ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ياۋروپا ئوزغۇنلار تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ، تارىختىن بۇيان كۈچلۈكلەرنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش جېڭىدە ئېلىپ بېرىلغان نادىر مۇسابىقىللىرى ئاز ئەمەس ، بولۇپمۇ 1993-يىلى ئەسلىدىكى « ياۋروپا كۇلۇپلار لوڭقىسى » « ياۋروپا چىمپيۇنلۇق بىرلەشمىسى » دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلىپ بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن بۇ مۇسابىقە ھەقىقەتەنمۇ « كۈچلۈكلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈكنى تاللاش » مۇسابىقىسىگە ئايلىنىپ قالدى ، بۇ جەرياندا مۇسابىقە مەيدانىدا ھەرخىل ئىشلار بولدى ، تۆۋەندە مەن ئوزغۇنلۇق تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدىكى 10 داڭلىق ئۇچرىشىشلارنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن .
1. مانچىستېر بىرلەشمىسى VS رىم ( 2007-يىلى )

2006~2007 يىلللىق مۇسابىقە پەسلى تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە كىشىلەر ئوزغۇنلۇق تارىخىدىكى بىر قېتىملىق قىرغىن قىلىش مۇسابىقىسىگە شاھىد بولدى ، كىرىستىيانو رونالدو مانچىستېر بىرلەشمىسىنى باشلاپ كونا تىرانكفورد مەيدانىدا دې روسسىي باشچىلىقىدىكى رىم كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا مانچىستېر بىرلەشمىسى رىمغا بېرىپ 2:1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغان ، شۇنداقلا سىكولىسنىڭ قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىشى بىلەن نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىغان ئىدى ، ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا مۇسابىقە باشلىنىپ 18 مىنۇت ئىچىدىلا مانچىستېر قارشى تەرەپكە ئۈچ توپ ئۇرۇپ بولدى ، كېيىن يەنە رونالدو ئىككى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقىملاپ قويدى ، گەرچە رىم كوماندىسى قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ نۇمۇر يېتىشتۈرۈشكە ئامال بولمىدى نەتىجىدە 7:1 نەتىجە بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرۇپ شاللاندى ، بۇ مۇسابىقىدىكى رىمنىڭ بىردىنبىر توپىنى دې روسسىي ئۇرۇپ كىرگۈزدى ، بۇ مۇسابىقە تۆت كۈچلۈك ئۇچرىشىشىدىكى يۇۋىنتۇسنىڭ 7:0 ئولىمپىياكۇسنى ئۇتقان مۇسابىقىدىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى .

2. بارسىلونا VS يۇۋىنتۇس ( 2003-يىلى )
بۇ يىللاردا بارسىلونا كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈك ئورۇندا تۇرىۋاتقان بولۇپ ياۋروپا چىمپيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىدە ئۇدا توققۇز مەيدان غەلبە قىلىش رىكورتىغا ئېگە ئىدى ، ( بۇ رىكورتنى تېخى ئۆتكەن يىلى بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسى ئۇدا 10 مەيدان غەلبە قىلىپ بۇزدى -ت ) ، يۇۋىنتۇس بىلەن تۇتۇشقاندا تورىينودا ساۋىيولانىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ 1:1 نەتىجە بىلەن قايتىپ كەلگەن بارسىلونا كوماندىسى بىر قەدەم ئالدىدا ئىدى ، نۆۋەت نوكامپۇغا كەلگەندە يۇۋىنتۇس كوماندىسى ئالدى بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىغا ئۆتتى ، بارسىلونا تېز سۈرئەتتە خاۋىينىڭ ئۇرغان توپىغا تايىنىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، ئۆز مەيدانىدىكى ئەۋزەللىك شۇنداقلا قارشى تەرەپ ئەزاسىنىڭ قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشى بارسىلوناغا ئۈمىد بەخش ئېتەتتى ، ئەمما مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتقا قەدەم قويۇپ 113-مىنۇتىغا كەلگەندە يۇۋىنتۇستىن زالايتا نىڭ بوغۇزلاش خارەكتىرىدىكى توپى بىلەن بارسىلونا كوماندىسى تۆت كۈچلۈكنىڭ سىرتىدا قالدى .
3. ئىنتېر مىلان VS ئا س مىلان ( 2005-يىلى )
2005-يىلى تۆت كۈچلۈك مۇسابىقىسى 2003-يىلىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى بولدى ، ( 2003-يىلى ياۋروپا ئوزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچتا قوشماق مىلان تۇتۇشۇپ قالغان ، نەتىجىدە ئا س مىلان مېھمان مەيداندىكى توپ سانىغا تايىنىپ ئىنتېرنى شاللىۋەتكەن ، شۇنداقلا ھەل قىلغۇچتا يۇۋىنتۇسنى نۇقتا توپتا ئۇتۇپ چىمپيۇن بولغان -ت ) ئالدىنقى يىللاردىكى كام قالغان قىساسنى ئۆز ئورنى-جايىدا قايتۇرۇش ئۈچۈن غەزەپلەنگەن ئىنتېر كوماندىسى بار كۈچىنى چىقىرىپ ئۇرۇشقا ئاتلاندى ، بىراق ئا س مىلانمۇ بۇ قوشمىقىغا بوزەك بولۇشنى ئەسلا خالىمايتى ، دەسلەپكى ئۇچرىشىشتا مىلان ساھىبخان بولۇپ سىتام ۋە شېفچىنكولارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن 2:0 ئالدىغا ئۆتتى ، بىراق ئىنتېر مەستانىللىرىمۇ ئۈمىدنى كېيىنكى ئۇچرىشىشقا ئېلىپ قويدى ، كېيىنكى ئۇچرىشىشتا يەنە شۇ يادرو ئوقبېشى 30 مىنۇتتىلا ئىنتېرغا توپ ئۇرۇپ قارشى تەرەپ مەستانىللىرىنى تېخىمۇ چۈشكۈنلۈككە پاتقۇزدى ، ئالدىنقى مەيدان شۇ پېتى ئاياغلاشتى ، كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ ئىنتېر كوماندىسى نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمىگەندىن كېيىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئىنتېر مەستانىللىرى كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋامىدا مەيدانغا كۆيدۈرگۈچ ۋە بوتۇلكىلارنى ئاتقىلى تۇردى ، مەيدان ئىس-تۈتەككە توشۇپ مىلاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىشىكباقارى دىدا يارىلاندى ، مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن رېپىر مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ مىلان كوماندىسىنى 3:0 نەتىجە بىلەن يەڭگۈچى قىلدى ، كېيىن بۇ ۋەقەنى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەكشۈرۈپ گۇناھنى ئىنتېر مىلانغا قويدى .
4. رېئال مادرىد VS مانچىستېر بىرلەشمىسى ( 2000-يىلى )
1999~2000 يىللاردىكى ياۋروپا ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە رېئال مادرىد دەسلىپىدە ھەقىقەتەن قىيىن كۈندە قالدى ، گورۇپپىدىن چىقىشتا ئۆزىنىڭ كەينىدىكى كوماندىدىن بىر توپ ئارتۇق ئۇرغانلىقىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى ( بىرىنچى بولۇپ چىققىنى بايرىن -ت ) ، 4 كۈچلۈككە كىرگەندە شۇ يىللاردىكى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مانچىستېر بىرلەشمىسىگە ئۇچرىشىپ قالدى ، مانچىستېر بىرلەشمىسى گۇرۇپپىدىن ئاسانلا چىققان بولۇپ ۋەزىيەت مانچىستېرغا بىرقەدەر پايدىلىق ئىدى ، ئالدىنقى ئۇچرىشىش بېرنابۇدا 0:0 ئاياغلاشتى ، كونا تىرانكفوردقا كەلگەندە مادرىدتىن رائۇل ۋە رىدوندولار ئارقىمۇ -ئارقا 3 توپ ئۇرۇپ غەلبىگە ئاساس سالدى ، مانچىستېر قاتتىق كۈچەپ ئىككى توپ قايتۇرىۋالغان بولسىمۇ ئامالسىزلىقتىن مادرىدنى تۆت كۈچلۈككە يولغا سالدى ، يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەندە مادرىد بايرېن بىلەن تۇتۇشۇپ بىر ئۇتۇپ بىر ئۇتتۇرۇپ بايرىننى شاللاپ گورۇپپىدىكى ئۆچىنى ئالدى ، ھەل قىلغۇچنى شەپەرەڭلەر ( ۋالىنسىيە ) بىلەن ئويناپ شۇ يىللىق چىمپيۇن بولدى .
5. ئا س مىلان VS راكىرونىيە ( 2004-يىلى )
بۇ يىللىرى ئا س مىلاننىڭ جاھان سۈرىۋاتقان مەزگىلى ئىدى ، ئۇلار ئالدىنقى يىلىلا ( 2002~2003-يىللىرى ) ياۋروپا چىمپيۇنى بولۇپ ئۆزىنىڭ 6-قېتىملىق ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن ، بۇ پەسىلدىمۇ ئالدىغا ئۇچرىغان رەقىبلىرىنى سۈپۈرۈپلا ماڭغانىدى ، راكىرونىيە بىلەن بولغان دەسلەپكى ئۇچرىشىشتا سان-سىرودا كاكانىڭ ئىككى توپى ۋە شۇ يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبى شېفچىنكونىڭ بىر بىر توپى بىلەن راكىرونىيەنى 4:1 نەتىجە بىلەن ئۇتقان بولۇپ تۆت كۈچلۈككە بىر قەدىمى كىرىپ بولغانىدى ، ئەمما كېيىنكى ئۇچرىشىشتا راكىرونىيە پارتلاپ چىقتى ، ئۆز مەيدانىدا مىلانغا ئارقىمۇ ئارقا تۆت توپ ئۇرۇپ 4:0 نەتىجە بىلەن مىلاننىڭ ئوزغۇنلۇق قەدىمىنى توختىتىپ قويدى .
6. ئارسېنال VS چېلسىي ( 2004-يىلى )
2003~2004-يىللار ئارسىنالنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇتۇققا تولغان يىللىرى ئىدى ، بۇ پەسىلدە ئۇلار بىرلەشمىدە بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماي چىمپيۇن بولغان ، ئەمما چېلسىينىڭ ئەھۋالى بولسا مورىنھۇ كېلىشتىن بۇرۇن ئۇتتۇرۇشتىن باش كۆتۈرەلمەي كېلىۋاتاتتى ، بۇ ئىككىسى ئوزغۇنلۇقتا ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرىمۇ ئىككى قېتىم بىرلەشمىدە ۋە بىر قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىدا تۇتۇشقان بولۇپ ئارسىنال ئۈچ مەيداننىڭ ھەممىسىدىلا ئۇتقان ئىدى ، ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا سىتانفورد كۆۋرىكىدە 1:1 تەڭلەشكەندىن كېيىن كېيىنكى ئۇچرىشىشتا ئارسىنال ئۆز مەھەللىسىگە ئەكىلىپ چېلسىينى جايلىماقچى بولدى ، دېگەندەك ئارسىنال ئالدىنقى مەيداندىلا بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىغا ئۆتتى ، ئارسىنال مەستانىللىرى تۆت كۈچلۈكتىكى رەقىبلىرىنىڭ كىملەر بولۇشى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقاندا چېلسىيدىن لەمپارد بىلەن بىرىيدىج ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ مەستانىلەرنى شىرىن چۈشتىن ئويغىتىپ چېلسىينىڭ تۆت كۈچلۈكنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىدەك رېئاللىققا باشلاپ كەلدى .
7. ئارسىنال VS لىۋېرپول ( 2008-يىلى )

پۇتبول مەيدانىدا ھەرخىل ئىشلار ، ئويلىمىغان نەتىجىلەر يۈز بېرىدۇ ، ئارسىنال بىلەن لىۋېرپول ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدىمۇ ئەنە شۇنداق ئويلىمىغان نەتىجىلەرنىڭ بىرى يۈز بەردى ، بۇلارنىڭ دەسلەپكى ئۇچرىشىشى ئانچە داغ-دۇغىسىزلا ئېلىپ بېرىلدى ، ئارسىنال ساھىبخان ھالەتتە لىۋېرپول بىلەن 1:1 تەڭلەشتى . ئەمما كېيىنكى ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرۇشتا مۇسابىقىگە چۈشتى ، ئالدىنقى مەيدان 1:1 ئاياغلاشقاندىن كېيىن كېيىنكى مەيداندا ئۇزاق ئۆتمەيلا توررىس بىر توپ ئۇرۇپ لىۋېرپول ئالدىغا ئۆتتى ، مۇسابىقىنىڭ 84-مىنۇتىغا كەلگەندە ئارسىنالدىن ئادىبايور بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجە 2:2 بولدى ، ئەسلىي ۋاقىت توشىدىغانغا بەش مىنۇتچە قالغان بولۇپ ناۋادا نەتىجە مۇشۇ پېتى ئاياغلاشسا ئارسىنال مېھمان مەيداندىكى توپ سانى بىلەن لىۋېرپولنى مەغلۇپ قىلىپ تۆت كۈچلۈككە كىرەتتى ، ئارسىنال مەستانىللىرىنىڭ ئۈمىدىمۇ شۇ ئىدى ، ئەمما ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتۈپ جېررادقا بېرىلگەن بىر نۇقتا توپ ئارسىنال توپچىللىرىنى ئالدىرىتىپ قويدى ، 90-مىنۇتلارغا بارغاندا بولسا لىۋېرپول تەرەپتىن بابىل بىر توپ ئورۇپ ئارسىنالنى تەلتۆكۈس بوغۇزلاپ تاشلىدى ، نەتىجىدە ئارسىنال يەنە بىر قېتىم خوشنىللىرى تەرىپىدىن تۆت كۈچلۈكنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى .

8. چېلسىي VS بارسىلونا ( 2000-يىلى )
مانچىستېر بىرلەشمىسى بىلەن رېئال مادرىد ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن قىرغىن قىلىشىۋاتقان شۇ جەرياندا بۇلار يالغۇز قالمىغان ئىدى ، ئىسپاندىن بارسىلونا ، ئېنگلاندتىن چېلسىيلار بۇ جەڭگە ھەمدەم بولغىلى كەلگەن بولۇپ ئۆز بىرلەشمىسى ئۈچۈن قان كېچىشتى . دەسلەپكى ئۇچرىشىشتا ئېنگلاندتا چېلسىي بارسىلونانى 3:1 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ ئېنگلاندنىڭ سۈر-ھەيۋىسىنى نامايان قىلدى ، بارلىق غۇملىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ كېيىنكى ئايلانما ئۈچۈن چىشىنى بىلەۋاتقان بارسىلونا نوكامپۇدا چېلسىينى 5:1 نەتىجە بىلەن مېھمان قىلىپ يولغا سالدى ، ئۇمۇمىي نەتىجىدە 6:4 بىلەن تۆت كۈچلۈككە كىرگەن بارسىلونا يېرىم ھەل قىلغۇچتا خوشنىسى ۋالىنسىيە بىلەن تۇتۇشۇپ بىر ئۇتۇپ، بىر ئۇتتۇرۇپ ئۇمۇمىي نەتىجىدە شاللىنىپ كەتتى .
9. دورتموند VS مالاگا ( 2013-يىلى )
بۇ مۇسابىقە ئاساسەن ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك ، ھالاكەت گۇرۇپپىسىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرىنچى بولۇپ چىققان دورتموند كوماندىسى تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە شۇ يىللىق يەنە بىر « قارا تۇلپار » مالاگاغا ئۇچراشتى ، دەسلەپكى ئۇچرىشىش ئىسپان زېمىنىدا 0:0 ئاياغلاشقاندىن كېيىن مالاگا مېھمان ھالەتتە ۋېستفالىنغا باردى ، مېھمان ھالىتىدە تاكى 90-مىنۇتقىچە 2:1 ئالدىدا بولۇپ تۆت كۈچلۈك بېلىتىنى ئاساسەن قولغا ئېلىپ بولغانىدى ، مۇسابىقە مەيدانى ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق ئۆزگىرىشچانلىقى بىلەن ئادەمنى ئۆزىگە تېخىمۇ مەھلىيا قىلىدۇ ، كىم بىلسۇن !؟ پەقەت ئىككى مىنۇت ئىچىدىلا يەنى 91- ۋە 93-مىنۇتلاردا سېرىق ھەرە قوشۇنى ئارقىمۇ -ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ھەقىقىي « قارا تۇلپار » ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ، شۇ پېتى ماڭغانچە توختاۋسىز ئىلگىرىلەپ ئاخىرى ھەل قىلغۇچتا بايرىن تەرىپىدىن قەدىمى پۈتۈنلەي توختىتىلدى .
10. مانچىستېر بىرلەشمىسى VS رېئال مادرىد ( 2003-يىلى )
بۇ ئىككىسىنىڭ تارىخى تېخى توختاپ قالغىنى يوق ، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ بۇ ئىككى كوماندا يەنە تۆت كۈچلۈككە كىرىش بوسۇغىسىدا ئۇچرىشىپ قالدى ۋە شۇ ھامانلا بىر-بىرىگە ھۆرپىيىشتى ، بۇ قېتىم بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقىسىغا ھەم ئوخشاشلىق ھەم ئوخشىماسلىق بار ئىدى ، ئوخشاشلىق تەرىپى ھەر ئىككى مۇسابىقىدە رېئال مادرىد ئاۋۋال ساھىبخان ئىدى ، ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئەزالار ئىدى . ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا رېئال مادرىدنىڭ مەيدانىدا رائۇلنىڭ ئىككى ، فىگونىڭ بىر توپى ۋە قارشى تەرەپتىن ۋانىستىرلوينىڭ بىر توپى بىلەن 3:1 نەتىجە بىلەن رېئال مادرىد غەلبە قىلدى ، مانچىستېر بىرلەشمىسى قالدى ھېسابنى كونا تىرانكفوردتا قىلىشماقچى بولۇپ قايتىشتى ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا رېئال مادرىدتا پۇتبول ساھەسىدىكى ئاجايىپ بىر ئادەم بولۇپ كىشىلەر ئۇنى « تاشقى پىلانىت ئادىمى » دەپ ئاتىشاتتى ، مانچىستېردىن ۋانىستىرلۇي ۋە بېكخاملار شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ ئەمما رونالدونىڭ قالپاق كېيىشىنى توسۇپ قالالمىدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۇمۇمىي يەتتە توپ چۈشكەن بولۇپ مانچىستېر بىرلەشمىسى 4:3 نەتىجە بىلەن ئۇتقان بولسىمۇ ئۇمۇمىي نۇمۇردا كېيىن قېلىپ يەنە بىر قېتىم مادرىد تەرىپىدىن تۆت كۈچلۈك سىرتىدا توختاپ قالدى .
|