akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1370|ئىنكاس: 36

بەخىت تەتۈر ساناق باسقۇچى---سۆيۈملۈك بايېرىن !!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇياش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 01:41  

133395928846133.jpg

يۇرتىمىز ۋاقتى 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى سەھەر سائەت 1:00 دا ، بېرلىن ئولىمپىك مەيدانىدا بىر مەيدان گېرمانىيە بىرلەشمىسى مۇسابقىسى ئوينىلىدۇ، بېرلىن ھېرتا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بايېرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقدە ئۇتىۋالسىلا 7 ئايلانما بۇرۇن 2013\2014گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ شاھلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ،24- قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمىسى شاھلىق قالقىنىنى كۆتۈرىدۇ،بۇيىل بۇلتۇرقىغا ئوخشاشلا بايېرىن مەستانىلىرى ‹‹ شېرىن ئاي›› مەزگىلىدىكىدەك، پۇتبولنىڭ ئەڭ تاتلىق ھېسلىرىدىن بەھرىمان بولماقتا ياۋروپا 5 چوڭ بىرلەشمىدە ئەڭ بالدۇر چېمىپيۇن بولۇش بايېرىن مەستانىلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان كۈتكەن ئارزۇسى....مەن ھېلىتىن تاقەت قىلالمىدىم......
052736zy.jpg
00148005.jpg
ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن  بوغۇزلىنىشتىن، بارسېلونادا بوزەك بولۇشقىچە  ،ئېففېنبېرگ، كائىن، دېيسىلېر،باللاك... قاتارلىق بايراقدارلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، دورتمۇندنىڭ ئاچچىق چېقىۋېلىشلىرىغىچە، ئىنتىرغا ئۇتتۇرغان چاغدىكى ئامالسىزلىققا، دىروگبادىن پەشۋا يەپ، نۇقتا توپ سەتچىلىكدىن، ھونېستىن ئايرىلىپ قالغۇچە ھەممىگە چىدىدۇق، چىدىمايمۇ ئامال قانچە؟؟؟ شۇ چاغلاردا ئەڭ ھار كەلگىنى، 2012 pes دا ، ھەر قېتىم بايېرىن دۇنيا كولۇبلىرىنىڭ 30- دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ قويۇلاتتى، تېڭشۇن، سىنا قاتارلىق تور بەتلىرىدە پەقەتلا پەقەت بايېرىننىڭلا مىكرو بىلوگى يوق ئىدى.....
730_700753_785166.jpg
كاكا مىلاندىن ئايرىلدى، مىلاننىڭ ئەمدى تارتىشقۇچىلىكى قالمىدى، بىراق، ھەممىسى كەتتى، شائول، لىزارازۇ،زېروبېرتو،ئېلبېر،جېرىمېس،ماكاي.ھىسفېلىد،كېلىنسىمان،ئاكا-ئۇكا كوۋاچلار..بايېرىندىن ۋاز كەچمىدىم.....
U1022P6T12D2210664F44DT20060514000334.jpg
تۇرمۇشتا ئەڭ ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئاللاھدىن رەھىم تىلىدىم، يەنە بايېرىننى ئويلىدىم، بايېرىننىڭ بۇ ھەپتىدىكى مۇسابىقىسىنى ئويلىدىم، بايېرىن سېتىۋالماقچى بولغان قايسىدۇر بىر توپچىنى ئويلىدىم.
ھازىرغىچە ماڭا ئادەت، ئىشخانىغا كېلىپ قىلىدىغان بىرىنجى ئىشىم،تېڭشۇن تورىنىڭ دۇنيا پۇتبولى سەھىپىسىدە بايېرىننى ئاختۇرۇش.......
يولدا ئۇچرىغان كىچىككىنە تاش پارچىسىنى تەپمەكچى بولىمەن، خۇددى شىۋايىنسىتېيگېردەكلا، تاۋباۋدىن پات-پات بايېرىننىڭ گربى چۈشۈرۈلگەن تۇرمۇش بويۇملىرىنى بۇيىرۇيمەن ( بۇنى مۇنبەردىكى بىر چېلسى مەستانىسىدىن ئېلھام ئالغان.. .)
پات-پاتلا كائېننى ئەسلەپ قالىمەن، كائىندەك بىر ‹‹نېرۋا›› توپچىنىڭ بايېرىندا يەنە بىرى 10 يىلغىچە چىقمىغانلىقىغا خۇرسىنىپ قويىمەن....
تۇرمۇشتا ئۆتكۈزگەن بەزى خاتالىقلىرىم ئۈچۈن بەكلا خىجىل بولۇپ كېتىمەن، خۇددى بايېرىن گوتېزنى سېتىۋالغان چاغدىكىدەكلا..... EKo2cHu6Mq4_630_370_1.jpg
  ھەر قېتىم بايېرىننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن،ئۆزۈمنى مىيۇنخېندىكى مەستانىدەكلا ھېس قىلىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇپ، ھەر قېتىم توپ كىرگۈزگەندى بىر ئىستاكان پىۋا بىلەن تەبرىكلىمەكچى بولىمەن، بىراق، بۇنداق قىلمايمەن، چۈنكى ،بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنداق قىلسام تۈگىگىچە غىرىققىدە مەس بولۇپ قېلىشتىن ئەمەس، سەۋەبىنى ئۆزۈم بىلىمەن.....
2008\2009 پەسىلى، مارگارت بايېرىننىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ھېچقاچان قالغان كۆتۈرۈپ باقمىغان ۋولفۇسبۇرگنى چېمىپيۇن قىلدى، ئۈن-تىنسىز ۋولفۇسبۇرگنى تەبرىكلىدىم، بىراق، كىم بىلسۇن، كېيىنكى يىلى بۇ قالقاننى بىر كۆتۈرگەنچە، ئۇدا ئىككى يىل كاسىمىزنى ھەرە چېقىۋېلىپ، قالقانسىز يۈردۇق.......
ئەينى يىللىرى ‹‹ چولپانسىز چولپان كوماندىسى›› رىبېرىنى ئەكەلدى، روبىننى ئەكەلدى، سەل ئۈمىدلەندۇق،جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىككى چاقى پۈتۈپ بولغان ئىدى، كوت-كوت بوشلۇقۇم بايېرىننىڭ تەسۋىرلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى،بۇرۇنقى قىز دوستۇم چۈشەنمىسىمۇ ھەر قېتىم ، ھەتتا بىز ئايىرىلىپ كەتكەندىمۇ ‹‹祝福拜仁›› دېگەن ئىدى ....
ھېيىنكس كەلدى، نېمە ئۈچۈن، ۋان.گالنى قويۇپ بەرگىنىنى چۈشەنمىدىم، 40 مىليۇنغا خاۋى.مارتىنىزنى سېتىۋالدى، بۇرۇن ئاڭلاپمۇ باقمىغان توپچىنىڭ، ئۇزغۇنلۇقتا كارامىتىنى كۆردۇق،شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۇزۇن قۇلاقنى كۆتۈردۇق.....
1477C4BE673E4CF9996CEB6E62433A20.jpg

