akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2357|ئىنكاس: 40

بارى توپ ئۇردى ، شىنجاڭ غەلبە قىلدى !!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-29 18:11  

074934cbivcbo6xws66446.jpg

3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:30 دە جۇڭگو ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە گۇاڭدۇڭ قۇياش بۇلۇقى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پەخىرلىك ئۇيغۇر ماھىرمىز 25-نۇمۇر بارى ،  14-نۇمۇر مۇستافا ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى تەرەپ قاتتىق تىركەشكەن بولسىمۇ توپ كىرمىدى . كىينكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە  ماھىرىمىز يەھيا  29 -نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ  مەيدانغا چىقتى . مۇسابىقە باشلىنىپ 50 مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىدىكى بارى جاڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسىدىن  شىنجاڭ كوماندىسىغا ئىجارىگە بىرىلگەندىن كىيىن ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە تۇنجى توپىنى ئۇرۇپ كىرگىزۈپ شىنجاڭ كوماندىسى ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى . 73 مىنۇت بولغاندا بارى ئىنتايىن چىرايلىق  پاس چىقارغان بولسىمۇ چەئەللىك ماھىر جونى ئىسراپ قىلىۋەتتى . مۇسابىقە ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا توپ كىرمەي شىنجاڭ كوماندىسى 1:0 نەتىجە بىلەن تۇنجى قېتىملىق غەلبىنى قولغا كەلتۈردى . شىنجاڭ كوماندىسى 1-ئايلانمىدا چىڭداۋ جۇڭنىڭ كوماندىسى بىلەن 1:1 تەڭلىشىپ قالغان ئىدى ، 2-ئايلانمىدا چىڭداۋ دېڭىز كالىسى كوماندىسىغا 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى ، 3-ئايلانمىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان بارىنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن تۇنجى قېتىم غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3-نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى شۇنداقلا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە تۆت نۇمۇرغا ئېرىشتى .      

1758183bx3mmmmz3mibtt9.jpg


   3 - ئايلانمىدىن كېيىنكى ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ رەت تەرتىپى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  زامانلار  تىللاپ  رەسۋاسىنى  چېقىرۋەتكەن  ئەمدى  ماختاپ پاختىسىنى  چىقىردىغان  بولدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:26:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇررا  ھۇررا   
   بۇ مەيدان غەلبىنىڭ ئەھمىيىتى بەك چوڭ   ....   
ھېس قىلىشىمچە بۈگۈنكى گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئەمەلى كۈچى   بىرىنىچى ئايلانمىدىكى  چىڭداۋ كوماندىسىدىن ئاجىزراق ھېساپلىنىدىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 21:31  

يامان ئەمەس ئوينىدى ،ئەمما گۇاڭدۇڭچىنى چۈشەنمەي مۇسابىقىنى ھېسيات كەمچىلرەك كۆرۈپ قالدىم ، گۇاڭدۇڭنىڭمۇ ھۇجۇمنى يامان ئەمەس قىلدى ، بولۇپمۇ ئاخىرىدا تەڭلىشىۋىلىش ئۈچۈن كۈچەپ يۈرەكنى ئاران قويدى !  بارى يامان ئەمەس ، مۇستاپانىڭ رولىمۇ چوڭ ئىكەن ، مۇسابىقە داۋامىدا شىنجاڭ كۇماندىسىدىكى نېگىر چىششىمغا ۋەھشى تەگدى ، شۇڭا دەيمەن ئۇ قارىۋاينى رەڭگىگە قاراپلا سېتىۋاپتۇ دەپ . ئۇنىڭدىن ياخشىراق تېپىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىدى ، مۇئاشنىمۇ بىر پاتمان بېرىدىغاندۇ شۇ قاپقارىغا ...
ساھىبخان بولۇپ ئوينىغان مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە بەك تەقەززا  بولىۋاتىمەن ! يەنە تاشئالمىدىكىدەك كەيپىياتنى كۆرگۈم بار ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:28:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئۇيغۇر ئەزالىنى كۆپەيتەمۇيا؟  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلمۇرات كوماندىنىڭ ئىسمى زادى نىمە ئىكەن . ئەزمەتلىرمىز يارايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:29:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ چەتەللىك ھۇجۇمچى بەك كالامپاي ئىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:29:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ مىھمان مەيداندا  تۆت نۇمۇر ،  ئالدىنقى قىتىم چوكىلى بىر نەچچە پۇرسەتنى ئىسراپ قىلمىغان بولسا   يەتتە نۇمۇرمۇ ئىلىپ قالاركەنمىز  ئەسلى  ، قالغان تۆت مەيداندا   ئالتە نۇمۇر ئالالىسا بولغىنى    .  قالغىنىنى  ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ياسايمىز .   

يارايسەن  بارى ، يارايسەن نۇرۇم ، يارايسەن  يەھيا  يارايسەن شىنجاڭ  قاپلىنى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:30:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىلنىڭ بىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىمىز ئۈچۈن مول _ھۇسۇللۇق بىر يىل بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.. كېيىنكى مەيدان سەل بوشاپ قالغان قارشى تەرەپ پۇرسەت تۇتقان بولسا بۇ ئۈچ نومۇردىنمۇ ئايرىلىپ قالاتتۇقتە.. يەكيانىڭ تىرىشىپ ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 17:30:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-29 17:32:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 02:28
دىلمۇرات كوماندىنىڭ ئىسمى زادى نىمە ئىكەن . ئەزمەتل ...

تەڭرىتاغ يىلپىزىمىكى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش