ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-30 20:49
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 28 - ئايلانما مۇسابىقىسى 29 - چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 20:30 دە باشلاندى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
بايرېن 3 - 3 خوفىنھام
گىرمانىيە زەردارى بايرېن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا خوفىنھام كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ... مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان كەسكىن بولدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 23 مىنۇت بولغاندا خوفىنھام بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقىتلىق ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، بايرېن كوماندىسى شىدەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ 10 مىنۇت ئىچىدە 3 توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3 - 1 قىلدى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغان خوفىنھام كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان 3 - 2 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 75 مىنۇت بولغاندا خوفىنھام بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3 - 3 تەڭلەشتۈردى ، بايرېن كوماندىسىدىن شاچىرى بىر توپ پىززارو ئىككى توپ ئۇردى ... بۇنىڭ بىلەن بايرېن كوماندىسى ئۇتتۇرماسلىق رىكوتىنى 54 مەيدانغا يەتكۈزدى ...
سىتۇگارت 2 - 3 دورتمۇند
گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا كۈچلۈك سىتۇگارت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ سىتۇگارت كوماندىسى 9 ۋە 19 مىنۇت بولغاندا ئىككى توپ ئۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 30 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند يادروسى رىئۇس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 1 قىلدى ... كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 68 مىنۇت بولغاندا رىئۇس بىر نوقتا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، 83 مىنۇت بولغاندا رىئۇس يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 3 قىلىپ مىھمان مەيداندا غەلبە قىلدى ، دورتمۇند توپچىسى رىئۇس قالپاق كەيدى ... دورتمۇند كوماندىسى قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ داۋاملىق بىرلەشمىنىڭ ئىككىنجىلىكىنى ساقلاپ ماڭدى ...
شارىك04 2 - 0 بىرلىن ھېرتا
كۈچلۈك شارىك04 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بىرلىن ھېرتا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن شارىك04 كوماندىسى 2 - 0 نەتىجە بىلەن ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرلەشمىنىڭ ئۈچىنجىلىكىنى مۇقىملىدى ، شارىك04 كوماندىسىنىڭ گوللاندىيەلىك توپچىسى خىنتىلار بىر توپ ئۇردى ...
لىۋىرىكسۇن 1 - 1 بىرانسىۋىگ
لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدىكى بىرانسىۋىگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان بىرانسىۋىگ كوماندىسى بىر توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان لىۋىرىكسۇن كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ۋە ئۆزمەيدانىدا بىر نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...
ۋولفىسبۇرگ 2 - 1 فىرانكفۇرت
بۆرە قەلئەسى ( ۋولفىسبۇرگ ) كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا فىرانكفۇرت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، فىرانكفۇرت كوماندىسى ئالدىنقى مەيدان بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقىتلىق ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، ۋولفىسبۇرگ كوماندىسى كىيىنكى مەيدان كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا 2 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىدى ...
مايىنىز 3 - 0 ئاگسۇنبۇرگ
مايىنىز كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مايىنىز كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن ئۆزمەيدانىدا 3 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...
|
|