ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2373 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىتالىيە بىرلەشمىسى 28-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاىىرقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى. نەتىجە تۆۋەندىكىچە:
رىم 2:3 ئۇدىنىس
ئىتالىيە زەردارى رىم كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۇدىنىس كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. رىم كوماندىسى ئۆز ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ مۇسابىقە 22-مىنۇتىغا كەلگەندە پىشقەدەم جەڭچى، كاپىتان توتتى بىر توپ ئۇردى، شۇنىڭ بىلەن توتتىنىڭ بىرلەشمىدە ئۇرغان توپ سانى 233 كە يەتتى. مۇسابىقە 30-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا دىستىرو بىر توپ ئۇرۇپ رىم كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە 51-مىنۇتىغا كەلگەندە ئۇدىنىس ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى پىنزى بىر توپ قايتۇرىۋالدى. مۇسابىقە 69-مىنۇتىغا كەلگەندە رىم كوماندىسىدىن توروسىدىس يىراقتىن بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىنى مۇقىمدىدى. مۇسابىقە 80-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئۇدىنىس كوماندىسى بۇلۇڭ توپ بۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ باستا توپ ئۇرۇپ بىر توپ قايتۇرىۋالدى. رىم كوماندىسى 1 مەيدان ئاز ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا 61 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 2-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ. يوۋىنتىس بىلەن بولغان نۇمۇر پەرقى 14 نۇمۇر.
تورىن 1:0 ناپولى
تورىن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا كۈچلۈك ناپولى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشتىن-ئاخىرى ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالمىدى. مۇسابىقە 90-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا سابىق خانلىق مادرىد توپچىسى ھىگۇايىن توپ ئۇرۇپ قارشى تەرەپنى بۇغۇزلىدى. شۇنداقلا مىھمان مەيداندا قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى.
|
|