ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3587 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 21:36
بەيرىن كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ھېسابلىنىدىغان روبىننىڭ كوماندىدىكى رولى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇسۇپ ئۆتۈش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقى، سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى بىلەن مۇداپىيەچىلەرگە ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كىلەلەيدىغان توپچى ھېسابىلنىدۇ. ئۇ ئىلگىرى كۆپ يارلىنىش سەۋەپلىك بەزى كۇلۇبلاردا ئانچە ياخشى ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ بىراق بەيرىن مېيونخىن كوماندىسىغا يۆتكەلگەندىن بۇيان يارلىنىشىمۇ تەدرېجى ئازايدى. ئىپادىسى تېخىمۇ يۇقىرلاپ ماڭدى. موشۇنداق ئەھۋالدا بەيرىن يۇقىرى قاتلىمى ئەلۋەتتە ئۇنى قويۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ.
بەيرىن ئورگان تورى روبىن بىلەن 2017-يىلىغىچە 6-ئايغىچە توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. روبىن بۇ يىل 30 ياشقا كىردى. بەلكىم موشۇ ياخشى ھالىتنى بىر-ئىككى يىل ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن.
رومنىگى ئۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:‹‹ بىز روبىن بىلەن 2017-يىلغىچە توختام ئۇزارتقانلىقىمىزدىن ناھايتى خۇشال. روبىن ئۇ بىر قالتىس پۇتبولچى. ئۇ بەيرىن كوماندىسى ئۈچۈن توپ تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىشىنىمىزكى روبىن تېخىمۇ ياخىشى بولغان ئىپادىىسى بىلەن بەيرىن كوماندىسىغا كۈچ قوشالايدۇ.››
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بايرىننىڭ يوللانمىسى:
گىرمانىيە بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ئورگان تورى خەۋىرى :
2014 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كىيىن گىرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ئۆز توربىتىدە ئىلان قىلىپ كوماندىنىڭ يادرولوق توپچىسى « ئارجىن.روبىن » بىلەن 2017 - يىلى 7 - ئايغىچە توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئىلان قىلدى ، روبىن بۇ توغۇرلۇق توختۇلۇپ ئۆزىنىڭ بايرېن كوماندىسى بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ، كۇلۇب تەرەپمۇ بۇ توختامنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن خۇشال بولدى ... روبىن بايرېن كوماندىسىغا كەلگەندىن كىيىن تىزلا كوماندىغا ماسلىشىپ كوماندىنىڭ يادرولۇق چولپىنىغا ئايلاندى ، 2013 - يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىدە روبىن 89 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇرۇپ بايرېن كوماندىسىنىڭ 5 - قىتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىلشىغا ئاساس سالغان ئىدى ...
|
|