akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4557|ئىنكاس: 204

راموس : مادرىد زىيانكەشلىككە ئۇچىرىدى !

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 05:31  



227-قېتىملىق ئىسپانىيە دېربىسى ئاخىرى 4-3 نەتىجە مادرىدنىڭ ئۇتتۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى .بۇ مەيداندىكى مەغلۇبىيەتكە مادرىدلىقلار قايىل بولمىدى، راموس ، كىرىستىيانو رونالدو ،ئابىيلويا قاتارلىق مادرىد توپچىلىرى تىغ ئۇچىنى  رېپىر ماللىنكوغا قارىتىپ ،مادرىد رېپىرنىڭ زىيانكەشلكىگە ئۇچىردى دەپ ھېساپلىدى .

ماللىنكو 1973-يىل 10 ئايدا تۇغۇلغان 2005 -يىل ۋە 2007-يىل  ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر رېپىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
ماللىنكو 2010-يىل جەنۇبى ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىردىنبىر  ئىسپانىيەلىك رېپىر . يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ماللىنكو ئاز بولمىغان مۇسابىقىلەرگە رېپىلىق قىلغان ،ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە شاھلىق لوڭقىسىدىكى دۆلەت دېربىيسىدا ،ئالدىنقى يىل يازدا ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسىدا ئاتلىتكا بىلەن بارسانىڭ مۇسابىقىغا، بۇپەسىل  دولەت دېربىيسىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرشىشىدا (مادرىد 1- 2 بارىسلونا) رېپىرلىق قىلغان ،ماللىنكو رېپىرلىق قىلغان ئاساسلىق مۇسابىقىلەردە بارىسلونا ئۇتتۇرۇپ باقمىغان . «ماركا گېزىتى » ئالدىنقى يىل  :« ۋللىنكو يۇشۇرۇن بارىسلونا مەستانىسى ،بەزى ۋاقىتلاردا شەخسى ھېسياتى بويىچەئۈشتەك چىلىپ كىتىدۇ » دىگەن .


ئەڭ ئاۋال ماللىنكوغا ئېغىز ئاچقىنى رونالدو بۇلۇپ «دۆلەت دېربىيىسىدەك  بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەردە چۇقۇم يۇقىرى دەرجىلىك رېپىر تەكلىپ قىلىش كېرەك ، ماللىنكونىڭ دەرجىسى توشمايدۇ ، بەزى ئادەملەر مادرىدىقا ھەسەتخورلۇق قىلىدۇ ، بىزنىڭ يېڭىشىمىزنى خالىمايدۇ » دىگەن . مادرىدنىڭ بۇمەيدانىدىكى كاپىتانى راموس  قىزىل كارتا يەپ چۈشۈپ كەتتى ، ئۇ زەردىسى قايناپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي :«نېيمار ماڭا قەستەن سۈلكۈلۈپ يىقىلدى ،ئۇلار بىزنىڭ 10 ئادىممىز بىلەن جەڭ قىلىشقا ئامراق ،رېپىر ھەقىقەتنى ئۆزگەرتتى ، ئەمىليەتتە قىلىشقا تىگىشلىكنىمۇ قىلمىدى ، قىسقىسى بەزىلەر بىزنىڭ بارىسلونانىڭ چىمپىيون بۇلۇش خىيالىنى ئۈزۈل-كىسىل گۇمران قىلۋېتىشىمىزنى خالىمايدۇ ، بىز زىيانكەشلىككە ئۇچىردۇق » دىدى .


يەنە داۋالىنىۋاتقان ئابىيلويا تالاش -تارتىشقا قۇشۇلۇپ تېۋىتىرغا :« كونا تىياتىر تەكرارلاندى ،ئۇنداق ئەمەسما ؟  » دەپ چىقاردى. بۇ قىسقىغىنا .ئىككى جۈملە سۆز تاراتقۇلار ۋەمەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى .ئابىيلويانىڭ قارىشىچە  بۇ رېپىر ھەمىشە مادرىد بىلەن قارىشلىشىدىكەن .دېربىيدا نۇقتا توپ +قىزىل كارتا دىگەنلەر خۇددى ئائىلە تامىقىغىلا ئۇخشاپ قاپتۇ .

يەنە بىر تەرەپتىن مادرىدنىڭ بۇرۇنقى چولپىنى گۇتتى  پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ  ماللىنكونى مەسخىرە قىلىپ :«ماللىنكو بولسا بىر دانە ئەسكى پەي سۈپۈرگۈچ» ،دىدى .  راموسنىڭ ئاكىسى ھەم ۋاكەلەتچىسى رېنى- راموس  تېۋىتىرىدا رېپىرغا زەربە بىرىپ :« ھەي! ماللىنكو ، سىنىڭ رېپىرلىق كىنىشكەڭ بىكار قىلىندى ،ئەگەر سەندە ئازراق ئەخلاق -پەزىلەت ۋە ئەيمىنىش ھېسياتى بولسا  ،بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قايتا قاراپ ، گۇناھىڭنى ئۆز ئۈستىڭگە ئالغىن ،سەن مۇشۇنداق باتۇرلۇق قىلالامسەن ؟ » دىگەن . رېنى ئۇزاق قالماي تېۋىتىردىن  ئۈچۈرۋەتكەن .لىكىن ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ئاللىقاچان رەسىمىنى كىسىپ ساقلاپ بولغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 12:55:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە چۇقۇم شۇنداق  رىپىر بىلەن بارسىلونانىڭ باشقىچە مۇناسىۋىتى با ئو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 12:55:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغزىمغا بىر گەپ كەلگەن زادى    بولدىلا رىپىر + 11 ئادەمگە 10 ئادەملىك مادرىدنى بوزەك قىلدى خۇمسى رىپىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 12:55:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئا بۇسكېس دېگەن لاۋزىنى قارا، رەسمى گاڭنام ستايل پەدىسىدە دەسسەپتۇ
‏ئۆزى قەغەزدەك يېنىك نېمە بولغاچقا،ئۇ دەسسىشىگە پېپې ھىچنېمە بولمىغان گەپ، ئېغىرراق ئادەم دەسسىۋەتسە باش مىجىلىپ كەتمىگەندىمۇ، چىملىققا قوزۇق قاققاندەك كىرىپلا كېتەر ھەقاچان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 12:56:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈشتەك چېلىپ كېتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 12:56:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىم دىربىدىن كىيىن مۇشۇنداق گەپ سۆزلەر جاھاننى بىر ئالىدۇ، ئۇتسا ماختاش، ماختىنىشلار، ئۇتتۇرسا رىپىردىن، ۋەباشقىلاردىن قاقشاش، ۋايساش دىگەندەك…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 12:57:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا مادرىد ھەقىقەتەن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىدى. ئىت رېپىر كومپىيوتېرىمنىڭ ئېكرانىغىمۇ زىيان سالدى ئاچچىغىمدا كومپىيوتېرىمنىڭ ئېكرانىنى پارە پارە قىلىۋەتتىم كىچە... مەن ئەسلى 100 دە 100 ئۇتىمىز دەپ ئويلىغان كونا تىياتىرنىڭ تەكرارلىنىدىغىنىنى كىم بىلسۇن ئىسىت،، ئالغا مادرىد مەن سىنى قوللايمەن سەن چوقۇم غەلبە قىلىسەن!  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 13:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيات ئۇيات ئۇيات بارسىلونا ھە م باسىلونا مەستانىلىرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 13:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز باساغا ئۇتتۇرمىدۇق رېپىرغا ئۇتتۇردۇق!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 13:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز باساغا ئۇتتۇرمىدۇق رېپىرغا ئۇتتۇردۇق!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 13:04:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىغا گەپ يوق رونالدونىڭ ئاخشامقى ئىپادىسىدىن 2007-2008 يىللاردىكى رونالدونى كۆرگەندەك بولدۇم . مەن  تېخى ئۇنى چوڭ بولاپتۇ . يەنە بىر ئىككى ئالتۇن توپ ئالالايدۇ دەپ ئويلىغان. لىكىن ئۆمۈرۈم بولسا رونالدونىڭ  ئالتۇن توپنى ئالغىنىڭنى ئەمدى كۆرگىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ.  رونالدودا  تېخنىكا دىسە ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىغا مەندەك بارسىلونا مەستانىسىمۇ قايىلتىم .. لىكىن ئۇنىڭ چوڭ كەمچىلكىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنەلمەيتىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 13:04:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوسكىس ئادىمىيلىكدىن چەتنىگەن بىر ئىش قىلدى. ئەسلى قىزىل كارتىغا ئاشۇ لايىقتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش