akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1036|ئىنكاس: 27

بارسېلونا شىرى - پۇيۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ئەسسالام - ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى كەمىنە ماھىرچاقتىن ھەر قايسىڭلارغا ئوتلۇق سالام ، بۇ يازمىنى تەييارلاپ قويغىلىمۇ ئۇزۇن بولغان لېكىن يوللاشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم بۈگۈن يولاشقا نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ ، بۇ يازمىنى بارسېلونانىڭ شانلىق دەۋىرنىڭ شاھىدى ھەم تۆھپىكارى بولغان سابىق كاپىتان پۇيۇلغا بېغىشلايمەن .

  
                                 u=1790042792,1470895728&fm=23&gp=0[1].jpg
   
                                         شىر پادشاھ - پۇيۇل
                     
                              u=455781019,1821934828&fm=21&gp=0[1].jpg   

  1.  شەخسى تەرجمھالى
ئسىمى : كارلېس . پۇيۇل . سافوكاردا
لەقىمى : تارزان ، شىر پادىشاھ
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1978-يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى
يۇرتى : ئىسپابىيە كاتولونىيە
توپ تېپىۋاتقان كۇلۇبى : ئىسپانىيە بارسېلونا كۇلۇبى  
مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا بېك . ( كۇلۇپ ۋە دۆلەت كوماندىسدىكى ئورنى ئوخشاش ) .
ھازىرقى باھاسى : 28مىليۇن
كىيم نۇمۇرى : دۆلەت كوماندىسدا ۋە كۇلۇپتا ئوخشاش 5- نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتىنىڭ ئىگىسى .
ئۇ ھازىرغا قەدەر دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالتەن 94 قېتىم مەيدانغا چىقىپ ، 5 توپ كىرگۈزگەن .  
ياۋرۇپا ئۈچ چوڭ لوڭقىسدا 117 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 3 توپ كىرگۈزگەن .
ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسدا 101 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 3 توپ كىرگۈزگەن .

                              u=2263098298,293572601&fm=23&gp=0[1].jpg

      
     2. كەسپى ھاياتى

كۇلۇپ ھاياتى
              
پۇيۇلنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرت بولغان بولغان بىر كىچىك بازاردىن باشلانغان ، ئۇنىڭ تەبئىي تالانتى ناھايتى تېزلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان . 7 يېشدىن باشلاپلا بارسېلونا كۇلۇبىنڭ لامايسىيە ياشلار بازىسدا مەخسۇس سېستىمىلق مەشقنى قۇبۇل قىلشقا باشلىغان .
                            u=812532485,1222494745&fm=21&gp=0[1].jpg

ئۇ بارسېلونا ياشلار بازىسدا تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ھەمدە كوماندىنىڭ 2- سەپ كوماندىسدا توپ تېپىشكە باشلىغان ئۇنىڭدىكى يېڭلمەس ئىرادە ۋە قەيسەر روھ ئۇنى 2- سەپ كوماندىسدىمۇ تېزلا تۇنۇتقان ھەمدە كۇلۇپ بىلەن رەسمى توختام ئىمزالاپ 1- سەپ كوماندىسغا رەسمي قېتىلدى . 1999-يىلى 10- ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇ تۇنجى قېتىم 1-سەپ كوماندىسغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ ، ئىسپانىيە ئا دەرىجلىكلەر مۇسابقىسنىڭ تەمىنى تېتىدى . كېيىن ئۇنىڭدىكى يېڭلمەس ئىرادە ئۇنى تېخمىۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى . ئۇ بارا - بارا ئۆزنىڭ مەيداندىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى .
پۇيۇلنىڭ مەيداندىكى ئەسلى ئورنى ئوڭ مۇداپىئە بۇلۇپ ، ئۇ بارا -بارا  تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى دەۋىر پۇتبولچىلق ساھەسدكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا بېكىقا ئايلانغان ، ئۇنىڭ بەدەن سۈپىتى ۋە مەيداننى كونتىرول قىلشى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك . ئۇ كوماندىدا باشقا سەپداشلىرنىڭ ئۈلگىسى ، ئۇنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى بتچىت قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ھەم ئىنتايىن قالتس . ئۇ ئۆزنىڭ ئورنىنىڭ ھۆددىسدىن چىقپلا قالماستىن بەلكى يەنە تېرنىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بۇيىچە سول مۇداپىئە ئورنىنى ناھايتى ياخشى ئوينايدۇ ، گەرچە ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئاران 178 سانتېمېتر بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بەدەن سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ ، ئۆزدىن ئېگىز ھۇجۇمچىلارنىمۇ ناھايتى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلالايدۇ.
ئۇ كوماندا ئىختيارى توپ ۋە كورنېر توپ تېپىش پۇرستىگە ئېرىشكەندە ھۇجۇمغا ماسلىشىدۇ .  پۇيۇل مەيلى دۆلەت كوماندىسدا بولسۇن ئارقا مۇداپىئە سېستمىسدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا ھەم كوماندىنىڭ ئارقا مۇداپىئە سېستىمىسدىكى چوڭ مېڭە .  
ئۇنىڭ قارشى تەرەپ ھۇجۇمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلشى ، قارشى تەرەپنىڭ پاسلىرنى ئۈزۈپ قۇيۇشى ۋە بوشلۇقتن كەلگەن تولارنى كومتىرول قىلشى ئىنتايىن كۆرىنەرلىك . بىر ھۇجۇمچىغا نىسبەتەن پۇيۇلنىڭ مۇداپىئەسدىن ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بىر باش قېتىنچىلىق .

                                 u=443295995,1699230977&fm=23&gp=0[1].jpg

2004-2003-مۇسابىقە پەلسىدە ، ئۇ كوماندىنىڭ 3-كاپىتانلىقىغا تەيىنىلىنىپ ، كوماندىنى باشلاپ بىرلەشمىدە 2-لىككە ئېرىشتى ، ئۇ بۇ بىر يىلدا 27 قېتىم بىرلەشمە مۇسابىىسگە 7 قېتىم ئىتتپاق لوڭقىسغا قاتناشتى .
2005-2004-مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىنىڭ 1- كاپىتانى بولدى ، ھەم شۇ يىلى پەسىل ئاخىرىدا بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ ، نۇكەمپۇدا چېمپيۇنلۇق لوڭقسنى ئېگىز كۆتۈردى ھەمدە ئۆز ئارزۇسىنى ئاخىرى  ئەمەلگە ئاشۇردى .  

                               u=2767478832,2497360347&fm=23&gp=0[1].jpg

  دۆلەت كوماندىسدىكى ھاياتى

1999-يىلى ئىسپانىيە 21 ياشتىن تۆۋەن ياشلىقلار كوماندىسنىڭ ئەزاسى بولغان ، ھەم ياۋرۇپا  u21 ياشلىقلار لەۋە تالشىش مۇسابقىسدە 3- بولغان .
2000-يىلى سېدنىي ئولمپىك تەنھەرىكەت مۇسابقىسدە ئىسپانىيە ئولمپىك كوماندىسنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە شۇ قېتمىلق ئولمپىىك مۇسابقىسدە ئىپسانيە ئولمپىك كوماندىسىنىڭ ئەرلەر پۇتبول تۈرى بۇيىچە 2-لىككە ئېرشىىشگە كۈچ چىقارغان .
2008-يىلى ئىسپانيە دۆلەت كوماندىسى تەركىبدە ياۋرۇپا لوڭقىسدا چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن .
2010-يىلى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە چېمپىيۇن بولغان . تەكىتلەشكە تېگشىلك بولغىنى شۇكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقدە گېرمانىيە كوماندىسغا ھالقىلىق كاللا توپتىن بىرنى ئۇرۇپ شۇ نۆۋەتلىك مۇسابقىنىڭ غەلبىسىگە ئاساس سالغان .

                                    u=1314479226,2476351203&fm=21&gp=0[1].jpg

   3 . ئېرىشكەن شەرەپلىرى  

كۇلۇپتا ئېرىشكەن شەرەپلىرى

                                  t0106454f2196ae3e90.jpg

2006-2005-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى
2006-2005-مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمىپيۇنى
2006-2005-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە دەرىجدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چېمىپيۇنى
2006-2005-مۇسابىقە پەسلى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى چېمىپيۇنى
2009-2008-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمىپيۇنى
2007-يىلى پۇيۇل 87750 بېلەت بىلەن بارسېلونا تارىخدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنغان چولپان بۇلۇپ باھالانغان .
2009-2008-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيۇنى
2009-2008-مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى
2009-2008-مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چېمپىيۇنى
2009-2008-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە دەرىجدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چېمپىيۇنى
2009-2008-مۇسابىقە پەسلى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چېمپيۇنى
2009-2008-مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا 6 شاھ بولدى ، بۇ جەرياندا پۇيۇل ئۆزنىڭ قالتىس ئىپادىسنى جارى قىلدۇرۇپ كۇلۇپنىڭ 6 شاھ بۇلشىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى .
2010-2009-مۇسابىقە بەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمىپيۇنى
2010-2009-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چېمىپيۇنى
2011-2010-مۇسابىقە پەسلى ئىسپابىيە بىرلەشمىسى چېمىپيۇنى
2011-2010-مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى
2011-2010-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە دەرىجدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چېمىپيۇنى
2011-2010-مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چېمىپيۇنى
2011-2010-مۇسابىقە پەسلى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چېمىپيۇنى
2012-2011-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چېمىيۇنى
2013-2012-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمىپيۇنى
2013-2012-مۇسابىقە پەسلى كاتولونىيە لوڭقىسى چېمىپيۇنى

                                 u=755449197,1229075208&fm=23&gp=0[1].jpg   

   دۆلەت كوماندىسدا ئېرىشكەن شەرەپلىرى
2000-يىلى سېدنىي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسدە ئەرلەر پۇتبول تۈرى بۇيىچە 2-لىككە ئېرىشكەن .
2008-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى چېمىپيۇنى بولغان .
2010-يىلى جەنۇبى ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابقىسدە چېمىپيۇن بولغان .

                              

   شەخىس مۇكاپات تۈرى
2008-يىلى خەلىقئارا  پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى باھالاپ چىققان يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكىلىگە كىرگەن .
2010-يىلى خەىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى باھالاپ چىققان يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكىلىگە كىرگەن .
2002- 2005- 2008- 2009- 201- يىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى باھالاپ چىققان يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكىلىگە كىرگەن .
2010-يىلى جەنۇبى ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابقىسدە ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكىلىگە كىرگەن .
2008-يىلى ياۋرۇپا لوڭقسىسد 10مۇنەۋۋەر ماھىرنىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان . 23 كىشلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن .

                         t01703f695db29d5584.jpg

مەن ئاخىردا بارسېلونانىڭ تۆھپىكارى بولغان شىر پادىشاھ - پۇيلنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلشنى ئۈمىد قىلمەن . نۇكەمپۇ ۋەبارلىق بارسېلونا مەستانىلرى سېنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ ھەمدە ئۈن -تىنسز ياد ئېتىدۇ ، سەن مەڭگۈ بارسېلونانىڭ پەخىرى ، نۇكەمپۇنىڭ مەڭگۈلۈك شاھزادىسى 《شىر پادىشاھ》-پۇيۇل .
بۇ يازمام مۇشۇ يەردە تامام ، تېما يېزىلىش جەريانىدا ئازدۇر - كۆپتۇر سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىغان بۇلشى مۇمكىن شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ تەنقدىي پىكىر بېىرشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +305 تۆھپە +11 تەجرىبە +4 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 شىرغا ھۆرمەت
xax555 + 15
missi2 + 50 قالتىس!
abdunazar + 5 قالتىس!
بىنزىما9 + 50 + 6 + 4 قالتىس!
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
سەۋدا + 50 قوللاش!
gayrat + 5 قالتىس!
WiRoS + 20 شىر.......
~virus~ + 10 + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 17:50:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما     بىزدەك بارسلونا مەستانىلىرىغا ياخشى بىر پايدىلنىش ماتىريالى بوپتۇ     قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 17:50:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرەپلىرىڭغا بارىكاللا پويۇل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىسلونانىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك توپچىسى ئىدى ئەپسۇس  ، يىللار  بۇ شىرنىمۇ  چىملىقتىن  يىراقلاشتۇرۇش ئالدىدا .كىيىنكى ئىشلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:04:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا چەك تارتىش مۇراسىمى كۆرۈش ئادىرسى بولسا يوللىۋىتىڭلارچۇ ...............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:23:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقتىدىمۇ شۇ چاچكەنتۇق ...قايىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:24:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاۋى بىلەن پۇيۇلنىڭ بارسلوناغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۇ ئۇنتۇلمايدۇ !
ئۇلارنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى رولىمۇ ناھايىتتى چوڭ ئىدى ، ئەپسۇس ، ئۇلارنىڭ چىكىنىدىغان ۋاقتى بوپ قالدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:30:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇيول شىر يامان جىمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:30:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 18:24
شاۋى بىلەن پۇيۇلنىڭ بارسلوناغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۇ ئ ...

شاۋى بىلەن پۇيۇلنىڭ بارسلوناغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۇ ئۇنتۇلمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:31:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى شىر مۇ قىرىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-21 18:47:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا   چەك   تارتىش   نەخمەيدان    ئادرىسى  بولسا  يوللاپ بېرىڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 00:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش