ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2374 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مىلان 4:2 پارما
دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 22:00 دە ئىتالىيە بىرلەشمىسى 28-ئايلانما مۇسابىقىسى بىز بۈلىكىدە ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا پارما كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە 5-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندە ئابىياتى قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىپ مەيداندىن چۈشىرۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئېسىننى چۈشىرۋېتىپ ئورنىغا 2-نۇمۇرلۇق قاپقىچى ئامىلىيا ئالمىشىپ چىقتى. كاسانو نوقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ پارما كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 10 ئادەم بىلەن قالغان مىلان كوماندىسى شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە 51-مىنۇتىغا كەلگەندە يەنە شۇ كاسانو توپ ئۇرۇپ مىلان كوماندىسىنى پاسسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. مۇسابىقە 56-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا رامى توپ ئۇردى. مۇسابىقە 75-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا مىلان كوماندىسى نوقتا توپ تىپىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. بالاتولى بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. شۇنداقلا نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. پارما كوماندىسى كۈچەپ ئويناپ ئارمىلى ۋە بىيابىيانىلارنىڭ توپ ئۇرىشى بىلەن مىھمان مەيداندا قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن مىلان كوماندىسى بىرلەشمە، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا 3 مەيدان مەغلۇپ بولدى.
رېنىيا 1:0 يوۋىنتىس
يوۋىنتىس كوماندىسى پىرلونىڭ مۇسابىقىنىڭ 89-مىنۇتىدا ئۇرغان دۇنياۋى سەۋىيەلىك ئۇرغان بىردىن-بىر توپىغا تايىنىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى. بۇفېىن قارشى تەرەپنىڭ بىر نوقتا توپىنى تۇسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن يوۋىنتىس كوماندىسى 75 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 1-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ. 2-ئۇرۇندىكى رىم كوماندىسى 2 مەيدان ئاز ئوينىغان شارائىتتا 58 نۇمۇر بىلەن كەينىدىن قوغلاپ كىلىۋاتىدۇ.
باشقا مۇسابىقىلەر:
ئاتلانتا 0:3 سامپىدورىيا
ساسىلو 1:3 كاتانىيا
لىۋونو 1:2 بولونىيا
كالىيالى 2:0 لازىئو
فورولونسا 1:3 چېۋو
|
|