akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1541|ئىنكاس: 58

شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى يەنە غەلبە قىلدى(3.28)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-29 08:04  

ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچ ، 2013- 2014-پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ بەشىنچى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋەن شىدا تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى . بۇ مەيدان مۇسابىقە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 5-مەيدانى بولۇپ ، ئەگەر بېيجىڭ شىنجاڭنى ئۇتۇۋالسا بۇ يىلقى چېمپىيون بېيجىڭ كوماندىسى بۇلاتتى . ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتسا ئومۇمىي نەتىجە   بېېجىڭ3-2شىنجاڭ بولۇپ  ، يەنە ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلاتتى .
بۈگۈن كەچ شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر جان تىكىپ ئېلىشتى ، ئاخىرغىچە بەل قويۇۋەتمەي تىركىشىش ئارقىلىق ئاخىرى 80 گە قارشى 83 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى .
بۇ مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى . چەتئەللىك ئەزايىمىز خادېسىن 36 نومۇر ئالدى ، پەخىرلىك ئۇيغۇر چولپىنىمىز شىرئەلىيجان 14 نومۇر ئالدى . قىرغىز يىگىت قىرانبېك ماكەن 11 نومۇر ئالدى . لىيۇشۇنەن 8 نومۇر ئالدى .سۇۋېي 8 نۇمۇر ئالدى . تاڭجىڭدوڭ 6 نومۇر ئالدى .بېيجىڭ كوماندىسىدىن 4 ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى . چەتئەللىك ئەزا ماربول 14 نومۇر ، مورسى 14 نومۇر ، سۈن يۆ 17 نومۇر ، جاڭ شاۋچۈەن 12 نومۇر ، لى شۆ لىن 6 نومۇر ئالدى .

ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە ئىككى كوماندا ئارىسىدا 7 ئايلانما ھالەتتە يەنى بىر تەرەپ 4 قىتىم ئۇتسىلا شۇ تەرەپ چىمپيۇن بولغان بولىدۇ، ھازىرقى ئومومىي نەتىجە  شىنجاڭ گۇاڭخۇي 3:2 بىيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى.كىيىنكى مۇسابىقە 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.






مۇسابىقە جەۋھىرىنى بۇيەردىن كۆرۈڭلار
http://sports.cntv.cn/2014/03/28/VIDE1396015201982240.shtml
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 03:28:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-29 03:31  

بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم .    بىزنىڭ بوۋاي قانچىلىك خوش بولغاندۇ تېخى ...ھى ھى  . تېخى  سىن كۆرۈنۈشىنى ئىزدەۋاتاتىم ھازىر .     

شىرنىڭ ئاۋۇ ھەركىتى ياخشى جاۋاپ   يارايسەن شىر ، يارايسەن گۇاڭخۇي !   بىيجىڭلىقلارغا ئەڭ  ياخشى تەييارلانغان  ئالامەت بىسىملىق ئۆردەك كاۋىپى        بولدى بۇ  ،    ئەجەپ خوش بولۋاتىمەن      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 03:55:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە خەۋرىنى ئاڭلاپ ئاجايىپ خوش بولدۇم،شىرئەلىنىڭ ئوينىشىغا بەك ئىچىم كۆيدى ،ئازراقلا بوي بوغان بولسا دەپ قالدىم ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. ،ئالغا شىرئەلى ،ئالغا گۇاڭخۇي كوماندىسى ئالغا بىزنىڭ شىرمىز غەيرەت قىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 03:58:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلى ئوغۇل ، قىلىشقا تىگىشلىكنى قىلدىڭ . ھېلىمۇ مۇسابىقە تۈگەپ بولغىچە ئىچىڭ ئاز ئاچچىق بولمىدى ...
ئەمدى ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ چېمپىيۇن بۇلالمىساڭمۇ ئارمان يوق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 04:03:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلەپكى ئىككى مەيدان قىزىل تاغدىكى مۇسابىقىدە دۈڭگۇەن بىلەن ئوينىغاندەك ئوينىغان بولسا بەلەن بولاتتى ،يەنە ئاخىرقى ئىككى مەيداندا بەك كۇچە شېرئىلى ..ئالغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 04:22:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ش ج ت ۋ دىكى   يولداشلارنىڭ   چۈشەندۈرگەن سىنى بولسا كۆرۈپ باقسام بولاتتى  .     ھىلىقى پوتبۇل چۈشەندۈرگۈچىسىدەك ھاياجانلىنىپ كەتتى ھەقىچان   ئاخىرقى   توپتا      ،   ئۇلارمۇ شىنجاڭلىق بولغاندىن كىيىن .     

س س ت ۋ نىڭكى چۈشەندۈرۋاتقىنىنى ئانچە كۇرمەيمەن  .     ش ج ت ۋ نىڭكىنى كۆرسە ھەر ھالدا  شۇلاردىن تارتىپ ئۆزىمىزنىڭكىدەك ھىس قىلدىكەن كىشى  ،    قارشى تەرەپ نۇمۇر ئاشسا   ئۈنى چۈشۈپ كىتىدۇ تېخى  ... ئىشقىلىپ بەك خوش بولۋاتىمەن جۇمۇ  .   خادىسىننىڭ ئاخىرقى توپى چۈشكەندە    تىلەك تىلەۋاتقان خىرستئانلاردەك  تۇرۇپ كەتكەن  سەيچى تەلەتلەرنىڭ  بىچچارە تۇرقىنى  قاتتۇرۋىلىپ تۇرۇپ تازا كۆرۈپتىمەن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 04:32:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈلكەر يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 03:58
شىرئەلى ئوغۇل ، قىلىشقا تىگىشلىكنى قىلدىڭ . ھېلىمۇ مۇس ...

تېخى ئۇخلىمىدىڭزما قارى ھاجىم .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 07:58:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋۋۋ مەن شىنجاڭدىن ئۈمۈدىمنى ئۈزگەنتىم قارىغاندا خاتالىشىپ قالغان ئوخشايمەن ئالغا شىنجاڭ… ۋاسكىتبولدا بولسىمۇ چىمپىيون بول
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 08:20:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك. باچار   نىمىلەكەن.  رىبىردىب. تارتىپ. س س ت ۋ. نىڭ چۇشەندۇرگۇچىلىرىمۇ  
شېرنىڭ. ىاۋۇ  ھەركىتىگ.جازا بېرىپ. قالماس. چىدىماسلا
سۇۋېي. دىگەن. بىر  كالىكەنغۇ بەك ىاچچىقىمنى  كەلتۇردى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 08:23:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرانبىك دىگەن   شىرىەلىنى  قۇچاقلىۋاغىنى.  شۇما  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 08:26:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كوماندىسى غەيرەت قىلىڭلا غەلبە سىلەرگە مەنسۈپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-29 08:27:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلى ھەققىي ئەزىمەتتەك ئويناۋاتىدۇ ،يەكشەنبە كۈنى بىر يېڭىۋەتسە بولاتتى قىزىلتاغدا
ئاۋۇ ئىشلىگەن تەبرىكلەش ھەركىتى بەك ئېسىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش