- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1563
- نادىر
- 2
- يازما
- 1563
|
سىنا تورى خەۋىرى
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ، بارسلونا ئورگان تورى ياش ، قابىل مۇداپىيىچى بارتېلا بىلەن 3 يىللىق توختام ئۇزارتقانلىقىنى ، يېڭى توختامنىڭ 2017-يىلى 6-ئايغىچە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى . باسىلونا تەرەپنىڭ ئاشكارلشىچە ، بارتېلانىڭ توختام بۇزۇش ھەققىنىڭ 25 مىليون ياۋرو ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى .
بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بارتېلا 11 يېشىدا بارسىلوناغا قوشۇلغان . ئۇ 11 يېشىدىن تارتىپ ئىزچىل بارسىلونا ياشلار مەشىق بازىسىدا مەشىق قىلىپ ، 2013 \ 2012 يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسى بىلەن رەسمىي توختام ئىمزالىغان . ھەممە ئۇنى پۇيولنىڭ ئىز باسارى دەپ قارىغانىدى . بارسىلونا بلەن توختام ئۇزارتقانلىقىغا قارىتا بارتېلا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى . ئۇ : ‹‹ مەن ئىنتايىن خوشال ، بارسىلونا بىلەن توختام ئۇزارتقاندىكى ھېسىياتىم ئىنتايىن قايناق . مەن ھەممىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ، بارسىلونادىكى تەرەققىياتىمنىڭمۇ ھەم ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن . مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ، پۇيول ، پېكىلار مېنىڭ ئورنەك ئېلىش نىشانىم . ئۇلاردەك نەتىجىلەرنى يارىتىش مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سىناق . بىرىنچى كوماندىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشۇممۇ ھەم مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سىناق !! مەن پۇتۇن كۈچۈم بىلەن بارسىلونا ئۈچۈن جەڭ قىلىمەن !! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈردى .
ئەڭ ئاخىرىدا بارتېلا : ‹‹ بىز ئەڭ تولۇق تەييارلىق بىلەن بىرنابوغا ئاتلىنىمىز ! بۇ ئىنتايىن موھىم بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە . بىز غەلبە ئۈچۈن پۇتۇن كۈچىمىزنى چىقىرىمىز !! ›› دپ ئىپادە بىلدۈردى .
|
|