ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
گالاتاساراي 0 - 1 قەيسەرى تەنتەربىيەسى
تۈركىيە زەردارى گالاتاساراي ئۆز مەيدانىدا بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرۋاتقان قەيسەرىنى كۈتىۋالدى. ھەر ئىككى تەرەپ شۇنداق كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ ئالدىنقى مەيداندا بىرمۇ توپ كىرمەي ئاخىرلاشتى. گالاتاساراي كۆپ قېتىم خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ توپ كىرمىدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 90 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ ئەزاسى پابلو پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى.
ئانتالىيا تەنتەربىىيەسى 0 - 0 قارابۇك تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 14-ئۇرۇندا تۇرۋاتقان ئانتالىيا تەنتەربىىيەسى بىلەن بىرلەشمىنىڭ 8-ئورۇندا تۇرۋاتقان قارابۇك تەنتەربىيەسى 90 مىنۇتلۇق تىركىشىپ بىرمۇ توپ كىرمەي نەتىجە شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
چايقۇر رىزە تەنتەربىيەسى 0 - 0 كوناشەھەر تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 15-ئۇرۇندا تۇرۋاتقان چايقۇر رىزە تەنتەربىيەسى بىلەن بىرلەشمىدىكى يەن بىر كۈچلۈك كوماندا قارابۇك تەنتەربىيەسى 90 مىنۇتلۇق تىركىشىپ بىرمۇ توپ كىرمەي نەتىجە شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
بۇرسا تەنتەربىيەسى 1 - 2 توركو كونيا تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 12-ۋە 13- ئۇرۇندىكى بۇ ئىككى كۇلۇب مۇسابىقە ئېلىپ باردى. ئالدىنقى مەيداندا بىرمۇ توپ كىرمىدى. كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 66 مىنۇت بولغاندا كونيا تەنتەربىيەسى ئەزاسى گېكاس بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 72 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا يەنە شۇ گېكاس يەنە بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىگە ئاساس سالدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 90 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بۇرسا ئەزاسى ئۈمەل بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجە شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
فەنەرباغچە 3 - 0 گازىيانتە تەنتەربىيەسى
تۈركىيە زەردارى فەنەرباغچە مېھمان مەيداندا بىرلەشمىنىڭ 10- ئورۇندىكى گازىيانتە تەنتەربىيەسى بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ باردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولغاندا فەنەرباغچە ھۇجۇمچىسى ئەمىلىكە بىر توپ ئۇردى. 34 مىنۇت بولغاندا ئەمىلىكە يەنە بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 72 مىنۇت بولغاندا سوۋ مۇسسا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقۇمدىدى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي فەنەرباغچە غەلبە بىلەن قايىتتى.
بەشىكتاش 3 - 0 ئاكھىسار شەھەر
بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك بولغان بەشىكتاش كۇلۇبى مېھمان مەيداندا ئاكھىسار شەھەر بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ باردى. مۇسابىقە باشلىنىپ بەشىكتاش كۇلۇبى كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن 2 مىنۇت بولغاندا كاۋلاك ۋەلى بىر توپ ئۇردى. 8 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش ئەزاسى مۇستافا بىر توپ ئۇردى. ئالدىنقى مەيدان شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 69 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش ئەزاسى ئاتىبا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقۇمداپ، كىيىنكى مىنۇتلاردا توپ كىرمەي بەشىكتاش غەلبە قىلدى.
گەنچىلەر بىرلىكى 3 - 1 ئەلازىغ تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 11 -ئورۇندىكى گەنچىلەر بىرلىكى بىلەن بىرلەشمىنىڭ 16-ئورۇندىكى ئەلازىغ تەنتەربىيەسى مۇسابىقە ئېلپ باردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 16 مىنۇت بولغاندا گەنچىلەر ئەزاسى دۇرماس بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە 30 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا گەنچىلەر ئەزاسى سىتانجو بوگدان بىر توپ ئۇردى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 58 مىنۇت بولغاندا ئەلازىغ توپچىسى ئۆزكان بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە 67 مىنۇت بولغاندا گەنچىلەر كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي مۇسابىقە ئاياقلاشتى.
قەيسەرى ئەرجىيە تەنتەربىيەسى 1 - 1 سىۋاس تەنتەربىيەسى
بىرلەشمىنىڭ 17-ئۇرۇندا تۇرۋاتقان قەيسەرى ئەرجىيە تەنتەربىيەسى بىلەن بىرلەشمىنىڭ 6-ئورۇندىكى سىۋاس تەنتەربىيەسى 90 مىنۇتلۇق تىركىشىپ ھەر ئىككى تەرەپ بىردىن توپ ئۇرۇپ تەڭلەشتى.
|
|