ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ياۋروپا كۇلۇبلىرى مەستانىللىرىنىڭ ئارزۇسىدىكى يەتتە تېرىنىر
بىر كۇلۇبنىڭ تېرىنىرى بىلەن توپچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇ كۇلۇبنىڭ نەتىجىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ ، ناۋادا بىر كۇلۇبتا ئەقىللىق ۋە تاكتىكىغا پىشقان بىر تېرىنىر بولمىسا ئۇ كوماندىغا مۇنەۋۋەر توپچىلار يىغىلغاندىمۇ داۋاملىق نەتىجە قازىنىپ لوڭقىلارنى قولغا كەلتۈرۈشى ناتايىن ، شۇ سەۋەبتىن ھەرقايسى كۇلۇبلار ئۆزىدە ئەڭ ياخشى تېرىنىرنىڭ بولۇشىنى ۋە شۇنداقلا بۇ تېرىنىرنىڭ كوماندا ئەزالىرىدىكى تەشكىلچانلىق ۋە ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ .
قېنى بىز ياۋروپادىكى بىر تۈركۈم كۇلۇبلارنىڭ ئارزۇسىدىكى تېرىنىرلارنى كۆرۈپ باقايلى ...( ئۇلار ھەتتا بەزى تېرىنىرلارنىڭ بىر پەسىل بولسىمۇ تېرىنىرلىق قىلىپ بېقىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ )
1.لۇئىس ئېنرىك : ھازىرقى سېرتا كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ، بارسىلونا مەستانىللىرى بۇ تېرىنىرنىڭ كېيىنكى مەۋسۈمدە بارسىلوناغا تېرىنىر بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا .
2. ۋانجال : ھازىرقى گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ، بۇ تېرىنىرنى توتتىنھام كوماندىسى مەستانىللىرى ھېچ بولمىسا بىرەر پەسىل بولسىمۇ تېرىنىر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ .
3. پېپ گۇۋاردىئولا : ھازىرقى بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسى تېرىنىرى ، بۇنىڭغا مانچىستېر شەھىرى كوماندىسى ھېلىھەممۇ قىزىقماقتا ، قارىغاندا پىلىگرىنىنىڭ نەتىجىللىرىدىن تازا قانائەتلەنمىگەن بولمىسا كېرەك .
4. كىلوپ : ھازىرقى بورسىيا دورتموند كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ، ئارسىنال مەستانىللىرى ۋېنگىردىن كېيىن بۇ تېرىنىرنىڭ ئارسىنال كۇلۇبىنى يېتەكلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلماقتا .
5. بېنىتىز : ھازىرقى ئىتالىيەدىكى نابلىس كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ، لىۋېرپول كۇلۇب مەستانىللىرى بۇنىڭ قايتىپ كېلىپ قىزىل ئارمىيەگە باش بولۇشنى ئۈمىد قىلىشىۋاتىدۇ . ( ئەمما شەخسەن مەن ئۇنداق قارىمىدىم ، مېنىڭچە لىۋېرپولنىڭ ھازىرقى تېرىنىرى روجىسمۇ كوماندىنى ياخشى يېتەكلەپ كېتىۋاتىدۇ - شەخسىي قاراش )
6. فورگىسىن : بۇنى قەيەرنىڭ ئارزۇلاۋاتقانلىقىنى ھەقىچان بىلىپ بولدۇڭلار ، بانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ نەتىجىسىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ مەستانىلەرنىڭ فورگىسىنغا بولغان سېغىنىشى كۈچەيمەكتە ، ئۇلار فورگىسىنىڭ بىر پەسىل بولسىمۇ قايتىپ ئالۋاستىلارنىڭ قامچىسىنى قولغا ئېلىشىنى ، ياۋروپادىكى ھەيۋىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا .
7. مورىنھۇ : ھازىرقى چېلسىي كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرى ، بۇنى ئارزۇلاۋاتقىنى بۇرۇنقى كۇلۇبى ئىنتېر مىلەن كوماندىسى ، ئىنتېر مىلەن « 5 شاھ » بولغاندىن كېيىن نەتىجىسى تۈز سىزىق بويىچە چۈشۈپ كەتتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ ، ئىنتېر مەستانىللىرى مورىنھونىڭ ئىنتېرغا قايتىپ كوماندا شان-شەرىپىنى قايتۇرىۋېلىشقا ، قايتىدىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئارزۇسىغا يېتىشنى ئۈمىد قىلىشماقتا .
|