- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8194
- نادىر
- 16
- يازما
- 8194
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-30 00:14
« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » خەۋىرى : خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشچە ،مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق توپچى رونى ئەسلى بىر بوكس مەستانىسى بولۇپ ،كىچىك چېغىدا بوكس مۇسابىقىسنى قولدىن بەرمەي كۆرگەن .بولۇپمۇ ئامېرىكىلىق ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى تايسوننىڭ مۇسابىقىسىنى كۈرۈشكە ئىنتايىن ئامراق ئىكەن .يەنى ، تايسوننىڭ مەستانىسى ئىكەن . ھازىر بولسا يەنە بىر بوكس شاھى Mayweathe نىڭ مۇسابىقىسنى كۈرۈش بىلەن بىرگە ،بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىمۇ ئانچە -مۇنچە بوكس مەشىق قىلىدىكەن .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا دۆلىتىمىزنىڭ خۇنەندىكى لىشۇتوڭ ئىسىملىك بىر يولداش قىز دوستىنى ئېلىپ مەخسۇس ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا -نوكومپۇ پۇتبول مەيدانىدا قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويغان .ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پۇل چىقىرىپ بۇنداق كاتتا مەيداندا توي تەكلىپى قويغىنىدىن قىز تەسىرلىنىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتكەن .بۇلار ھەر ئىككىلىسى بارسېلونا مەستانىسى ئىكەن .
ئېنگىلاندىكى 20 كوماندىنىڭ ئىچىدە 2014-يىلى كىرگەندىن بۇيان لىۋېرپول كوماندىسى بىردىنبىر ئۇتتۇرمىغان كوماندا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .رجىسنىڭ كوماندىسى بۇ يىل ئۇدا يەتتە مەيدان يېڭىپ 40 توپ ئۇردى .كوماندىنىڭ مۇشۇنداق يېڭىشىدە بولۇپمۇ سۇئارېزنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى .ھازىر بۇ توپچى 28 توپ بىلەن مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ .ئېنگىلاند تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن ئالەن شېرنىڭ رېكورتىنى بۇزىدىغانغا پەقەت 6 توپلا قالدى .لىۋېرپول بىر نومۇر پەرق بىلەن چېلىسىدىن كېيىن ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرماقتا ...تاراتقۇلار بىردەك : لېۋېرپولنىڭ ئوت كۈچى كۈچلۈك ،چېمپىيونلۇق لېۋېرپولغا مەنسۇپ بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى دەپ پەرەز قىلماقتا ....مۇبادا شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇزۇن يىل لوڭقىسىز قالغان لېۋېرپولنىڭ ھەقىقەتەن ھاردۇقى چىقىدۇ ...
« ئەينەك گېزىتى خەۋىرى » : ئىگەلىنىشچە ،ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى چېلسى كۇلۇبى مادرىد رىقابەتكە ئىجارىگە بېرىۋەتكەن ۋاراتارى كورتۇۋانى قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى بولىۋېتىپتۇ .بۇ پەسىل كورتۇۋانىڭ مادرىد رىقابەتتىكى ئۈچىنچى پەسىلى بولۇپ ،ۋاقتى توشقان .چېلسى بۇ ۋاراتارى بىلەن بەش يىللىق توختام تۈزەپ خان مادرىدنىڭ سۇقۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
توپ تەپكۈچى
|
|