سوۋ موسسا بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا 5 مىنىۇت قالغان فەنەرباغچە توپچىسى ۋېبو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقۇمدىدى ھەم كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي فەنەرباغچە غەلبە قىلىپ بىرلەشمىنىڭ چوققىسىدا ئولتۇرماقتا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 00:23:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىنىمۇ  تايىنلىقمۇ  نىمە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 00:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى كوماندىلارنىڭ ئىسمى خاتا يېزىلىپ قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 00:28:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىنىنىڭ يۈزىگە تۈكۈردىغان بولدىدە گالاتا ساراي توپ مەستانىلىرى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 00:30:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
man qiniga pul hajlap basa qang qikitdegan ohxaydu kabilyat deganni muxtayada kusatmay bu adax mu
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 00:36:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتاساراي ئۇتالماپتۇ دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 00:58:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم فەنەر باغچە چىمپىيون بولدىغان بولدىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-2 00:59:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن يوللىغان ۋاقتى  2014-4-2 00:25
بەزى كوماندىلارنىڭ ئىسمى خاتا يېزىلىپ قاپتۇ

خاتاسىنى كۆرسىتىپ بەرمەمسىز، تۈزتىۋالاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 02:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
isyanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-2 00:59
خاتاسىنى كۆرسىتىپ بەرمەمسىز، تۈزتىۋالاي

پەنەر باغچىدىكى  گوللاندىيەلىك كۇيىت شۇمۇ  ياكى  ئەمەسمۇ ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 02:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 02:13:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-2 02:33:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلىتە ساراي ئالغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش