- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8194
- نادىر
- 16
- يازما
- 8194
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-30 00:14
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى : ئارگېنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا بىلەن بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن قىز دوستى ئولىۋىرانىڭ مۇھەببىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا بېرىپ قالدى .يەنى ، مارادونانىڭ دۇھادىكى ئادۋوكاتىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا ،مارادونا قىز دوستى ئولۋىرانى « ئوغرى » دەپ ئەرز قىلغان . ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى مارادونانىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىدىكى ئۆيىدە بەزى نەرسىلەر ئوغرىلانغان بولۇپ ،بۇ ئۆيدە ئادەتتە ئۈچ ئادەم تۇرىدىكەن .ئەمما شۇ كۈنى ئۆيگە قايتقىنى دەل ئولۋىرا ئىكەن .گۈزەللەر بىلەن توختىماي ئارىلىشىپ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى تۆكىۋاتقان مارادونا ئېھتىمال ئەمدى ھۇشىنى تېپىشى مۇمكىن !
« ئاسمان تەنتەربىيسى خەۋىرى » : بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق توپچى رونى غەربىي ھام كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزدى .بۇنىڭ ئىچىدە بىرسىنى يىراقتىن ئەينى چاغدىكى بېكخامدەك ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇردى .مۇسابىقىدىن كېيىن تېرىنىر مۇيىس ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي رونىنى ماختاپ كەتكەن .ئىگەلىنىشچە ،يىراقتىن مۇشۇنداق توپ ئۇرۇش رونىنىڭ ئىلگىرى باشقىلارغا بەرگەن ۋەدىسى ئىكەن .يەنى ، كىچىك بودەك « قاراپ تۇرۇڭلار ،مەن چوقۇم بېكخامدەك مۇشۇنداق توپتىن بىرنى ئۇرىمەن دېگەن » ئاخىردا رونىنىڭ بۇ ۋەدىسى ئۇرۇنلاندى .
« ئەينەك گېزىتى خەۋىرى » : چېلىسى كوماندىسىدىكى داڭلىق توپچى ئاشلىكولنىڭ توختامى بۇ يىل يازدا توشىدىغان بولۇپ ،نۆۋەتتە ، چېلىسى كۇلۇبى بىلەن ئاشلىكول ئوتتۇرسىدا سۆھبەت بولۇنمىغان .خەۋەرگە قارىغاندا ، پارىژ سانت ژىرمان كۇلۇبى مۇبادا ئاشلىكول كەلسە يىللىق ئىش ھەققىگە 10 مىليون بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا ،ئارسېنال كوماندىسى ئىككىنچى ئۇرۇندىكى چېلسىدىن ئالتە نومۇر پەرق بىلەن چوققىدا ئىدى .شەرەپتىن ئۇزۇن يىل مەھرۇم قالغان بۇ كوماندا توپ مەستانىلىرىنى خېلى ئۈمىدلەندۈرگەن .ئەمما كېيىن بىر نەچچە كۈچلۈك كوماندىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ چوقىدىن سېرىلىپ چۈشتى .شۇنداقتىمۇ ئارسېنالنىڭ يەنىلا پۇرسىتى بار .ئىلگىرى ئارسېنالدا توپ تېپىپ قالتىس شۆھرەت قازانغان پىرىس مۇنداق دېدى : « ئارسېنالغا نىسبەتەن بۇ ياخشى پەسىل بولدى .ئۇلار ھازىر ئالدىنقى تۆتىنىڭ ئىچىدە كېتىۋاتىدۇ .ئۇيۇشما لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچتا ۋىگان رىقابەت بىلەن ئوينايدۇ .مېنىڭچە ،ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مانچېستىر شەھىرى بىلەن ئوينىلىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقە ئىنتايىن مۇھىم .ئەگەر ئارسېنال يەڭسە قايتىدىن چېمپىيونلۇق رىقابىتىگە قايتىپ كېلىدۇ .بولمىسا ئېنىقلا چاتاق چىقىدۇ .مۇشۇ مۇسابىقە ئارسېنالنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قۇيۇشى مۇمكىن ! ....
توپ تەپكۈچى |
|