akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1406|ئىنكاس: 20

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئون چوڭ ھالاكەت گورۇپپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەييارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 15:05  

                          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      قارىسام ئەسىر دېربىسى ھەممىمىزنى قوزغىۋەتكەن چىراي.مەيلى مادرىت ياكى بارسېلون مەستانىلىرى ۋەياكى باشقا كۇلۇپ مەستانىلىرى بولسۇن بەزىلىرىمىز ھاياجىنىمىزنى باسالماي قالدۇق.شەخسەن مەن بىر مادرىت مەستانىسى مەنمۇ مۇسابىقىنى كۆردۈم،مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى.لېكىن،دېربى دېگەن مۇشۇنداق بولسا قىززىپ قويىدىكەن.مۇسابىقە ئالدىدىلام مەيداندا ۋە بىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىمۇ تالاش-تارتىشىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئىدى.لېكىن مۇنبەردە بەزى بىر سەت گەپلەرنى دېيىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.ھەممىمىز ئەركەك ئەمەسمۇ.ھېچقايسىمىز كۆتەمەيمىز.شۇنىڭ ئورنىغا ئاز-پاز پۇراقلىق گەپلەرنى قىلىپ مۇنبەرنى ئاز تولا قىزىتساق بولدى.مۇنازىرە مۇنبىرى دەپلا سەل نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن گەپلەرنى قىلىشنىڭ ئورنى يوققۇ دەيمەن.قانداقلا بولسۇن مۇسابىقە تۈگىدى.يىللاردىن بېرى بولۇپ تۇرۋاتقان ئۇتۇش ئۇتتۇرۇشلارغۇ بۇ.مادرىت مەستانىلىرىمۇ ئەمدى ئاستا ئۆزىمىزنى بېسىۋالساق،بارسېلونا مەستانىلىرىمۇ سەل ئۆزۈڭلارنى توختىتىۋېلىپ،ھەممىمىز چىرايلىق مۇنازىرلەشسەك.
       قۇرۇق گەپ جىق بولۇپ كەتتى.مەقسەتكە كەلسەم،ئەسىر دېربىسىنىڭ گېپىنى ئەمدى 4-ئايغا ئېلىپ قويۇپ.،ئۇزغۇنلۇق ئالاكەت گۇرۇپپىسى توغۇرلۇق ئازراق مۇنازىرلەشسەك دېگەن ئۈمۈتتە ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.مۇنبەرگە تۈزۈك بىر تېما يازمىغىلى10ئايدەك بولۇپ قاپتۇ.ئالى مەكتەپنىڭ قىيىن قىستاقلىرىدا مۇنبەرنى زىيارەت قىلىپ تۇرغان بولساممۇ سىلەرگە داۋاملىق ھوزۇرلانغۇدەك تېمىلارنى سۇنالمىدىم.شۇنىڭ ئۈچۈن كەمىنە سەييارە ياخشىراق بىر تېما يېزىشنى ئويلاپ ئاخىرى مۇشۇ تېمىنى يېزىشنى لايىق تاپتىم.كەتتى ئەمسە ھە.....
                               094I05642-0.jpg
      خۇددى دۇنيا لوڭقىسى ۋە ھەرقايسى قىتئە لوڭقىلىرى مۇسابىقىسىگە ئوخشاش ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ بىرسى ھەمدە ئالدى بولۇپ سانالماقتا.ھەتتا كۇلۇپلار ئوتتۇرسىدىكى دۇنيا لوڭقىسى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.ياۋروپا كۇلۇپلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان چوڭ سەھنە،ئۆز دۆلىتىنىڭ بىرلەشمە رەت تەرتىپىنى كۆتۈرىدىغان ياخشى ئورۇن.ئەڭ مۇھىمى زەردارلارنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان شۇنداقلا زومىگەرلىك چوققىسىغا چىقىدىغان جەڭڭاھتىن ئىبارەت.
                               879212_w2.jpg    
      ھەرقايسى بىرلەشمىلەرنىڭ سەركىلىرى مانا بۇ جەڭڭاھتا ھەقىقى كۈچلۈكلەر بىلەن تۇتىشىدۇ.ئۆز بىرلەشمىلىرىدە زەپەر قۇچقانلار،بۇ جەڭڭاھتا قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زەردارلىقىنى تىكلەيدۇ ۋەياكى يېرىم يولدا قۇربان بولۇپ ئۆز ئۆيلىرىگە ئاستاغىنە قايتىشىدۇ.بىرىنجى ئۆتكەل بولغان گۇرۇپپا جېڭى بۇ جەڭنىڭ باشلىنىشدۇر.تۆۋەندە بىز ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ھالاكەت گۇرۇپپىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
    ئەسكەرتىش:تۆۋەندىكىلىرى ياۋروپا  پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى1992-يىلى تۈزۈم ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى ھالاكەت گۇرۇپپىلىرى.
                            2610051609741.JPG
   10. 2011-2012 -پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:ئارسېنال  ،  مارسېل  ،  ئولىمپپىياكىس  ،  دورتموند
نەتىجە:ئارسېنال-11نۇمۇر
          مارسېل-10نۇمۇر
          ئولىمپىياكىس-9نۇمۇر
          دورتموند-4نۇمۇر
   شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئىنگىلاند زەردارى ئارسېنال دورتموند،ئولىمپىياكىس،مارسېل قاتارلىق ھەرقايسى بىرلەشمىلەرنىڭ سەركىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپقا بۆلۈنگەن.قارىماققا بۇ گۇرۇپتىكى كوماندىلار ئانچە كۈچلۈك كۆرۈنمىسىمۇ (باشقا گۇرۇپتىكى زەردارلارغا قارىغاندا)ياۋروپا ئۇزغۇنى بولۇپ باققان دورتموند ،ئۇزغۇنلۇق تەجىربىسى مول ئارسېنال،ئەمەلى كۈچىنى بوش چاغلاشقا بولمايدىغان مارسېل بۇ گۇرۇپپىدىكى رىقابەتنى يۇقىرى چەككە كۆتۈرگەن.ئاخىرىدا ئارسېنال ۋە مارسېل بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەن.
                20130808150731_25817.jpg
9. 2001-2002-پەسىللىك مۇسابىقە.
كوماندىلار:پاناشناسىك  ،  ئارسېنال  ،  مالۇكا  ،  شارىك04
نەتىجە:پاناشناسىك-12نۇمۇر
          ئارسېنال-9نۇمۇر
          مالۇكا-9نۇمۇر
          شارىك04 -6نۇمۇر
     بەلكىم سىز بۇ گۇرۇپپىنىڭ شۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىدە ئەڭ ئوت كەتكەن ھالاكەت گۇرۇپپىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادا ئارسېنال راۋۇرۇس باش كۆتۈرگەن،يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقىتلىرى بولۇپ،ھىنرى،ۋىئېرا قاتارلىق قۇراللار بىلەن قۇراللانغان قۇرال ياراق زاۋۇتى ئىنگىلاندتىن چاڭ چىقىرىپ بىرلەشمە چوققىسىدا پۇتنى ئالماپ قويۇپ ئولتۇردىغان چاغلىرى ئىدى.لېكىن ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىدا ئۇنداق بولماي قالدى.ئالتە مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئۇتۇپ ،ئۈچ ئۇتتۇرپ9نۇمۇرئېلىپ مالۇكا بىلەن نۇمۇردا تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ساپ توپ پەرقى بىلەن مالۇكانى شاللاپ 16كۈچلۈككە ئارانلا كىرۋالغانىدى.پاناشناسىك كوماندىسى_بەلكىم كۆپلىرىڭلار گىرىتسىيەنىڭ بۇ كوماندىسىنى ئانچە بىلىپ كەتمەسلىكىڭلار مۇمكىن.لېكىن بۇكوماندا شۇ يىلدىكى كۆزنى ئەڭ قاماشتۇردىغان قارا تۇلپار بولۇپ  قالغانىدى.تۇنجى ئايلانمىدا شارىكنى مېھمان مەيداندائۇتۇپ،ئارقىدىنلا ئۇدا ئىككى مەيدان ساھىپخان ئويناپ مالۇكا بىلەن ئارسېنالنى ئۇتقان.ھەيران قالارلىق يېرى بۇ ئۈچ مەيدان مۇسابىقدە5توپ كىرگۈزگەن بولۇپ بىرمۇ توپ كەتكۈزمىگەن.ئاخىرىدا 4ئۇتۇق2ئۇتتۇرۇش بىلەن 12نۇمۇر ئېلىپ ھالاكەت گۇرۇپپىسىدىن ئارسېنالنى قارىتىپ قويۇپ 1-بولۇپ چىقىپ كەتكەن.ئۇلارنىڭ قەدىمى تاكى 8كۈچلۈكتە بارسېلوناغا ئومومى نۇمۇردا 2-3ئۇتتۇرۇپ قويغانغا قەدەر داۋاملاشقان.مالۇكا بىلەن شارىك ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ،يەنىلا قەدىمىنى توختاتقان.
             xin_5112010909012871379615.jpg
8. 2004-2005-پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:لېۋىركۇسىن ، مادرىت ، رىم ، كىيىۋ دىنامو
نەتىجە: لېۋىركۇسىن-11نۇمۇر
             مادرىت-11نۇمۇر
             كىيىۋ دىنامو-10نۇمۇر
            رىم - 1نۇمۇر
      بۇ گۇرۇپتا چولپانلارتوپلاشقان خان جەمەتى مادرىت كوماندىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا،لېۋىركۇسىن،كىيىۋ دىنامو،رىم ئۈچىلىسى ئەمەلى كۈچى ئاساسى جەھەتتىن تەڭ كوماندىلاردىن.ئالدىنقى يىلدىكى ھالاكەت گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش گۇرۇپپىنىڭ 1-ئايلانمىسىدىلا بىرخىل تەشۋىشلىك پۇرىقى كېلىپ تۇرغان.تۇنجى ئايلانمىدا كۈچلۈك بولغان مادرىت گىرمانىينەنىڭ قېرى تۇلپارى لېۋىركۇسىن تەرىپىدىن 3-0مەغلۇپ بولۇپ مەستانىلەرنى تاڭ قىلدۇرغان ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا مادرىتنىڭ مەشقاۋۇلى دەل كاماچاۋ ئىدى.رىم كوماندىسىمۇ ئۆز مەيدىنىدا ئوخشاشلا 3-0نەتىجە بىلەن كىيىۋىا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى.2-ئايلانمىدا بولسا لېۋىركۇسىن 4-2نەتىجە بىلەن كىيىۋقا ئۇتتۇرغان،مادرىت بولسا رىمنى ئۇتقان.3-ئايلانمىدىمۇ ،2-ئايلانمىدىكى غالىبىيەتچىلەر غەلبە قىلغان.يېرىم بۆلەك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە لېۋىركۇسىن،مادرىت،كىيىۋ ئۈچىلىسى2ئۇتۇق 1ئۇتتۇرۇقلۇق ئوخشاش ئەھۋالدا بىربىرىنى ئۇتۇش ئۇتتۇرشىغا قاراپ دەرىجە ئايرىلغان.4-ئايلانمىدا تۆت كوماندا تەڭلىشىپ قېلىپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ ،رىمدىن باشقا يەنە قايسى كوماندىنىڭ شاللىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.5-ئايلانمىدا بولسا مادرىت لېۋىركۇسىن بىلەن 1-1تەڭلىشىپ قېلىپ،كىيىۋ2-0رىمنى ئۇتقان ئەھۋال ئاستىدا كىيىۋنى 1-لىك ئورنىغا چىقىرىپ قويغان.ھالقىلىق بولۇپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا بولسا لېۋىركۇسىن كىيىۋنى،مادرىت رىمنى يېڭىپ ھالاكەت گۇرۇپپىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ كەتكەن.
