akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5112|ئىنكاس: 253

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 29-ئايلانما خەۋەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچقۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 11:34  

مادرىد3-4 بارسىلونا

ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ 7-مىنۇتتا ئىنىستا تۇنجى توپنى ئۇردى20-24-مىنۇتلاردا بىنزىما دىمارىيانىڭ پاس چىقىرشى بىلەن ئىككى توپ ئۇردى،42-مىنۇتتا مىسسى بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان 2-2 ئاخىرلاشتى،كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 55-مىنۇت بولغاندا ئارۋىس رونالدونى پۇتلىۋىتىپ(ئۇزغۇنلىقتىكى مانچىستىر شەھرىنىڭ ئەزاسى مىسسىغا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغىنىغا سەل ئوخشاپ كىتىدۇ ) رونالدو نوختا توپ ئۇردى 65-مىنۇتتا راموس نىيمارنى ئىتتىرۋىتىپ قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن ئايرىلىپ مىىسى نوختا توپنى ئۇردى،84-مىنۇتتا مىسسى نوختا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ بارسىلونا4-3 غەلبە قىلدى .
مادرىد ئاتلىتكا 70نۇمۇر بىرىنجى مادرىد 70 نۇمۇر بىلەن ئىككىنجى ئۇرۇندا بارسىلونا 69 نۇمۇر بىلەن ئۈچىنجى ئۇرۇندا
پىپى-فابرىگاس


راموس-نىيمار




خانلىق بىدىس0-2 مادرىد رىقابەت




ۋالۇنسىيە2-1ۋىللىيالىيار



باشقا مۇسابىقىلەر
سېرتا0-2 مالاگا
گىلانادا1-0ئېلچى
ئىسپانىيلىكلەر0-0 لەۋەنت
ۋاللادولد1-1بالىكانو
بىربا ئاتلىتكا1-0گىتاف
ئوساسۇنا1-2سىۋىليا




پۇتبول مۇسابىقىسى دىگەندە ھەر خىل ئەھۋاللار كۈرۈلدۇ شۇڭا سۇغۇققان بۇلۇشىڭلار،بۇ دىگەن دىربى  



《بۇ تىمىدا يەنە ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت ياقىدىغا ئىنكاسلار چۈشۈشكە باشلىدى،ئەمدى دىققەت قىلىڭلا،بولمىسا مىراسنىڭ تىمىسىدا دىيىلگەندەك چارە كۆرۆلىدۇ،      ئۇچقۇنى》

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +5 تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 50 + 10 + 10 + 5 + 5 دوستۇم، ئىسىل ئىلاۋە .

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھشەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 06:05  

رەسمىي دېربىغا چۇشلۇق قىززىپ قويدى . نۇقتا توپ ، قىزىل كارتا ، سۈركۈلۈش ، يالغان يىقىلىش ، قالپاق ، بوغۇزلاش .... ھەممىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى بۇ مۇسابىقە . ئىككى تەرەپتىن ئالاھىدە ياخشى ئويناپ كەتكەن ئەزامۇ يوق . مېسسى گەرچە قالپاق كەيگەن بىلەن ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى . دېربىدا توپ ئۇرۇش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بالا ئوخشايدۇ بۇ .  

لېكىن بارسېلونانىڭ غەلبىسى يەنە مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان قىزىل كارتا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ چوڭ «مەغلۇبىيىتى»بولۇپ قالدى دەپ ئويلايمەن .

بارسېلونا مادىرىدنى قوش بوغۇزلىۋەتتى ، يارايدۇ . بولسا بىرلەشمە چىمپىيونى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مۇشۇ ئاجىز مۇداپىيەسى بىلەن مادىرىدتەك ھۇجۇمى كۈچلۈك كوماندىنى يەڭدى . ھۆرمەت!


ئەسلىدە بىنزىما سەل شاشلىق قىلغان بولسا مۇسابىقە نەتىجىسى ئالدىنقى مىنۇتلاردىلا بەلگىلىنىپ بولاتتى .لېكىن بارسېلونا مادىرىدنىڭ قارا چۈشى بولۇپ قاپتۇ . كۈچ جەھەتتىن ئېنىق بارسېلونانى بېسىپ كېتىدۇ بۇلار . لېكىن نېمانچە قورقىدىغاندۇ ؟ مادىرىدنىڭ دېربىدا ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا غەلبە قىلغان مۇسابىقىسىنى ئەسلەش توغرا كەلسە ، ئاستا گوگوللىمىسا بولمىغۇدەك ... كىمنىڭ ئىسىدە بار ؟

پې پې نى خېلى ئەركەك تۈكى بار كۆرەتتىم يېقىندىن بېرى سەل تېتىقسىز قىلىقلارنى چىقىرىۋالىدىغان بولىۋالدى . راموسقا ئىچىم ئاغرىپ قالدى . بىچارە ناھەق كارتا يەپ چىكىتىپمۇ ھېچقانداق نارازلىق ئىپادىسى بىلدۈرمىدى .
ئۇيقۇچۇلۇقتا كۆرگەچكىمۇ راموسنىڭ قىزىل كارتا سەۋەبىنى تازا ئېنىق بىلەلمىدىم، قىزىل كارتا ئەمەس نۇقتا توپمۇ ئارتۇق كېتىدىغان ھەركەتتەك كۆرۈندى ماڭا .

يەنە رېپىردىمۇ ئازراق مەسىلە بار . كارتا دېگەننى ئايىماي بېرىدىغان نېمىكەن بۇ . ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمۇ خېلى بار . مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرگە بولسىمۇ ئوبدانراق رېپىر ئەكەلسە بولمامدۇ دەيمەن .

ئاخىرىدا ئىككى كوماندىنىڭ قىززىغان بىر مەيدان مۇسابىقە ھەدىيە قىلغىنىغا تەشۈككۈر !

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:04:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىززىپ كەتتى ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 06:11  

قىززىغان يىرىنى كۆرەلمىدىم دىسە ،  قايتا كۆرۈپ بى نىم دەي .  ئەمدىزە  بۇنداق  بىرلەشمە  لوڭقىسى ئالغاننىڭمۇ تازا تىتىمايدۇ  ، چىككىسىگە تاڭسۇنا بولدى  كىم ئالسا    

شۇستىر  بار ۋاقتىدىكى مۇسابىقىگە ئوخشاپ قالارمۇ دىۋىدىم  ئىنىستا يىقىلماستا .   قىزىل كارتا بولمىغان بولسا مۇسابىقە ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى  رىتىمىدە ئوينىلاتتىكەن ئەسلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:08:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!!!بارسىلونا مەستانىلرى!!!ئاخىرىنى ھقلى يازىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:08:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zidani007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 06:11  

رېپىرنىڭ قارىسىغا كەتتى. ئىسپان بىرلەشمىسى ئەمدى چىڭىغا چىقىدىغان بولدى.
ئەمدى شاھلىق لوڭقىسى ھەل قلغۇچتا كۈرۈشەيلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:08:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ مەيدان مۇسابىقىدە پۇتبۇل مەيدانىدا كۆرىلىشكە تېگىشلىك ھەممە ئامىللار كۆرۈلدى دىسە.. نېمىلا دىگەن بىلەن ئەسىر دىربىيسىدە ھەقىقەتەن ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك مۇسابىقە بولدى.. لېكىن ماۋۇ نىيماردىن سەل ئۈمۈدسىزلىنىپ قالدىم كىچىك ئەمەسمۇ بارا بارا ياخشىلىنىپ كېتەر,ئۆزىگە بېسىم قىلۋالمىسىلا بولدى.. ئەمدى بىرلەشمىنىڭ ئاخىرىنى ياخشى ئويناپ مادىرىد بىر ياردەم قىلۋەتسە چىمپىيۇنلۇقتىن ئۈمۈد بار بولىتى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىتانىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 06:14  

رېپىر ئەجەپ يامانكەن،ئۆزى يالغۇز مادرىتنى يېڭىپ قويدى.
  مادرىتتىن كارۋاخالنىڭ دىربى ئوينىشىغا خېلى باركەن ،ئالدىنقى قېتىممۇ مۇشۇ بالىدىن كەتكەن،بۈگۈنمۇ شۇ.ماۋۇ ئەنچىلوتى مۇشۇ مۇسابىقىدىمۇ بىر توپئالدىغا ئۈتىۋېپلا مۇداپىئەگە چۈشۋېلىپ يۈرۈيدۇ،خەپ خەپ...................... ئالدىنقى پەسىل مۇرىنھۇ زاپاس قۇشۇن بىلەن مەغلۇپ قىلغان بارسىلونا مۇشۇ ئەمەسمىدى.بارسىلوناغا ساھىپخان ئۇتتۇرۇپ يۈرسە ئۇزغۇنلۇقتا يوغان قۇلاقتىن  ئۈمۈد كۈتمىسەك بولغۇدەك.مۇرىنھۇنى ئەسلەپ قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:09:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:09:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىت بۇگۇن باساغا ئەمەس رىپپىرغا يىڭىلدى بەك ناھەقچىلىق بۇلدى مەن قەتتي قايىل ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:11:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahbusman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 11:56  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،ئامان  تۇردۇڭلارمۇ؟
بۇ  يەردىكى  ئىنكاسىم  تەھرىرلەندى،ئەسلىدە  ئىنكاسىم  ئۇ  دەرىجىدە  يامان  تەسىر  بېرەر  دەپ  ئويلىمىغانىكەنمەن،
بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلارغا ئۆزۈر،خەير،بۇنداق  ئۇششاق  ئىشلار  سەۋەپلىك  ھېچكىم  بىلەن  كۆڭۈل ئاغرىقى  تاپقىم  يوق.ئامان  بولۇڭلار  قېرىنداشلار.........!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-24 06:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى ، مىسسى دەسلەپتە كەلگەن پۇرسەتنى تۇتالىغان بولسا 2 توپ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ مادرىدنى ئوبدانلا قىينايتى ، بېنزىمامۇ كەلگەن پۇرسەتلەرنى ھەرھالدا جايىغا قاملاشتۇردى ، بۇ مەيداندا مادرىتتىن ئەڭ شاش ئوينىغان ئەزا دېمارىيا بولدى . كۆرۈلگەن خاتالىقلارمۇ خېلى بار ، راموسقا بېرىلگەن قىزىل كارتا ئېغىر كەتتى ، رېپىر بەلكى ئارقىدا بولغاچقا نېيمارنىڭ بىردە-بىر ھالىتىدە يىقىلغان ھالىتىنى كۆرۈپلا بىۋاسىتە قىزىل بېرىۋەتتى ، بۇ مۇسابىقىدىكى بىر قارا داغ بولۇپ قالدى ، ئەمما نۇقتا توپلاردا مەسىلە يوق ، رونالدو ئۇرغان نۇقتا توپ  « ئۆتنىگە لاپقۇت » دەپ شەلىكلەرگە قويۇپ بەرگەن نۇقتا توپنىڭ ئۆزىلا بولدى ، رېپىردا مەسىلە خېلى ئېغىر ، بىر نەچچە قول توپلارغا نۇقتا توپ بېرىلمىدى ، ئەمدى ئۇمۇ بىر ئىنسان بولغانلىقتىن خاتالىقلاردىن مۇستەسنا ئەمەس . نېيمار يەنىلام ئېچىلىپ بولالمىدى ، ئەمما رولنى خېلى قاملاشتۇردى . شۇنداق قىلىپ مادرىدنى بۇ پەسىلدە قوش بوغۇزلىغان بولدۇق ، ئەمدى بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالالمىساقمۇ ئارمىنىم يوق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 17:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش