ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|

خانبالىق ۋاقتى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ( نەۋرۇز كۈنى ) سائەت 19 دا 2013-2014 مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 4 كۈچلۈك چەك تارتىش مۇراسىمى شىۋىتسارىيەنىڭ نىۋېڭدىكى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. خانلىق مادرىد، بارسېلونا، مادرىد ئاتلىتكا، بايرىن، دورتموند، چېلسى، مانچىستىر بىرلەشمىسى، پارىژ سان ژىرمان ئوتتۇرسىدا چەك تارتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى چەك تارتىش قائىدىسى ئىلگىركىدەك ئۇرۇق كوماندا تاللاش، بىر دۆلەت بىرلەشمىسىدىن كەلگەنلەر ئۇچراشماسلىق قائىدىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 4 كۈچلۈك تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 1-، 2- كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 8-، 9- كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 11- كۈنى يېرىم ھەل قىلغۇچ چەك تارتىش مۇراسىمى شىۋىتسارىيەنىڭ نىۋېڭدىكى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1-نوقتا: قايسى دۆلەتتە ئاۋال ئىچكى ئۇرۇش پارتلايدۇ؟
8 كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئىچىدە 3 كوماندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە، 2 كوماندا ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە، 2 كوماندا گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە، 1 كوماندا فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە. پارىژ بىلەن مادرىد ئاتلىتكىدىن باشقا كوماندا تارىختا لوڭقا كۈتۈرۈپ باققان. لوڭقا كۈتۈرۈش قېتىم سانى 23 كە يەتكەن. بۇ قېتىمقى چەك تارتىش قائىدىسىدە بىر بىرلەشمىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ خىل شارائىتتا مادرىد دىرىبىسى، ئەسىر دىرىبىسى، گىرمانىيە دىرىبىسى، ئىنگىلاند دىرىبىسىنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار. بۇ شۇ دۆلەت پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نۇمۇر ئېلىش كۈرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2-نوقتا: ئالدىنقى پەسلىدىكى رەقىپلەرنىڭ قايتا ئۇچرىشىشى
8 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار ئىچىدە بارسېلونا بىلەن پارىژ ئالدىنقى پەسىل دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇچراشقان. ئەگەر تارىخ يەنە بىر قېتىم تەكرارلانسا ئىبراھىموۋىچ ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئالەم كوماندىسى بارسېلونادىن ئۆچ ئېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بارسېلونا بىلەن بايرىن، خانلىق مادرىد بىلەن دورتموندى ئالدىنقى پەسىل يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچراشقان. بۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىش ئىھتىماللىقى بار. ئۇنىڭدىن باشقا بايرىن بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسى، بايرىن بىلەن چېلسى ئىلگىرى ئۇچراشقان.
3-نوقتا: مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كىلىشى كىيىنكى بەخىتتىن دىرەك بىرەمدۇ؟
كونا تىرانفورتتىكى غەلبىدىن كىيىن مانچىستىر بىرلەشمىسى گىرىتسىيە زەردارى ئولىمپىياكىس كوماندىسىنى شاللاپ 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. بۇ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 3 پەسىلدىن كىيىن 8 كۈچلۈك قاتارىغا قايتىپ كىلىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. بىرلەشمىدىن ئۈمۈد قالمىغان شارائىتتا مويىسنىڭ بارلىق كۈچىنى چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قارىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈم ئالدىدىن قايتىپ كەلگەن سەركىنىڭ ئەمەلى كۈچىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. 2012-يىلىدىكى چېلسىدەك ئاخىرغىچە چاپامدۇ بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ.
4-نوقتا: سابىق مەشقاۋۇلنىڭ كونا ئائىلىسىگە قارشى قۇشۇن تارتىشى؟!
8 كوماندا ئىچىدە مورىنىيو خانلىق مادرىد كۇلۇبىنى يىتەكلەپ باققان. گۇئادىئالا بارسېلونانى يىتەكلەپ باققان. ئەنچىلودى پارىژ كوماندىسىنى يىتەكلەپ باققان. بۇ كوماندىلارنىڭ ئۇچرۇشۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار.
5-نوقتا: گوئادىئالا VS ئىبراھىموۋىچ؟
6-نوقتا: ئاخىرلشمايدىغان چەڭ؟!
ھەممىمىزگە ئايان مورىنىيو بارسېلونادىكى ۋاقتىدا گۇئادىئالا بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى. مورىنىيو خانلىق مادرىد قامچىسىنى قۇلىغا ئالغاندىن كىيىن گۇئادىئالا بىلەن بەيگىگە چۈشتى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كوماندىغا ماسلىشىش ۋە باشقا سەۋەپلەرگە كۈرە مورىنىيو پاسسىپ ئۇرۇنغا چۈشتى. كىيىن تەدىرجى ھالدا گۇئادىئالا خانلىقىنى قۇمۇرۇپ تاشلىدى. گۇئادىئالا بايرىنغا كەتتى. مورىنىيو چېلسىغا كەتتى. ئەپسۇس تەقدىر بۇ رەقىپلەرنى يەنە ئۇچراشتۇردى. ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كونا رەقىپلەر ئۇچراشتى. گۇئادىئالانىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلدى. تەقدىر ئۇلارنى قايتا ئۇچراشتۇرامدۇ يوق بۇنى بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ.
|
|