ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3587 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا c.ronaldo77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-17 10:30
2-ئاينىڭ 16-كۈنى 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە 2013-2014-يىللىق ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 30-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدى نەتىجىلەر تۇۋەندېكىچە:
_______________________________________________________________________________________
مانچېستىر بىرلەشمىسى 0 - 3 لېۋىرپول
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لېۋىرپول يەنىلا كۈچلۈك بولغان ھوجۇملىرىنى نامايەن قىلىپ ئوينىدى. 34 مىنۇت بولغاندا سۇئارېز ئالدىماقچى بولغان توپقا رافائلنىڭ قولى تېگىپ نوقتا توپ قويۇپ بېرىلدى. بۇ توپنى جېررا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ لېۋرپول ئۇستۇنلۇككە ئۆتتى. 46 مىنۇت بولغاندا مانچېستىر بېكى جوناس ئېللونغا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ ئىككىنجى قېتىملىق نوقتا توپ قويۇپ بېرىلدى. بۇ توپنىمۇ جېررا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتجىنى 2-0 قىلدى. 78 مىنۇت بولغاندا ۋېدىچ سىتورېچقا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۈرۈش بېرىلگەن بولسىمۇ رېپىرغا تىل سالغانلىقى ئۈچۈن يەنە ئىككىنجى سېرىق كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلدى. بۇ نوقتا توپنى جېررا ئۇرالمىدى. 84 مىنۇت بولغاندا سۇئارېز لېۋىرپول كوماندىسىنىڭ ئۈچىنجى توپىنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 3-0 قىلىپ ئاخىرلاشتۇرى. شۇنىڭ بىلەن لېۋىرپول كومانسىى ئۈچ نومۇرنى مانچېستىر مەيدانىدىن تولۇق ئېلىپ قايتتى.
_____________________________________________________________________________________
توتتىېنھام 0 - 1 ئارسىنال
مۇسابىقىدە ئارسىنال كوماندىسنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. مۇسابىقە باشلنىش پۈشتىكى چېلىنىپ 1 مىنۇت 10 سېكونت بولغاندىلا روسكى دۇنياۋى سەۋىيلىك توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ئارسىنال كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئېگە قىلدى. كېيىنكى ۋاقتىلاردا توتتېنھام كوماندسى ئارقا-ئارقىدىن ھوجۇم تەشكىللىگەن بولسىمۇ ئۇنىمى بولمىدى. ئارسىنال روسكىنىڭ ئۇرغان ئاشۇ بىر توپىغا تايىنىپ ئۈچ نومۇرنى ئېلىپ قايتتى.
|
|