ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2386 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:30 مىنۇت ئۆتكەندە گىرمانىيە بىرلەشمىسى 25-ئايلانما مۇسابىقىسى بىر بۈلىكى گىرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ئارىيان پۇتبول مەيدانىدا كۈچلۈك لىۋىركوسىن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. بايرىن كوماندىسى مەنزۇجىچ ۋە شىۋىنسىتايگىرلارنىڭ توپ ئۇرىشى بىلەن بۇ مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇدا 17 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ گىرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى يىڭىلىدى. ئېنتىر كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدە ئۇدا 17 مەيدان غەلبە قىلىش رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى. شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن 25 ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىدە مەغلۇپ بۇلۇپ باقمىدى. گىرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە بايرىن كوماندىسى 71 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 1-ئۇرۇندا كىتىۋاتىدۇ. 2-ئۇرۇندىكى دورتموند كوماندىسى بىلەن بولغان نۇمۇر پەرقى 23 كە يەتتى.
ئالدىنقى پەسىل بايرىن كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇسابىقىسە 14 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. ( 17 كۇلۇپ بار، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دورتموند، مىنشىنگىلادباخ بىلەن تەڭلىشىپ، لىۋىركوسىنغا ئۇتتىرىۋەتكەن ) بۇ پەسىل ھەيران قالارلىق ھالدا 17 مەيدان تۇلۇق غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا لىۋىركوسىن كوماندىسىنىڭ 2009-2010-يىلى يىڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى 24 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتىنى بۇزىۋەتكەن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا كىلەركى ھەپتە بايرىن كوماندىسنىڭ لوڭقا كۈتۈرۈش ئىھتىماللىقى يۇقىرى!
بۈگۈنكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە غەلبە قىلغاندىن كىيىن بايرىن كوماندىسى بىرلەشمىدە 50 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتىنى ياراتقان. شۇنداقلا ئارسىنال، يوۋىنتىس كوماندىسىنىڭ 49 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتىنى بۇزىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن 5 چوڭ بىرلەشمە تارىخىدىكى 2-چوڭ ئۇزۇن مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتى بارلىققا كەلگەن. تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتىنى 1991-1993-يىللىرى مىلان كوماندىسى بەرپا قىلغان بۇلۇپ مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتى 53 مەيدانغا يەتكەن. نۆۋەتتە بايرىن كوماندىسىنىڭ بۇ رىكورتلارنى بۇزىۋېتىشى ۋاقىت مەسىلىسىدەك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايرىن كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 2 توپ كىرگۈزۈپ 61 مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇش رىكورتىنى ياراتقان. شۇنداقلا بارسېلونانىڭ 63 مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇش رىكورتىغا يېقىنلاشقان. قارىغاندا بۇ رىكورتنى بۇزۇشقىمۇ ئۇزۇن قالمىغاندەك قىلىدۇ.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا كىيىنكى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىدە دورتموند كوماندىسى ھانۋىر كوماندىسىنى يىڭىپ غەلبە قىلالمىسىلا، بايرىن غەلبىنى قولغا كەلتۈرسە 8 ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنداقلا گىرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى 3-ئايدا لوڭقا كۈتۈرگەن كوماندىغا ئايلىنىدۇ.
|
|