            
7. 2005-206-پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار: ۋىللارىئال ، مانچىستىر بىرلەشمىسى ، لېر ، بېنفىكا
نەتىجە:ۋىللارىئال-10نۇمۇر
          بېنفىكا-8نۇمۇر
          لېر-6نۇمۇر
          مانچىستىر بىرلەشمىسى-6نۇمۇر
       بۇ گۇرۇپپامۇسابىقىسىمۇ ئوخشاشلا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسىنى كەلتۈرمەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى نەتجىنىڭ يەنىلا بىزنى ئىشەندۈرشى بىلەن ئاخىرلاشتى.ئەمەلى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىن قارىغاندا مانچىستىر بىردىنبىر چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى كوماندا ئىدى.لېكىن ئاقىۋەت ئۇنداڭ بولمىدى.بىز يەنە بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئاجىز كوماندىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ يەتكەندەك بولدۇق.بۇ پەسىلدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا __سۇئاستى كېمىسى  ۋىللارىئال رىكولمىنىڭ قوماندانلىقىدا تورپىدانى ئايىماي ئېتىپ،ئەينى ۋاقىتلاردا كۇلۇپ تارىخىدىكى ئەڭ شەرەپ قۇچقان يىللارنى كۈتىۋالغان ئىدى.ئالدىنقى2ئايلانمىدا ئۇلار بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمەي تەڭلىشىپ قالغان.3-ئايلانمىدا رىكولمى بىر نۇقتا توپ ئۇرغان بولسىمۇ،مېھمان بولۇپ كەلگەن بېنفىكانىڭ بىر توپىنى ئىستىمال قىلۋېلىپ تەڭلىشىش قەدىمىنى داۋاملاشتۇرغان.شۇنىڭدىن كېيىن سۇ ئاستى كېمىسى قايتىدىن جانلىنىپ،كىيىنكى ئايلانمىدىن باشلاپ،لېر بىلەن بېنفىكانى 1-0ئۇتۇپ،كونا تىرافودتا 0-0تەڭلەشكەن.6مەيداندا3توپ كىرگۈزۈپ،2ئۇتۇق4 تەڭلىشىش بىلەن10نۇمۇر ئېلىپ،گۇرۇپتىن 1-بولۇپ چىقىپ كەتكەن.لېكىن مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ناھايىتى نەس باسقان بىر پەسىل بولغان.فورگىسىننىڭ كوماندىسى بېنفىكانى ئۆز مەيدانىدا 2-1ئۇتقاننى ھىساپقا ئالمىغاندا3تەڭلىشىپ 2ئۇتتۇرۇپ لېر بىلەن ئوخشاش6نۇمۇر ئېلىپ گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان.ئۇنى ئاز دېگەندەك لېر بىلەن بولغان جەڭدە 1تەڭلىشىپ 1ئۇتتۇرغانلىق سەۋەبىدىن گۇرۇپتا 3-مۇ بولالمىغان.شۇنداقلا ئۇزغۇنلۇقتا ناھايىتى ناچار ھالەتنى باشتىن ئۆتكۈزگەن.شۇنداق بولسىمۇ فورگىسىننىڭ مانچىستىرنى رەتلىشى ئارقىلىق ئارىدىن 2پەسىل ئۆتۈپ مانچىستىر يوغان قۇلاقنى ئېگىز كۆتۈرگەن.
                09256363620808c9617005.jpg
6. 2007-2008-پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:مادرىت ، بېرمىن ، ئولىمپىياكىس ، لازىيو
نەتىجە:مادرىت-11نۇمۇر
          ئولىمپىياكىس-11نۇمۇر
          بېرمىن-6نۇمۇر
          لازىيو-5نۇمۇر
       ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتۈپ لازىيو كوماندىسى قايتىدىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سەھنىسىگەقايتىپ كەلگەن بولسىمۇ،لېكىن تەلەي ئۇلارغا كۈلۇپ باقمىدى.مادرىتنىڭ ئەمەلى كۈچىنى سۆزلشنىڭ ھاجىتى يوق.تىياگو قاتارلىق ماھىرلارنى كوماندىغا قوشۇۋالغان گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى ئاق سۆڭىكى بېرمىننىمۇ ھەرگىز ئاجىز چاغلاشقا بولمايتتى.گەرچە ئولىموىياكىسنىڭ ئىپادىسى ئانچە تۇراقلىق بولمىسىمۇ،ئۇلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئەينى ۋاقىتتاخېلى كوماندىلارنى تىترەتكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئولىمپىياكىس ئۇزغۇنلۇقنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى.ئالدىنقى  2ئايلانمىدا لازىيو كوماندىسى ئولىمپىياكىس ۋە مادرىت بىلەن ئوخشاشلا1-1تەڭلەشكەن بولۇپ،لازىيو ئۈچۈن بۇ خېلى ياخشى باشلىنىش ھىساپلانغان بولسىمۇ ،كىيىنكى ئايلانمىلاردا ئۇزغۇنلۇق تەجىربىسىنىڭ كەملىكى سەۋەپلىك 1ئۇتۇپ3ئۇتتۇرۇپ ئۇزغۇنلۇقتىن خوشلاشقان.بېرمىنمۇ كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ ،ھالاكەت گۇرۇپپىسىغا بۆلىنىپ قالغان گۇنايى ئۈچۈن ئۇلارمۇ قەدىمىنى توختاتقان.
               730_568455_229225.jpg
5. 2011-2012-پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:بايرىن مىيۇنخىن ، ناپولى ، مانچىستىر شەھرى ، ۋىللارىئال
نەتىجە:بايرىن-13نۇمۇر
          ناپولى-11نۇمۇر
          مانچىستىر شەھرى-10نۇمۇر
          ۋىللارىئال-0نۇمۇر
       گەرچە بۇ گۇرۇپپىدىكى4كوماندا ئالدىنقى پەسىلدىكى ئۆز بىرلەشمىلىرىنىڭ چىمپىيونلىرى بولمىسىمۇ،لېكىىن ئەمەلى كۈچ جەھەتتە بىرلەشمە چىمپىيونلىرىدىن قېلىشمايتتى.بايرىن بولسا شۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن،ئەنئەنىۋى زەردارلارنىڭ بىرسى.گۇرۇپپىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتا بولغان مانچىستىر شەھرى ئىنگىلاند سەھنىسىدە يېڭى باش كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ پەسىل نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئاگۈيرو،ناسرى قاتارلىق ياش،تالانتلىق ماھىرلارنى ئۆز بارگاھىغا يىغقان.لېكىن،مانچىستىر شەھرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى شۇكى بۇ كوماندا 42يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇزغۇنلۇققا كىرگەن.ئۇزغۇنلۇق تەجىربىسىنىڭ كەمچىللىكى بۇكوماندىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولۇپ قالغان.ناپولىنىڭ ئەھۋالىمۇ مانچىستىرغا ئوخشاش بولۇپ،ئۇمۇ ئۇزغۇنلۇقنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئەمەس ئىدى.لېكىن مانچىستىردىن ئازراق كۆپ بولغان ئۇزغۇنلۇق ئويناش تەجىربىسى ۋە كاۋانى قاتارلىق ماھىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق‹‹ياش››مانچىستىر شەھرىنى داغدا قالدۇرۇپ،بايرىن بىلەن قول تۇتۇشۇپ 16كۈچلۈككە كىرىپ كەتكەن.
          a3ebf518nd27405dc47a8&690.jpeg
4. 2002-2003-پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:مىلەن ، مادرىت ، دورتموند ، موسكىۋا پاراۋۇز
نەتىجە:مىلەن-12نۇمۇر
          مادرىت-11نۇمۇر
          دورتموند-10نۇمۇر
         پاراۋۇز-1نۇمۇر
       ياۋروپانىڭ زەردارى بولغان مادرىت بىلەن مىلەن 2002-يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان دورتموند ۋە روسىيەنىڭ موسكىۋا پاراۋۇز كوماندىسىدىن تەركىپ تاپقان بۇ گۇرۇپپا ھەممە ئېتراپ قىلغان ھالاكەت گۇرۇپپىسى ئىدى.مىلەن 4ئايلانما ئۇدا غەلبە قىلىپ،مۇددەتتىن ئىشىك ئاتلاپ چىقىپ كەتكەن.مادرىت بولسا ئاخىرقى بىرسان ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ،دورتموندنى بىر ئۇتۇپ بىر تەڭلەشكەن.پاراۋۇزنى بولسا رونالدونىڭ روسىيەنىڭ ئاچچىق سوغۇق شاماللىرى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان شۇ مەيدانلىردا ئۇرغان بىردىن بىر توپى ئارقىلىق ئۇتقان.گەرچە دورتموند سان سىرودا 3-1نەتىجە بىلەن مىلەننى ئۇتقان بولىسمۇ،1نۇمۇر پەرىق بىلەن مادرىتقا ئىشىك ئېچىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
               20100929103420757.jpg
3. 2002-2003-پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:ۋالۇنسىيە ، ئاياكىس ، ئارسېنال ، رىم
نەتىجە:ۋالۇنسىيە-9نۇمۇر
          ئاياكىس-8نۇمۇر
         ئارسېنال-7نۇمۇر
        رىم-5نۇمۇر
     يۇقىردىمۇ 2002-2003-پەسىلدىكى بىر ھالاكەت گۇرۇپپىسىنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق.ھازىرمۇ يەنىلا شۇ پەسىلدىكىيەنە بىرھالاكەت گۇرۇپپىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
    شۇۋاقىتتىكى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇۇپ ئېيتقاندا بۇگۇرۇپپىدىكى4كوماندىنىڭ ئەمەلى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئانچە چوڭ پەرىق يوق بولۇپ،پەۋقۇلاددە ئىپادىسى ئادەەتىن تاشقىرى ياخشى كوماندا يوق دىيەرلىك ئىدى.ئالدىنقى 5ئايلانما مۇسابىقىدە ئارسېنال ۋە ئاياكىس ئۆزىنىڭ مول ئۇزغۇنلۇق تەجىربىسى بىلەن مۇسابىقىدە چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماي گۇرۇپپىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بولۇپ ،رىم بىلەن ۋالۇنسىيە ئۇلارنىڭ ئارقىغا تىزىلغان ئىدى.شۇ ۋاقىتتا 4كوماندىنىڭ ئىچىدىكى خالىغان 2كوماندىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى.ئەڭ ئاخىرقى ھايات ماماتلىق پەيىتتە ئۇلار جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ6-ئايلانما مۇسابىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ھايات-مامات جېڭى قىلۋەتكەنىدى.بۇ ئايلانمىدا تەڭلەسشىلام گۇرۇپپىدىن چىقىپ كېتەلەيدىغان ئارسېنال مىستارىيا پۇتبول مەيدانىدا شەپەرەڭ قوشۇنىنىڭ 2-1ئېچىنىشلىق مەغلۇپ قىلىشى ھەم رىمغا مېھمان بولۇپ بارغان گوللاندىيىلىكلەرنىڭ كۈچەپ ئويناپ تەڭلىشىشى نەتىجىسىدە گۇرۇپتىن چىقالمىغان.ئاخىرىدا ۋالۇنسىيە بىلەن ئاياكىس گۇرۇپپىدىن ئامان ئىسەن چىقىۋالغان.
             7532B139641B43BADE1AD4E7D878138D.jpg
1. 1998-1999 -پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:بايرىن مىيۇنخىن،مانچىستىر بىرلەشمىسى،بارسېلونا،بىرون دېربى
نەتىجە:بايرىن مىيۇنخىن-11نۇمۇر  
          مانچىستىر بىرلەشمىسى-10نۇمۇر
          بارسېلونا-8نۇمۇر
         بىرۇن دېربى-3نۇمۇر
      بۇ گۇرۇپپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ھالاكەت كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى ،رىقابەت ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىن بولغان ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ھالاكەت گۇرۇپپىسى.
     ئىنگىلاند ھۆكۈمرانى مانچىستىر بىرلەشمىسى،گىرمانىيە ياۋۇز تانكىسى بايرىن مىيۇنخىن ۋە ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونا بولسا ئەينى يىللاردا ياۋروپانى تترەتكەن،دۇنيادا ھەقىقى زەردار سانىلىدىغان،ھەممىسى ئۇزغۇنلۇق ساھىبى بولۇپ باققان كوماندىلار ئىدى.دانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى بىرون دېربى بولسابۇ گۇرۇپپىدا ‹‹ھال سورىغۇچى ئايال››لىق رولىنى ئۆتەيدىغاندەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالغان ئىدى.بايرىن،مانچىستىر،بارسېلونادىن ئىبارەت بۇ ئۈچ زەردارنىڭ ئۆزئارا ھەربىر ئۇچراشقان مۇسابىقىسى مەستانىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ،1998-يىللىق فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى پتبول مۇسابىقىسى بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس ،ئەلۋەتتە.بۇنىڭ ئىچىدە مانچىستىرنىڭ مېھمان ساھىپخانمەيداندا ئوخشاش3-3نەتىجە بىلەن بايرىن بىلەن تەڭىلىشىپ قالغان مۇسابىقىلىرى بۇ گۇرۇپپىدىكى ئەڭ قىززىغان مۇسابىقىلەرنىڭ ئالدى بولۇپ قالغان.ئەڭ ئاخىرىدا بايرىن بارسېلونانى2ئۇتقان،مانچىستىر بىلەن2تەڭلەشكەن،بىرون دېربى بىلەن 1ئۇرۇپ 1ئۇتتۇرغان بولۇپ ،11نۇمۇر بىلەن گۇرۇپپىدىن 1-بولۇپ چىقىۋالغان.مانچىستىر بولسا بايرىن ۋە بارسېلونا بىلەن ھەممە مەيداندا تەڭلەشكەن.بىرون دېربىنى قوش بوغۇزلىغان بولۇپ ،10نۇمۇربىلەن گۇرۇپپىدىن2-بولۇپ چىقىپ كەتكەن.بارسېلونا8نۇمۇر بىلەن ئېچىنىشلىق ئالدا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان.
          1908478_w2.jpg
      تۆۋەندىكى بىرئىش بۇ گۇرۇپپىنىڭ تارىختىكى ئەڭ خەتەرلىك،مۇسابىقىللىرى ئىنتايىن قەھىرلىك بولغان ھالاكەت گۇرۇپپىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.يەنى،1999-يىلى5-ئاينىڭ26-كۈنى نوكامپۇدا ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا مۇسابىقە ئوينىغان ئىككى كوماندابولغان بايرىن بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسى دەل بۇنىڭ ئىسپاتى.چۈنكى بۇ ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى بىرگۇرۇپپىدىن چىققان2كوماندىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ ئوينىشى ھىساپلىنىدۇ.
            u=1532209419,949785964&fm=23&gp=0.jpg
       ئەسكەرتىش:
      ماتىريالدا ئازراق خاتالىق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇردىكى بىر ھالاكەت گۇرۇپپىسى قىسقارتىلدى.ئۇنىڭ ئورنىغا بولسا بۇيىللىق ھالاكەت گۇرۇپپىسى بولغان،ئارسېنال،دورتموند،ناپولى،مارسېل قاتارلىق كوماندىلار بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن گۇرۇپپىنى شۇ 2-ئورۇنغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.ۋاقىت قىسلىقى ھەم ئىشىم چىقىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بۇ گۇرۇپپىنىڭ تەپسىلاتى يېزىلماي قالدى.توغرا چۈشىنىڭلار.
st050915011.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
توپ تەپكۈچى + 50 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 17:02:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تېما بوپتۇ !!~ تېمىڭىزغا رەھمەت ... جاپا تارتىپسىز !!!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 17:24:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ۋىنگىر بىر ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرمەي پىنسىيە چىقىپ كىتەرمۇ ،ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە مۇشۇ ئارسىناللا قاننى ياخشى تۇلوقلىمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 17:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇقتىمقى ناپولىنىڭ يۇقىرى نۇمۇر بىلەن شاللىنىپ كىتىشىمۇ ئادەمنى قاتتىق ئىچىندۇرىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 18:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. 2011-2012-پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:بايرىن مىيۇنخىن ، ناپولى ، مانچىستىر شەھرى ، ۋىللارىئال
نەتىجە:بايرىن-13نۇمۇر
          ناپولى-11نۇمۇر
          مانچىستىر شەھرى-10نۇمۇر
          ۋىللارىئال-0نۇمۇر

ئەسلى  مەنبەسىمۇ  شۇنداقمىكەن   ئۇ  يېللاردا  ۋېليالىيار  تۆۋەنگە  چۇشۇپ  چىنقىۋاتقان  بولغۇيتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 18:47:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 18:23
. 2011-2012-پەسىللىك مۇسابىقە
كوماندىلار:بايرىن مىيۇنخىن ، ...


2012-2013Qenikip qikti
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 19:40:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزغۇنلۇقتا ناپولىنىڭ تەلىيى كاج كەپقالدىدە يۇقۇرى نومۇر بىلەن شانلىنىپ كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 19:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلتۇرقى ھالاكەت گۇرۇپىسىنى كىرگۈزمەپتىما  

مادرېد ، دورتىموند ، مانچىستىر شەھرى ، ئاجاكېس ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلىرى ئىدى ، مىنىڭچە بۇ ھالاكەت گۇرۇپىسى يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغا ھالەتكەت گۇرۇپىسىدىن بەكرەك ھالاكەت گۇرۇپىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 20:24:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىمغا نىمە تۇلا ئۇۋالچىلىق بۇ،  قارسا بىر گۇرۇپپىغا بۈلۈنگەن كۇماندىلار  ھىچقايسىسى  رىمىدەك كۈچلۈك ۋە زەردار .ئاتالمايىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 21:01:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
《ھال سورىغۇچى ئايال》  ما تەرجىمە  بەك جانلىق  بەك  كەسپى  بوپتۇ  ئوقۇپ  ھەيران  قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 21:24:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەھمەت ... جاپا تارتىپسىز  ھەي ئارسنال
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-26 21:44:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ يامىنى2013/2012-يىلدىكى ھالاكىت گۇرپىسى ، ئىسپانىيە چىمپىيونى مادىرىت ، گېرمانىيە چىمپىيونى دورىتمونىت ، ئىنگىلاد چىمپىيونى مانچىستىر شەھرى ، گوللاندىيە چىمپىيونى ئاجاكىس ، ئوت چىقىپ كەتكەن مۇسابىقە بولغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش