ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8122 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۈگۈن سەھەر ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى 8كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ بۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇقتىكى 8 كۈچلۈك كۇماندا بارلىققا كەلدى . 8 كۈچلۈككە كىرگەن ئىسپانىيە كۇلۇبىدىن ئۈچى ، ئېنگىلاند كۇلۇبىدىن ئىككىسى ، گېرمانىيە كۇلۇبىدىن ئىككىسى ۋە فىرانسىيە كۇلۇبىدىن بىرسى بار بۇلۇپ ئىتالىيە كۇلۇبىدىن بىرسىمۇ 8 كۈچلۈككە كىرەلمىدى .
سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن كۇماندىلار :
بەيرېن مىيۇنخېن ( گېرمانىيە ) ، مادرېد رىقابەت ( ئىسپانىيە ) ، بارسىلونا ( ئىسپانىيە ) پارىژ سانت گېرمان ( فىرانسىيە ) ، چىلسى ( ئېنگىلاند ) ، خانلىق مادرېد ( ئىسپانىيە ) ، مانچىستىر بىرلەشمىسى ( ئېنگىلاند ) ، دورتىموند ( گېرمانىيە ) ؛
8 كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدا ئادەمنى ئەڭ ھاياجانغا سالدىغان مۇسابىقە يەنىلا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئولىمپىياكېسنى شاللاپ 8 كۈچلۈككە كىرىشى بولدى . 8 كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدىكى ھەرقايسى مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىسى تۈۋەندىكىچە( ئىككى مەيداندىكى ئۇمۇمى نەتىجە ) :
مانچىستىر بىرلەشمىسى 3-2 ئولىمپىياكېس ؛
دورتىموند 5-4 زىنىت ؛
چىلسى 3-1 گالاتا ساراي ؛
خانلىق مادرېد 9-2 شارىك04 ؛
مادرېد رىقابەت 5-1 Acمىلەن ؛
بارسىلونا 4-1 مانچىستىر شەھرى ؛
بەيرېن -3-1 ئارسىنال ؛
پارىژ سانت گېرمان 6-1 لىۋېركۇسېن ؛
تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش مۇراسىمى جۈمە كۈنى سائەت 17 دە ( ئۈرۈمچى ۋاقتى ) شىۋىتسارىيەنىڭ نيوندا ئېلىپ بېرىلىدۇ . چەك تارتىشتا دۆلەت تەۋەلىكى ( بىرلەشمە تەۋەلىكى ) ۋە كىچىك گۇرۇپپا تەۋەلىكى قاتارلىق چەكلىمىلەر بولمايدۇ . تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ھەرقانداق ئىككى كۇلۇپ ئۇچۇراشسا بۇلىۋېرىدۇ .
|
|