گۇاردىئولا كەلدى، خۇشاللىقتىن بىر كۈن تولۇق خۇشال يۈردۈم. گوتىزنى ئەكەلدى، چىۋىن يۈتۈۋالغاندەك بولدۇم، تىياگونى ئەكەلدى، زوقلاندىم ، بايېرىن كۈچلەندى،ھەر قېتىم كېچىچە مۇسابىقە كۆرۈپ، بايېرىن توپ ئۇرغاندا،ھاياجىنىمىنى باسالماي، ‹‹ بايېرىنغا داڭ بارمۇ؟›› دېدىم، ئايالىم ئۇيقۇچلىقتا ‹‹ توڭلاتقۇدا›› دېدى....
   14703114.jpg

تۇرمۇش داۋاملاشماقتا، ئارزۇ،خۇشاللىق، خاپىلىق ...ھەممىسى داۋاملاشماقتا، خۇددى قىشلىق ئارام ئېلىشى يوق ئېنگىلاند بىرلەشمىسدەكلا.....
راستىنى دېسەم شۇنداق كۆپ غەملەرنى قايرىپ قويۇپ، ئالدىن بايېرىننىڭ چېمىپيۇن تەنتەنىسىگە تەييارلىق قىلىپ بولدۇم،ئاللاھ خالىسا پات-ئارىدادۇنياغا كۆز ئاچىدىغان پەرزەنتىمگە كىچىكىدىن، پۇتبولنىڭ ، بايېرىننىڭ مۇھەببەتلىرىدىن ھېس قىلدۇرغۇم بار، چۈنكى، مەن بايېرىننى سۆيىمەن !!!!!!!!!! ئەتە ، ئاللاھ خالىسا، كۆز يۇمماس كېچە بولغۇسى
!!!!mia san mia, super bayern!!!!
u=1404286714,3178964127&fm=21&gp=0.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +200 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
~virus~ + 50 گۇئاردىئولا غەيرەت قى.
kara-yakxanba + 50 قالتىس!
ئەلقۇت + 100 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 02:05:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-25 02:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
luca يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 02:05
ئاستىدىكى رەسىمدە كائىننى نىمە قىلىۋاتىدۇ ئاۋۇ قېرى[s:3 ...

ھونېس كائىننى بەزلەۋاتىدۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 02:14:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bayrinning sadik mastanisikansezda    togra bayrin nurgun oguxsezlarden baxkuturup birhil kuqlunup katti  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 02:17:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھشەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 02:21  

مىيۇنخېننىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەرتى كوماندىدا يەرلىك پۇتبولچىلار مەلۇم نىسبەتنى ئىگەللىشى ئىدى. شۇڭا نەچچە ئون يىل بولدى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى مىيۇنخېننىڭ نەتىجىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇپ قالغىنى .
بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ لوف گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا گوئاردىئولانىڭ بايرىنغا سىڭدۈرگەن ئويناش ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشى قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى .
گۇئاردىئولا مىيۇنخېندا مۇۋاپىقيەت قازانغان بىلەن ئۇلارنىڭ موزىيىنى لوڭقا بىلەن توشقۇزغان بىلەن . بەلكىم يەنە نەچچە يىل تۇرسا مىيۇنخېننىمۇ شالغۇتلاشتۇرۇپ قويىدىغاندەك قىلىدۇ (گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغۇ ئاللىقاچان شالغۇتلىشىپ بولدى) . بەلكىم بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقىي گېرمان روھىنى ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن مەستانە بولغانلارنى تازا رازى قىلالماسلىقى مۇمكىن . (شەخسىي قاراش)
نەزىرىمدە ھەقىقىي گېرمان(مىيۇنخېن) روھىغا ئىگە توپچى كائىن . بەلكىم ئۇلار يەنە نەچچە ئون يىلدىن كېيىنمۇ بۇنداق يولباشچىنى تاپالماسلىقى مۇمكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 02:23:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ... ھۇررا گىرمانىيە زەردارى بايرېن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-25 02:26:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھشەر يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 02:17
مىيۇنخېننىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەرتى كوماندىدا يەرلىك پۇتبو ...

مېنىڭچە كۆپ دۆلەت ۋە كولۇبلار بۇ خىل ئەندىزىنى ئاساسەن قوبۇل قىلىپ بولدى، بىر دۆلەت نوقۇل بىر مىلللەتكىلا ۋەكىللىك قىلماسلىقى كېرەك، گېرمانىيەدە تۈركلەر گېرمانىيە ئىقتىسادىغا زور تۆھپە قوشقان، شۇڭا،ئۇلارنىڭ گېرمانىيە مەدەنىيىتىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى بار، پۇتبولمۇ بۇنىڭ ئىچىدە،شۇڭا گېرمانىيە كوماندىسى كۆپ خىل مىللەتنىڭ كۆپ خىل تەپەككۇر ،ئويناش ئۇسلۇبى بويىچە ھازىرقى كۈچلۈك ھالەتكە كەلگەن،ئىتالىيىمۇ بالوتېللى،شاراۋى،مونتولىۋودەك ئارىلاشما قانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت كوماندىسى شەكىللەندۈرگەن، فىرانسىيىمۇ ئوخشاش، يەرلىك توپچىلار مەلۇم نىسبەتنى ئىگەللەش مىيۇنخېندىلا ئەمەس، پۈتكۈل گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە 10 يىللار بۇرۇن ئورنىتىلغان، بۇ ھەقتە ، ھەتتا دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنىڭ كۆچمەنلەرگە ئائىت تۈرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 02:35:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىننى سىنايدىغان  پەيىتلەر ئەمدى كەلدى،ھەر ئىشنىڭ ۋاختى بار ،بەزىدە مۇشۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رولى ھەقىقەتەن چوڭ  ھە!(ھۆپۆپنى بۇلبۇل ، ئىشەكنى دۇلدۇل قىلىپ كۆرسىتىۋېتىدۇ) ،زادى ھۆپۆپمۇ  بۇلبۇلمۇ ،ئىشەكمۇ دۇلدۇلمۇ  ئالدىمىزدا سىنىلىدۇ، (شەخسى قاراش)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 05:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇياش يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 02:26
مېنىڭچە كۆپ دۆلەت ۋە كولۇبلار بۇ خىل ئەندىزىنى ئاساسە ...

كىلىنسىمان  ياخشى باشلاپ بەردىغۇ دەيمەن .     ئۆز دۆلىتىدە چىمپىيۇن قىلالمىغان بىلەن   بىر ئىسلاھاتنى  باشلاپ قويۇپ كىتىپتىكەن ئۇ ئادەم   ،        لىف بىلەن قوشۇپ .     

دۇنيادا ھازىر قىنىنى بۇزمايدىغان دۆلەت كوماندىلىرىدىن  بىرازىلىيە    بىلەن جۇڭگۇلا قالدىغۇ دەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 07:53:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇلاردا ئادىل رىقابەت دېگەن  ئاڭ كەمچىل بولمىسا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشىنلا كۆزلەپ باشقا كماندىلارنى بۇنچە ئاجىزلاشتۇرۋەتمىگەن بولاتتى ...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 08:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمان مەستانىلىرىغا يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-25 08:43:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كائىن دەششەت تاياق يىگەن ئۇخشىمامدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 06:17

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش