تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1770|ئىنكاس: 78

ئەڭ يېڭى قىسقا خەۋەرلەر !!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2395

تېما

2

دوست

8159

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8643
يازمىسى: 8159
نادىر تېما: 16
ياۋرۇ: 12483
تۆھپە: 121
ۋاقتى: 4306
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە نادىرچى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 01:35  

201403181015350c414_550.jpg


قىزىل ئالۋاستىنىڭ بۇ ھەپتە ناھايىتى مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقىسى بار .مۇسابىقە 3-ئاينىڭ 20-كۈنى مانچېستىر مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .ئالدىنقى ئايلانما 0 : 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋەتكەن .« قۇياش گېزىتى » دە كۆرسىتىلىشچە ،مۇبادا بىرلەشمە چىمپيونلۇقىدىن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان مانچېستىر بىرلەشمىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈككە كىرىشتىكى بۇ مۇسابىقىدە يەنىلا مەغلۇپ بولۇپ شاللىنىپ كەتسە ،ئۇ چاغدا مانچېستىر تېرىنىرى مۇيىس خىزمىتىدىن بوشىتىلىدىكەن .ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىردا 0 : 3 نەتىجە بىلەن لېۋېرپولغا ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن بۇ ئادەم ھازىر يار لېۋىدە تۇرماقتا .نۇمۇرنى ئاشۇرۇپ غەلبە قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ! ئولىمپكياكوس كوماندىسى بىلەن بولىدىغان بۇ مۇسابىقە مۇيىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ! مانچېستىر يۇقىرى قاتلىمى ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ  ئەمدى سەۋر تاقىتى توشتى .

900x600_9CCTM7N800DE0005.jpg


فىرانسىيەلىك ئىلگىرىكى داڭلىق پۇتبولچى زىدانى توپچىلىق ھاياتى بىلەن خۇشلاشقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلە بويىچە ئىسپانىيەگە كۆچۈپ كېلىپ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ يەردە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە .زىدانى ھازىر خانلىق مادرىدنىڭ تېرىنىرى ئەنچىلوتتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ .تېرىنىرلىق تەجىربىسىمۇ بارغانسېرى ئۆسۈپ بېرىۋاتىدۇ .كوماندىنىڭ بۇ پەسىل نەتىجىسى ياخشى بولۇشىدا زىدانىنىڭمۇ تۆھپىسى بار .زىدانىنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مادرىد توپچى تەربىيىلەش بازىسىدا ،يېقىندا چوڭ ئوغلى ئېنزو زىدانى فىرانىسيە 19 ياشلىقلار كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ،بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا ،ئىككىنچى ئوغلى لۇكا -زىدانىمۇ فىرانسىيە 16 ياشلىقلار كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان .بۇ بالىنىڭ مەيداندىكى ئورنى ۋاراتار ئىكەن .

900x600_9NK1TH2300CO0005.jpg


گەرچە يېقىندىن بۇيان ياپۇنىيەلىك داڭلىق توپچى خوندانىڭ ئا س مىلان كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ،بىراق  ئاسىيالىقلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئەڭ قالتىس توپچى ھىسابلىنىدۇ .ئا س مىلاندەك بۇنداق زەردار كوماندىدا توپ تەپمەك ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە ! « تەنتەربىيە ھەپتىلىك خەۋەر گېزىتى » دە كۆرسىتىلىشچە ،خوندا بۈگۈن ئاسىيادىكى ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ باھالىشىدىكى « ئاسىيا ئالتۇن توپ » مۇكاپاتىنى تاپشۇرىۋالغان .بۇ مۇكاپات ئاسىيادا تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان بولۇپ ،ئاسىيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىغا بېرىلىدىكەن .ئىگەلىنىشچە ، بۇ سالمىقى چوڭ ۋە سىموۋۇل خاراكتىرلىك مۇكاپات بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .بۇ باھالاشتا خوندا 46 نومۇر بىلەن بىرىنچى بولغان .گۇاڭجۇ خېڭدادىكى كونكا بىلەن ئېركىسون ( كونكا بىرازىلىيەگە كەتتى ) 32 نۇمۇر بىلەن ئىككىنچى بولغان .گېرمانىيە لېۋېركوسىندىكى كورىيەلىك توپچى سۈن شىنمىڭ بىلەن گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ كاپىتانى جېڭجى ئۈچىنچى بولغان .

900x600_9NGNKVDO00DE0005.jpg


1912-يىلىدىن 1927-يىلغىچە بارسېلونا كوماندىسدا فىلىپپىنلىق ئالكانتارا ئىسىملىك بىر رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى توپ تەپكەن بولۇپ ،بۇ توپچى بارسېلونا ھاياتىدا جەمىي 369 توپ كىرگۈزگەن ( دوستلۇق مۇسابىقىسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئالدىنقى ھەپتە بارسېلونا كوماندىسى ئاسۇسۇنا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە مېسسى ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئۇيۇنى ئوينىتىۋەتتى .بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى مېسسىنىڭ بارسېلونادىكى ھەر قايسى تۈردىكى مۇسابىقىدە ئومۇمىي كىرگۈزگەن توپ سانى 368 توپقا يەتكەن .شۇنىڭ بىلەن 80 يىل ساقلانغان بۇ كونا رېكورت بۇزۇلۇپ كەتتى .ھەمدە مېسسى بارسېلونا تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن بىردىنبىر توپچى بولۇپ قالدى .مېسسى ھازىر 26 ياش .ھەقىقەتەن قالتىس !

U7881P6T12D7071785F44DT20140317184523.png


ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ھالىتى ناھايىتى چاتاق .نەتىجىسى كۈرىنەرلىك چۈشۈپ كەتتى .توپ مەستانىلىرى كۆپ قېتىم نامايىش قىلىپ كۇلۇبقا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى .قاتتىق بېسىم ئاستىدا كوماندا يېقىندىن بۇيان ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتتۇرىۋەتتى .3- ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئا س مىلان يۇقىرى قاتلىمى گوللاندىيەلىك تېرىنىر سىدىروفتىن ئاساسى جەھەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن .ئەسلى پەسىل ئاخىرلاشقاندا خىزمىتىدىن بۇشىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ ،ھازىرقى خەۋەرگە قارىغاندا ،كېيىنكى ئايلانما لازىيو كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە سىدىروف يەنىلا ئۆزىنى ئىسپاتلىيالمىسا دەرھال ئورۇن بوشىتىدىكەن . ئارقىدىن مىلاننىڭ ئىلگىرىكى يولباشچىسى ،داڭلىق توپچى ئىنزاگى كومانىنىڭ قامچىسىنى قولىغا ئالىدىكەن .

rdn_4e7e909d8becc.jpg


پۇ پەسىل خان مادرىدنىڭ ھالىتى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا .كوماندىنىڭ توختىماي يېڭىشىدە بىرىنچى نۇمۇرلۇق ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدونىڭ تۆھپىسى كۆپ .ھازىر ياۋروپا بەش بىرلەشمىدە بىرىنچى مەرگەن ئورنىدا تۇرىۋاتىدۇ .ئۇزغۇنلۇقتىمۇ ئوخشاشلا بىرىنچى ئۇرۇننى قولدىن بەرمەي كەلمەكتە .ئىگەلىنىشچە ،رونالدو تۆت پەسىل كىرگۈزگەن توپى ئۇدا 25 كە يەتكەن توپچى بولۇپ قالغان .ئۇنىڭدىن باشقا رونالدو مەيدان سىرتىدا قىيىنچىلىقى ئېغىرلارغا ياردەم قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىۋاتىدۇ .
ئەمما روسىيەلىك مودىل قىز دوستى ئېرىنا يېقىندىن بېرى توختىماي ئەرلەر بىلەن يالىڭاچ ئېلانغا چىقىپ رونالدونىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەن .3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى گېرمانىيە « رەسىملىك ژۇرنىلى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،ئېرىنا بۈگۈن ناھايىتى بەستىلىك بىر ئەر بىلەن تايغاندەك ھالەتتە ئېلان ئىشلىگەن .( ئەسلى رەسىم چىقىرىلمىدى ) رەسم توردا تارقىتىلغاندىن كېيىن رونالدو قىز دوستىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن .بۇ رونالدونىڭ تۇنجى قېتىم قىز دوستىدىن نارازى بولۇشى ئەمەسكەن .ئىلگىرى رونالدونىڭ ئاپىسىمۇ بۇ قىزنى كۆپ قېتىم توسقان .بىراق ئېرىنا بۇ كەسپنى قىزغىن سۆيىمەن دەپ رەت قىلغان .

201403180050381cf83_550.jpg


ئېنگىلاندتا تالانتلىق توپچىلار ئەزەلدىن كام بولغان ئەمەس .بۇ يەردە نۇرغۇن توپچىلار كىچىك چېغىدىلا نام چىقارغان .ئەينى چاغدا 8 ياشقا كىرگەن ئوۋېن ئۆز رايۇنىدىكى كىچىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسدە 97 توپ كىرگۈزۈپ رېكورت ياراتقان .ئارىلىقتىن 27 يىل ئۆتكەندە لېۋېرپولدىن يەتتە ياشقا كىرگەن بېن ئىسىملىك بىر شاكىچىك كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى .يەنى بۇ كىچىك توپچى 18 مەيدان مۇسابىقىدە 123 توپ كىرگۈزگەن .ئىلگىرى بىر مەيداندا 19 توپ ئۇرۇۋەتكەن .بېن بەش يېشىدا لېۋرپولغا كېلىپ مەشقنى باشلىغان .كېيىن ئېۋېرتون ۋە قوشماق مانچېستىردا تەربىيلەنگەن .بۇ بالا مۇشۇنداق ئۈزۈپ ماڭسا كەلگۈسىدە ئېنىقلا ئېنگىلاندنى زىلزىلىگە سېلىۋېتىشدە گەپ يوق !

900x600_9I5DMF1S5GVR0005.jpg


بىرازىلىيەلىك « تاشقى پىلانت ئادىمى » رونالدو بۈگۈن پورتۇگالىيە « كوماندا گېزىتى » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خان مادرىدىكى رونالدوغا باھا بېرىپ : « رونالدو ئالتۇن توپقا لايىق » بىراق پورتۇگالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا چىمپىيۇن بولۇشى سەل تەس دېدى .رونالدو مۇنۇلارنى بىلدۈردى : كىرىستىئانو رونالدو ھەقىقەتەن بۇ مۇكاپاتقا مۇناسىپ كېلىدۇ .ئۇ بىر قالتىس توپچى .ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھازىرقىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى .رونالدو مەشىققە بىرىنچى بولۇپ كېلىدۇ . شۇنداقلا مەشق مەيداندىن ئەڭ ئاخىردا ئايرىلىدۇ .رونالدو ئاخىردا دۇنيا لوڭقىسى توغۇرىسدا توختىلىپ مۇنداق دېدى : « مىنىڭ قارىشىمدا بىرازىلىيەنىڭ چىمپىيۇن بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى .ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە ۋە ئارگېنتىنا كوماندىسى ،پورتۇگالىيە ؟ ئۇلاردا ئەڭ ياخشى توپچىلار بار .بىراق سەل تەسرەك .چىمپىيۇن بولۇشتا يەنە بىرسى تەلەي ئامىلىمۇ بار .قىزىق يېرى شۇكى : رونالدو ئىسپانىيە كوماندىسىنى تىلغا ئالمىغان .

900x600_9NH1IQGC00CO0005.jpg


فىرانىسيە پارىژ سانت ژىرمان كوماندىسىدىكى شىۋېتسىيىلىك مۇنار ئىبرايىموۋىچ ھازىرمۇ قالتىس ئوينىماقتا .بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ( 10 -ئايدا 33 ياشقا كىرىدۇ ) ئىبرايىموۋىچ توختىماي ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى يۇقىرى پەللىسىنى يېڭىلاۋاتىدۇ .ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ غەلبىسىگە ئاساس سالدى .مۇبادا يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئىختىيارى توپىنى ۋاراتار ھەيران قالارلىق ھالدا توسۇۋالمىغان بولسا قالپاق كىيىشى ئېنىق ئىدى .كىشىلەر ، يېڭىدىن كەلگەن ئۇارگۋايلىق داڭلىق توپچى كاۋانى ئىبرايىموۋىچنى زاپاس قىلىۋېتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان .ئەمما بۇ دارازا ھازىر كاۋانىنى 11 توپ كەينىگە تاشلىۋەتتى .ھەمدە فىرانسىيەدىكى بىرىنچى مەرگەننىڭ يەنىلا ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .شۇنداق قىلىپ ھازىرغا قەدەر 47 - نۇمۇرلۇق ئاياق كىيىدىغان بۇ تۆگىنىڭ بىر پەسىلدە ئومۇمىي كىرگۈزگەن توپى 40 يېتىپ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىردا يەنە بىر ساننى ياراتتى .

Img275517974.jpg


3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ،خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى مېھمان مەيداندا چاڭچۈن ياتەي كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقان بولۇپ ،ئىككى تەرەپ قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي ،مۇسابىقە 0 : 0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان .بۇ مۇسابىقىدە ئۇيغۇر توپچى مىرئەخمەت ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان .( يېرىم مەيدان ئوينىغان ) ئىپادىسى يامان ئەمەس بولغان .مىرئەخمەت ئىلگىرى شەندۇڭ لۇنىڭدا توپ تەپكەن .بىراق مەيدانغا چىقىش پۇرستىگە ئېرىشەلمىگەن .بۇ يەردە داۋاملىق تىرىشسا ئاساسلىق بولۇپ ئوينىشى مۇمكىن ! بەزى خەۋەرگە قارىغاندا ،خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسنىڭ تېرىنىرى مىرئەخمەتكە كېيىن يەنە پۇرسەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .ئەمدى گەپ مىرئەخمەتتە قالدى .بارى يېقىندا ئا دەرىجىدىكى يېڭىدىن قورۇلغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا كەتكەندىن كېيىن مىرئەخمەت دەرىجىدىن تاشقىرىدا توپ تېپىۋاتقان بىردىنبىر ئۇيغۇر توپچى بولۇپ قالدى .

U7639P6T12D7072000F44DT20140318083003.jpg


مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرسدا ( ئەتە سەھەردە ) چېلسى كوماندىسى ئۆز مەيداندا تۈركىيە -گالاتا ساراي كوماندىسى بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈك ئىككىنچى ئايلانما شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ .ئالدىنقى ئايلانما ئىككى كوماندا 1 : 1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشكەن .چېلسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ سەل ئاكتىپ ئورۇندا .ئەمما گالاتا سارايمۇ بوش ئەمەس .ئەڭ مۇھىمى بۇ كوماندىدا ئىلگىرى چېلسدا توپ تەپكەن ئۇزغۇنلۇق تەجىربىسى مول بولغان كوتىۋارلىق داڭلىق توپچى دېرۇگبا بار .چېلسى مەيدانى دېرۇگبا ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس .ئەينى چاغدىكى شانلىق ۋاقىتلىرىنى دەل مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن .چېلسىمۇ دېرۇگبادىن ئەنسىرەيدۇ .توغرا ،دېرۇگبا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ قىزىق نوقتا ! چېلسى مەستانىلىرىمۇ دېرۇگبانى ئەلۋەتتە قارشى ئالىدۇ .تېرىنىر مۇرىنھومۇ شۇنداق .بۈگۈن دېرۇگبا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىگەن : « مېنىڭ بۇ يەرگە مېھرىم بار .قايتىدىن سىتانفورد كۆۋۈركىگە كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خوشال بولىۋتىمەن .مەن كەسپىي پۇتبولچى .مەيلى قايسى كوماندىدا بۇلاي ،ئۆز ۋەزىپەمنى ئادا قىلمىسام بولمايدۇ .بار كۈچۈم بىلەن كوماندىغا ھەمدەم بولۇپ چېلسىنى شاللىۋېتىشكە تىرىشىمەن .مۇبادا توپ ئۇرۇپ قالسام تەبرىكلىمەيمەن » دېرۇگبا ئاخىردا يېقىندىن بۇيان ئۆزىنى بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چېلسىغا يۆتكىلىپ كېلىش توغۇرسىدىكى خەۋەرلەرگە رەدىيە بېرىپ زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇردى .




900x600_9CCTM3VI00DE0005.jpg


توپ تەپكۈچى








ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قوللاش!
dilmurat. + 33 تەپسىلى خەۋەر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 83   باھا خاتىرىسى

17

تېما

1

دوست

307

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13513
يازمىسى: 307
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 4189
تۆھپە: 26
ۋاقتى: 66
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋە قىلدىم، مىلانغا راۋۇرۇس دۇنياۋى توپچىدىن 3نى ئېلىپ ، ئاندىن بوبونى تېرىنېر قىلىپ قويسىمۇ ھازىرقىدىن ياخشى ئوينىيالايدۇ،مىلاندا ھازىر ساتىمەن دېسە باشقا زەردارلارھازىرلا ئالىمەن دەيدىغاندىن كىم بار ھازىر، باللوتېللى؟كونسىتانت؟ئابىھاياتى؟كاكا؟پانۇززى؟ 20 مىلىيۇننىڭ تۈپىسىدىكى توپچىدىن نەچچىسى بار؟
ئېغىر كۈنلەردە بايېرىن ماڭا ھەمرا بولدى.....

17

تېما

1

دوست

307

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13513
يازمىسى: 307
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 4189
تۆھپە: 26
ۋاقتى: 66
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەخمەتجاننىڭ توپ تېپىشى ئادەمگە لام بىلەن مارسېلونى ئەسلىتىدىكەن، ئالى بىرلەشمىدىكى ئۇرۇغلۇق توپچىمىز غەيرەت قىلغاي!!!
ئېغىر كۈنلەردە بايېرىن ماڭا ھەمرا بولدى.....

13

تېما

2

دوست

647

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11900
يازمىسى: 647
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1266
تۆھپە: 5
ۋاقتى: 603
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانىنڭ ئائىلسى كەسپى پۇتبولچىلار ئائىلسى بۇلاپ كىتىپتۇدە .

ياشا ئۇيغۇرۇم

82

تېما

27

دوست

2531

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9693
يازمىسى: 2531
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 5086
تۆھپە: 118
ۋاقتى: 564
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېسسى تىرىشساڭ يەنە نۇرغۇن رېكوتلارنى بۇزالايسەن
مېنى كىم يېڭەلەيدۇ؟

ئاكاڭ كىمتى ؟؟؟؟

143

تېما

4

دوست

5148

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8401
يازمىسى: 5148
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 440
تۆھپە: 3
ۋاقتى: 2440
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىداننىڭ ئايالى ئىسپانىيەلىك ،،،ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەممىسى مادىرد تەربىيلەش بازىسدا يىتلۋاتدۇ ،،باللىرى فىرانىسيە ۋە ئىسپانىيە قوش دۆلەت تەۋەلكىگە تەۋە ،،،ئېنزو پات ئاردا 1-كوماندىغا چىقىپ قېلشىمۇ مۇمكىن ئېنزونىڭ ئورنىمۇ ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان زىدانىغا ئوخشاش ،،،،2-ئوغلى لۇكا بولسا ۋارتار ئىكەن ،،،،،باللرى فىرانسىيە كوماندىسنى تاللاپتۇ             مانچىستىر تېرنىر ئالماشتۇرمىسا بولمىدى ،،مويىس ئەسلى فۇرگىسسىنىڭ ياردەمچىلىرنى ئېلىپ قالغان بولسا بەلكىم بۇ كۈنلەرنى كۆرمەس ئىدى ،،قىزىل ئالۋاستلارنىڭ بۇرۇنراق ئەسلىگە كېلىشنى ئۈمۈد قىلمەن ،،،مىرەخمەت ئۆز ۋاقتىدا خېنەن جىيەنيېدا ئېسل ئويناپ قويغان ،،بۇندىن كېيىن تېخمۇ ئېچلىشنى ئۈمۈد قىلمەن ،،،،،،،لۇنىڭدىكى ئۆتكۈرنىڭ خەۋىرى بارمۇ باللا
چىدىمىساڭ ئۆلۋال -كۆرەلمەس پەسلەر

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13650
يازمىسى: 40
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 574
تۆھپە: 0
ۋاقتى: 47
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدۇنىڭ ئاۋۇ قانجىقى چاتاق....كېيىن چوقۇم يۈزىنى بۇنىڭدىن بەكرەك تۆكىدۇ رونالدۇنىڭ.

ھەق يولىدىن ئۆزگ

601

تېما

7

دوست

7888

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 7888
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 2478
تۆھپە: 13
ۋاقتى: 1353
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مويىسقا داۋاملىق پۇرسەت بىرىش مىنىڭچە ۋاقىتنى بىھودە ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ.25يىل فورگىسىننىڭ ئۇسلۇبىغا ماسلىشىپ كەتكەن مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ھە دىگەندە باشقا تىرنىرلاغا كۆنەلىشى تەس.قالتىس ھۇجۇمچى دەپ تەرىپلىنىدىغان گوللاندىيلىك ۋان پىرىس مويىس كەلگەننىڭ ياقى ئۇجۇقۇپلا كەتتى.توپ ئۇرۇش نىسپىتى ئالدىنقى پەسىل ۋە ئىلگىركى ئارسىنالدىكى ۋاقتىغا سىلۇشتۇرغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەن.شۇڭا مانچىستىرغا كاللىسى ئوچۇق،پىشقان تاكتىكا ئۇستىسى تولىمۇ زۆرۈر. ھىدنىك ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى مىنىڭچە.

ھەق يولىدىن ئۆزگ

601

تېما

7

دوست

7888

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 7888
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 2478
تۆھپە: 13
ۋاقتى: 1353
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىدوف تۈنۈگۈنلا توپچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۈگۈن بىر زەردارنىڭ قامچىسىنى قولىغا ئالدى. ھەقىقەتەن ئاساسن ئەمەس. لىكىن ئۇ ئالدى بىلەن ئىنزاگىغا ئوخشاش ئىشنى ب دەرىجىدىن باشلىسا بولاتتى.ئىتالىيە بىرلەشمىسى چاقچاق قىلىدىغان ياكى سىناپ باقىدىغان بىرلەشمە ئەمەس.ناپولى،رىم ۋە فىلورىسالانىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مىلەندەك كۇلۇپلاغا ئىغىر بىسىم ئىپ كىلىدۇ.شۇڭا رىقابەت كەسكىن بولىۋاتقان بۇنداق ۋەزىيەتتە باش مەشقاۋۇل چوقۇم تەجىربىلىك بولمىسا بولمايدۇ.مىنىڭچە بۇ ۋەزىيەتنى ئىنزاگىنىڭمۇ ئوڭشىيالىشى ناتايىن.

0

تېما

23

دوست

57

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13738
يازمىسى: 57
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1040
تۆھپە: 196
ۋاقتى: 10
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

0

تېما

23

دوست

57

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13738
يازمىسى: 57
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1040
تۆھپە: 196
ۋاقتى: 10
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھۇررا شىنجاڭ !!!

313

تېما

14

دوست

4629

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4629
نادىر تېما: 9
ياۋرۇ: 3623
تۆھپە: 289
ۋاقتى: 1650
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش تۆھپىكار ئەزا مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېڭجى دىگەن بالا ئاسىيا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا 3-بولغان گەپ   20نىڭ ئىچىگە كىرسىمۇ ھەيران قالىدىكەن ئادەم ئاسىيادا خېلى -خېلى توپچىلار بار دەيمەن ...
خوتۇن قىزلىرىنى يات ئەرلەردىن كۈنلىمىگەن ئەر ھايۋان بىلەن باراۋەر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号 )