akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6506|ئىنكاس: 47

ئەزىمەتلىرىمىز ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     
لىجۈن:«شىنجاڭلىق ئەزالار ئاكتىپ ۋە تىرىشچان ئىكەن.»




     بۇ ھەپتە يېڭى پەسىللىك ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى رەسمىي باشلىنىدۇ. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى مېھمان مەيداندا دەرىجىدىن چۈشكەن كوماندا چىڭداۋ جونون بىلەن تىركىشىدۇ. كوماندا باش ترېنېرى لىجۈن بۇ مەيدان مۇسابىقە توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:«بىز ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك، چىڭداۋ جونون كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئالدى بىلەن تەڭلىشىشنى ئويلاپ، ئاندىن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يېڭىشكە تىرىشىمىز.»

     كوماندا شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، بارى، ياھيا ۋە مۇستاپا قاتارلىق ئۈچ ئەزانى بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا قوشۇۋالدى. بۇندىن سىرت يەنە 15 نەپەر تەييارلىق كوماندا ئەزاسى ۋۇخەنگە كېلىپ مۇسابىقىگە تەييالىق قىلدى. شىنجاڭلىق ماھىرلار توغرىسىدا لىجۈن مۇنداق دېدى:«ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى سەمىمىي، ئاددىي-ساددا بالىلار ئىكەن، باشقىلارغىمۇ ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلىدە بولىدىكەن، مەشىق جەريانىدا جاپالارغا چىداملىق ئىكەن، ئاكتىپ ھالدا تىرىشىدىكەن.» ئۇ مىسال ئېلىپ مۇنداق دېدى:«ئوڭ بىك مۇستاپا، ئۇ ناھايىتى چىدامچان. ئۇزۇن مۇددەت سېستىمىلىق مەشىق قوبۇل قىلمىغان، دەسلەپ كوماندىغا كەلگەندىكى ھەر قىتىملىق زور مىقداردىكى مەشىقلەرنى چىشىنى چىشلەپ تاماملىدى.»



     بارى، جىننىي، دادىي(ئېدۋارد)... قاتارلىق يېڭى قوشۇلغان ئەزالار ئۈچىنچى ئاينىڭ بىشىدا كۇلۇبقا قوشۇلغان بولغاچقا، كوماندا بىلەن مەشىق قىلىش ۋاقتى ئارانلا يېرىم ئاي بولدى. باش ترېنېر لىجۈن ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«يېڭى ئەزالارنىڭ كوماندا بىلەن بىللە مەشىق قىلىش ۋاقتى ئاران يېرىم ئايلا بولدى. چەتئەللىك ماھىر تاللاشتىمۇ كۆپ ئوڭۇشسىزكىققا ئۇچرىدۇق، ئاخىرىدا بەلگىلىمە ۋە ۋاستىچىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن دادىينى يۆتكەپ كەلدۇق.»


مەنبە: جۇڭگو پۇتبول ئۇچۇرلار تورى




كوماندا ئەزالىرى تولۇق تىزىملىكى(تەييارلىق كوماندا ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)


شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى ئەزالار تىز.jpg




كوماندا مەشىق سۈرەتلىرى
















     بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 1-ئايلانمىدا ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

     تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە چىڭداۋ دېڭىز كالىسى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چىڭدۇ كوماندىسى بىلەن 1-1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى. ئۇيغۇر ماھىر شاۋكەت يالقۇن 17-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ پۈتۈن مەيدان تولۇق ئوينىدى، ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولدى.



     يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە خېبىي جوڭجى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گۇاڭدوڭ قۇياش بۇلىقى كوماندىسى بىلەن تىركەشتى. 2-2 نەتىجىدە رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى تۇنجى نومۇرنى ئالدى. ئۇيغۇر ماھىر ئۆتكۈر ھەسەن 3-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى ھەمدە پۈتۈن مەيدان تولۇق ئويناپ ئىپادىسى ياخشى بولدى.









     شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئەتە(3-ئاينىڭ16-كۈنى) ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە تۇنجى ئايلانمىدا چىڭداۋ جونون كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيسى 10-يۈرۈش تەنتەربىيە ساغلاملىق قانىلى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىدۇ.
توردىن كۆرۈش ئادرىسى: http://www.xjtvs.com.cn/live/xjtv10.shtml
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 22:32:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا شالغۇت شىنجاڭ كوماندىسىدىكى يەرلىك يىلپىزلار !سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 22:33:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 22:36:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىگە كەلسەڭلار ھۇررا توۋلاپ قويىمەن ئاللاھ خالىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 22:36:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىلىڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 22:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى مەيداننى غەلبە بىلەن باشلىۋالسا بولاتتى.. تىرىشىڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 22:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە يىراقتىن ھە ھۇ دىيىشىپ بېرەرمەن قاپلانچاقلارغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 23:03:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساھىىبخان   مەيدانى   شىنجاڭدىمىدۇ   يا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 23:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 23:07:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 23:03
ساھىىبخان   مەيدانى   شىنجاڭدىمىدۇ   يا

ھازىر شىئەن دە ئوخشايدۇ.. يېقىندا ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ كىلەمىش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 23:22:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە  قىلسا  بولىتى  بۇ  مەيدان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 23:24:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ باللارنىڭ بىرە توپ ئۇرىشىنى ھەم كۇماندىنىڭ خەلبە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 17:59

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش