akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6460|ئىنكاس: 74

10يىلدىكى 10ئەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-1 23:22  

1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى يېرىم كېچىدە يېڭى مىڭ يىلنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىنسانلار يېڭى بىر ئەسىرگە قەدەم باستى،2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان بۇ ئون يىل جەريانىدا دۇنيادا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى،پۇتبول دۇنياسىدىمۇ كۆپلىگەن  ماھىرلار يېتىشىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ شانلىق ئىزىنى يېشىل چىملىق مەيدانلاردا قالدۇردى ھەم قالدۇرماقتا.
1. 10يىل جەريانىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى (433سەپ شەكلى)

قاپقىچى: بۇففۇن
810a19d8bc3eb13581e375b2a61ea8d3fc1f4134970a64af.jpg
21-ئەسىرنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئالدىنقى 10يىلىدا بۇففون 6قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى بولۇپ تاللانغان(بۇففون 2001-يىلى پارمادىن يۇۋىنتۇسقا يۆتكىلىپ كەلگەن)،2003-يىلى ياۋروپا كۇلۇبلىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى شەرىپىگە ئېرىشكەن،3قېتىم ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان،2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چولپانلار سەپ شەكلىگە كىرگەن،2006-يىللىق ياۋروپا كۈمۈش توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،2008-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان،2006-يىلى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىپ كوماندىنىڭ 4-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرۈشىگە زور تۆھپە قوشقان.
ئوڭ بىك: كافۇ
91377a53201248158108.jpg
بۇ بىرازىلىيەلىك  نەپىس بولغان ھۇجۇمچانلىقى بىلەن مۇداپىئەدىكى ماھارىتى زىچ بىرىكىپ مىلان ۋە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن بۈگۈنكى دەۋىر پۇتبولچىلىقىدا مۇنەۋۋەر يان بىكلەرنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ 2002-يىلى بىرازىلىيەنىڭ 5-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرۇشىگە تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر كوماندا باشلىقىدۇر.
ئوتتۇرا بىك: كاناۋارو
1101597_779072.jpg
ئىسمى جىسمىغا لايىق كوماندا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن كاناۋارو ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ 2006-يىلى دۇنيا چىمپىيۇنى بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم باشلامچى شەخستۇر،يۇۋىنتۇس ۋە ئىتالىيە مەستانىلىرى ئۇنىڭ تۆھپىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
ئوتتۇرا بىك: مالدىنى
2009524141757405.jpg
20نەچچە يىل مىلان ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن توپ ئويناش،مىلان ئۈچۈن 1000مەيداندىن ئارتۇق توپ ئويناش،كوماندا جەڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن سول ۋە ئوتتۇرا بىك ئورنىدا توپ ئويناش نۇقتىلىرىدىن قارىغاندا مالدىنى گەرچە ئاللىقاچان قېرىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ مىلان ئۈچۈن ئاداققىچە جەڭ قىلدى ،ئېرىشىشكە تىگىشلىك شان-شەرەپلەرگە مىلان بىلەن بىرلىكتە ئېرىشتى،ئۇنىڭ مۇداپىئەدىكى ئىپادىسى ھەممىگە ئايان.
سول بىك:  كارلوس
g357uuoyrfq3.jpg
بىك توغرىسىدا سۆز بولۇپ قالسا كارلوسنىڭ ئۇرغان توپ سانىغا قاراپ بەزىدە ئۇنىڭ بىك ئورنىدا ئوينايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپمۇ قالىسىز،بىرازىلىيەلىك بۇ ماھىر رىئال مادرىدتا توپ ئوينىغان 11مۇسابىقە پەسلىدە 584مەيدان مۇسابىقە ئويناپ71توپ كىرگۈزگەن،2002-يىلى بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىپ كوماندىنىڭ 5-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىشگە كۈچ قوشقان.
ئوتتۇرا مەيدان: فىگو
20060626100454734.jpg
فىگو پورتۇگالىيە ئالتۇن ئەۋلات دەۋرىدىكى ۋەكىللىك شەخس،2001-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇش،2002-يىلى رىئال مادرىد بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق  مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇش،2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا پورتۇگالىيەنى 2-لىككە ئېرىشتۈرۈش،2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا 4-بولۇشتەك نەتىجىلەر ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك
ئوتتۇرا مەيدان: زىدانى
110eaa068be.jpg
بىر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئېرىشىشكە تىگىشلىك شەرەپلەرگە ئېرىشتى،ياۋروپا لوڭقىسىداچىمپىيۇن بولۇش،دۇنيا لوڭقىسىدا قايتا ھەل قىلغۇچقا كىرىش ،ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇش ۋاھاكازالار،مەيلى يۇۋىنتۇس مەيلى مادرىد ۋە ياكى فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى بولسۇن ئۇنىڭ سىھرى كۈچكە تولغان ماھارەتلىرى كىشىلەر قەلبىدە ساقلانماقتا.
ئوتتۇرا مەيدان : رونالدىنخو
d31b0ef41bd5ad6ee3b4c29681cb39dbb7fd5266d0161c40.jpg
بۇ بىرازىلىيەلىك مىلان ۋە بارسىلونادىكى نەپىس ھەركەتلىرى ئارقىلىق پۇتبولنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇردى،مول تەسەۋۋۇرغا باي پاسلىرى توپ مەستانىلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى،بارسىلونا بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا كۇلۇبلىرىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرۇش،2002-يىلىدىكى ئىنگىلانىدقا ئۇرغان ئاشۇ قالتىس توپى،ئىككى قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇش،دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولۇش قاتارلىقلار ئۇنىڭ شان شەرىپى سۈپىتىدە ئەستە ساقلانسا تەسەۋۋۇرغا باي سەنئەتلىك پۇتبول ماھارەتلىرى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ بەك سىڭىپ كەتتى.
ھۇجۇمچى: ھېنرى
b13fd480fd13b79b9123d9dd.jpg
ھېنرى قورال -ياراق ئامبىرىدا قالتىس بولغان توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى،بارسىلوناغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇ ياخشى بولغان ئىپادىسىنى ساقلاپ كەلدى،2009-يىلى بارسىلونا بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇردى،2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىللە 2-لىككە ئېرىشتى.
ھۇجۇمچى: رائول
574e9258d109b3de2cec2018ccbf6c81810a19d8bc3e6c53.jpg
ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ 10يىلدا رائول بىرنابۇنىڭ مەنىۋى داھىيسىدەك كۆپلىگەن گىگانىت چولپانلار بىلەن بىرلىكتە سامانيولى جەڭ كېمىسىنىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدىكى جاپالىق مۇساپىسىگە ھەم شان-شەرىپىگە گۇۋاھ بولۇپ  كەلدى،بۇ جەرياندا مادرىد بىلەن چەمبارچاس باغلانغان تەسىرلىك مىسرالارنى يېزىپ چىقتى.2009-يىلى 2-ئاينىڭ 15كۈنى ئاللىقاچان 321توپ ئۇرۇپ بولغان بۇ شاھزادە مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنگە ئايلاندى،ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 128مەيدان مۇسابىقىدە66توپ ئۇرۇپ بىرىنچى مەرگەن بولۇپ تۇرماقتا،ئىسپانىيە كوماندىسىدا 102مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 44توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن بۇ جەھەتتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
ھۇجۇمچى: شىفىچىنكو
ak5493vrx4vk.jpg
ئۇكرائىنالىق يادرو ئوق بېشىنىڭ مىلاندىكى چاغلىرى ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز چاغلار ھىساپلىنىدۇ،مىلان بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ۋە ياۋروپا چىمپىيۇنلىقلىرىنى قولغا كەلتۇرۇش،ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇش ،دۆلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 8گە بېسىپ كىرىش ئۇنىڭ قالتىس ھۇجۇم تالانتىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.
2. ئون يىل جەريانىدىكى 10مەيدان ئەڭ قىزىغان مۇسابىقە

10) گوللاندىيە 2-3 چىخ
بۇ بىر مەيدان كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشنى ئۆزىگە روشەن بەلگە قىلغان ئېسىل بىر مەيدان مۇسابىقە،2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى  گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە چىخ بىلەن گوللاندىيە كوماندىسى مەستانىلەرنى پۇخادىن چىققۇدەك ئېسىل كۆرۈنۈشلەردىن ھوزۇرلاندۇردى،پۇتۇن مەيدان مۇسابىقە جەريانىدا 21قېتىم قاپقىغا قارىتىپ توپ تىپىلدى،ئىككى داڭلىق قاپقىچى ۋاندىسار بىلەن چىخ كۆپلىگەن ئېىسىل توپ توسۇش ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى.  ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا ئىككى توپ  كەينىدە قالغان چىخ كوماندىسى  تىرىشىپ مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇردى.
1087688526954.jpg
9) 2000-يىلى   ئىسپانىيە 4-3يۇگۇسلاۋىيە
يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى چوڭ جەڭ بولغان 2000-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىسپانىيە ئەڭ ئاخىرقى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە يۇگۇسلاۋىيە بىلەن مۇسابىقىلەشتى، كاماچىياۋنىڭ مەشقاۋۇللىقىدىكى تورىئادۇرلار 3كە قارشى 2نەتىجە بىلەن كەينىدە قالغان ئەھۋالدا مىندىنتا بىر نۇقتا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى،مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 7مىنۇت قالغاندا ئالفۇنسونىڭ ئۇرغان چىرايلىق توپى بىلەن ئىسپانىيە مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇردى.
Mypsd_13832_201101191730170020B.jpg
8) 2009-يىلى   چىلسى4-4لىۋىرپۇل
2009-2008-مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى 4\1ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قىزىل ئارمىيە بىلەن كۆك ئارمىيە ئۇچرىشىپ قىلىپ ئىنگىلانىد ئىچكى ئۇرۇشى قىزىپ كەتتى،لىۋىرپۇل ئۆز مەيدانىدا 3كە قارشى 1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ئەمما سىتامفۇردتا ئوينىلىدىغان 2-قېتىملىق ئۇچرىشىشتا قىزىل ئارمىيە ۋە ئۇنىڭ مەستانىلىرى يەنىلا زور ئىشەنىچ بىلەن جەڭگە ئاتلاندى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قىزىل ئارمىيە مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي ئالدىنقى 27مىنۇت ئىچىدىلا 2توپ ئۇرۇپ ئۈستۈلۈككە ئۆتتى،ئەمما دىرۇگبا قاتارلىق كۆك ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ نەتىجىسى2-2گە ئۆزگەردى،76مىنۇت بولغاندا لامپاردنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن چىلسى 2گە قارشى 3نەتىجە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى،ئەمما قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى 2مىنۇت ئىچىدە ئارقىمۇ-ئارقا 2توپ ئۇرۇپ يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەشكە باشلىدى،ئۇلار يەنە بىر توپ ئۇرسىلا بىمالال 4كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ كېتەتتى،بىراق مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 1مىنۇت قالغاندا لامپاردنىڭ كىرگۈزگەن ئاشۇ توپى بىلەن قىزىل ئارمىيەنىڭ  تىرىشچانلىقى ۋە ئۈمىدى پۈتۈنلەي يوققا چىقتى.
1239755455036_56703.jpg
7) 2008-يىلى   گېرمانىيە3-2تۈركىيە
2008-يىلى تۈركىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 2توپ كەينىدە قالغان ئەھۋالدا ئۇدا 3توپ ئۇرۇپ چىخ كوماندىسىنى يېڭىپ مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرغان ئىدى،ئۇندىن باشقا شاللاش باسقۇچىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان تۇرۇپمۇ كىرۇدىيەنى نۇقتا توپ جېڭىگە سۆرەپ كىرىپ يەنە بىر قېتىم ھەيران قالارلىق نەتىجىنى بارلىققا كەلتۇرگەن ئىدى،ئەمما يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتنى داۋاملىق غەلىبىگە ئۆزگەرتىش قەدىمى گېرمان جەڭ تانكىسى تەرىپىدىن توساپ قىلىندى،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەرئىككىلا تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇم يۈزلىنىشىنى باشتىن -ئاخىر ساقلاپ مۇسابىقىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى،لامنىڭ ئۇرغان توپى بىلەن گېرمانىيە تۈركىيەنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ كەتتى.
Img257745033.jpg
6)  2007-يىل  مانچىستىر بىرلەشمىسى3-2 ئا  س  مىلان
3897825.jpg
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئۇچرىشىشىدا مىلان بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسى تۇتۇشتى،ئىككى كوماندىنىڭ داڭلىق چولپانلىرى بولغان كاكا بىلەن رونىي تاماشىبىنلار ئۈچۈن بىر مەيدان ئېسىل توپ ئۇرۇش جېڭىنى بارلىققا كەلتۇردى،كاكا مىلان ئۈچۈن ئىككى توپ ئۇرغان بولسا مانچىستىرنىڭ يېڭى چولپىنى رونىيمۇ بوش كەلمىدى،مۇسابىقە داۋاملىشىپ 59مىنۇت بولغاندا رونىي توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-2قىلىپ ئۆزگەرتتى،مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يەنە شۇ رونىي جىگىس بەرگەن پاسنى ئېلىپ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۇرۇشكە زور تۆھپە قوشتى. ئىككى ئالتۇن ئەۋلاتنىڭ ئۆز كوماندىلىرى ئۈچۈن توپ ئۇرۇپ مۇسابىقىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ قىزىغان ئېسىل مۇسابىقە بولۇپ تاللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
5)  2009-يىل   بارسىلونا6-2 رىئال مادرىد
ئىسپانىيە دۆلەت دىربىيسى خۇددى بىر مەيدان كەسكىن جەڭگە ئوخشايدۇ،ئاشۇ كەسكىن جەڭ ،ئۇنتۇلغۇسىز بىرنابۇ كېچىسى، رىئال مادرىد بۇ مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىشتىن بۇرۇنقى 18مەيدان مۇسابىقىدە 17مەيدان غەلىبە قىلىپ بارسىلونا بىلەن نومۇر پەرقى چوڭ ئەمەس ئىدى، ئەينى چاغدا ئۈچ سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان بارسىلونا ئۈچۈن مېھمان مەيداندا رىئال مادرىدنى ئۇتۇشى مۈشكۈل ئىش دەپ قارالغان ئىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ھىگۇايىن ئاۋال بىر توپ ئۇرۇپ ساھىبخان كوماندا ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش قىلدى،بىراق ھېنرى بىلەن پويۇلنىڭ ئارقىمۇ -ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇشى بىلەن  بارسىلونا نومۇر جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئۆتىۋالدى،كېيىنچە مىسسىنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن نومۇر پەرقى زورايدى،راموس بىر توپ ئۇرۇپ پەرقنى ئازايتقان بولسىمۇ ئەمما كېيىنچە بىرنابۇ مەيدانىدىكى  نومۇر تاختىىسدا يەنە مىسسى، ھېنرى ،پىك قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى پەيدا بولدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  6توپ كەتكۈزۈپ قويغان رىئال مادرىدنىڭ بۇ پەسىلدىكى چىمپىيۇن بولۇش چۈشى بەربات بولۇش بىلەن بىرگە بارسىلونانىڭ ئۈچ شاھ بولۇش غايىسى ئۈچۈن چوڭ قەدەم تاشلاندى.
f3ccdd27d2_1270793931.jpg
4) 2004-يىل    مانچىستىر شەھىرى4- 3 توتتىنھام رېس
2004-يىلىدىكى ئىنگىلانىد پۇتبولچىلار ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدا  ساھىبخان رېس  كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا 3توپ ئۇرۇپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئىدى، كىۋىن .كىگان مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتىن كېيىن مەيدانغا باشقىچە ھالەت بىلەن چىقتى ،كېيىنكى يېرىم مەيداندا ۋېرت، فىلىپپىس، مەيكىن قاتارلىقلارنىڭ كەينى-كەينىدىن توپ ئۇرۇشى بىلەن دۇنيا پۇتبول دۇنياسىدا كەم ئۇچرايدىغان مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇشنى تاماملىدى.
U370P6T12D759271F44DT20040205173328.jpg
3)  2003-يىل    مانچېستىر بىرلەشمىسى 4- 3 رىئال مادرىد
بۇ مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىشتىن بۇرۇن ئالۋاستىلار بېرنابۇدا 3كە قارشى 1نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان ئىدى،شۇڭا كونا تىرامفورد مەيدانىدا ئالۋاستىلار قاتتىق تىركەشتى ،رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئوينىدى، ۋان نىستۇروي،بېكھاملارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن مۇسابىقە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى،رىئال مادرىدتىن ئىرگىلانىڭ خائىن توپ ئۇرۇشى قاتارلىق پايدىلىق ئامىللار بولغان بولسىمۇ ئەمما ئالۋاستىلار قارشى تەرەپ مەيدانىدا كەتكۈزۈپ قويغان توپ سانى كۆپ بولغاچقا شاللىنىپ كېتىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
tiyu.jpg
2)  2005-يىل  لىۋىرپۇل3-3 ئا س مىلان(نۇقتا توپ 3-2)
بۇ بىر  ھەقىقىي قىزىغان  ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدۇر، ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۇنتۇلغۇسىز ئىستانبول كېچىسى. مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا  قارا قىزىل قوشۇن كەينى -كەينىدىن 3توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى،كىشىلەر مىلاننىڭ لوڭقا كۆتۈرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن ئىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇت بولغاندىلا مالدىنى بىر توپ ئۇردى،مۇسابىقىنىڭ 39-،44-مىنۇتىدا كىرىسپو ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى توپ ئۇردى، كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 54مىنۇت بولغاندا  جىرراد كاللا بىلەن بىر توپ كىرگۈزۈپ قىزىل ئارمىيىگە ئىلھام مەدەت بېغىشلىدى، 56مىنۇت بولغاندا سىمىچىر يىراقتىن بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىنلەشتى،ئارىدن 4مىنۇت ئۆتۈپلا شاۋى.ئالونسۇ  بىر توپ ئۇرۇپ مىلاننىڭ 3توپ ئالدىدا مېڭىشتەك ئەۋزەللىكى  يوققا چىقىپ ئىككى كوماندا يېڭىۋاشتىن باشلىنىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى، ئاخىرىدا ئىككى كوماندا رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭىگە كىرىپ لىۋىرپول 2گە قارشى 3نەتىجە بىلەن مىلاننى يېڭىپ ياۋروپا چىمپىيۇنى بولدى.
730_982341_920648.jpg
1) 2001-يىل  لىۋىرپول 5- 4 ئاراۋىس
ئىستانبول كېچىسىدىكى ئاجايىپ نەتىجىنى قولغا كەلتۇرۇشتىن 4يىل بۇرۇنمۇ  لىۋىرپول شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مەيدان مۇسابىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى،ئۇ بولسىمۇ 2001-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ لىۋىرپول كوماندىسى دورتمۇنىدتا ئىسپانىيەنىڭ ئانچە نامى چىقمىغان ئاراۋىس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى،لىۋىرپول ئاۋال ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى،ئەمما ئاراۋىس كوماندىسى قىسقىغىنە 6مىنۇتتا 2توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، لىۋىرپول كوماندىسى بىلەن ئاراۋىس كوماندىسى نومۇر جەھەتتە بىر بىرىنى قوغلاپ مېڭىپ مەيداندىكى نەتىجە 4-4 بولۇپ ئاخىرىدا ئاراۋىس كوماندىسى بىكىنىڭ بىر خائىن توپىغا تايىنىپ لىۋىرپول بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۇردى.
534aee7d450b9dec26d7a.jpg

3. 10يىل ئىچىدىكى 10ئەڭ چىرايلىق كىرگەن توپ
كىتابتىكىدەك ئەڭ ئېسىل كىرگەن توپ
2007-2006-مۇسابىقە پەسلىدە ئاستۇن ۋىللا كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا سىكۇلىس سەپدىشى جىگىس بەرگەن پاسنى ئېلىپ قاپقىدىن 25مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ يەرگە چۈشۈرمەيلا تېپىدۇ،توپ ئىنتايىن چىرايلىق بولغان يايسىمان سىزىق ھاسىل قىلىپ قاپقىنىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭىدىن كىرىپ كېتىدۇ،ئاستۇن ۋىللانىڭ قاپقىچىسى توغرا ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ بىراق توپ سۈرئىتى تىز ھەم يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ ماڭغان بولغاچقا بۇ توپنى توسالماي قالىدۇ.
59758df045abfcf37d493.jpg
كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا ئەڭ چىرايلىق كىرگەن توپ
2006-يىلى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا بىلەن سىربىيە -قاراتاغ كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ،ئارگېنتىنا كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە 6-0چوڭ نومۇر پەرقىدە قارشى تەرەپنى يېڭىدۇ،ئارگېنتىنا كوماندىسى ئەزالىرى قارشى تەرەپكە توپ تارتقۇزمىغان ھالدا ئۇدا 26قېتىم پاسلىشىپ ئاخىرىدا كەنبىياسو  توپنى قاپقىغا كىرگۈزىدۇ،بۇ توپنىڭ كىرگۈزۈلۈشى جەنۇبىي ئامېرىكا ماھىرلىرىنىڭ قالتىس پۇت ماھارىتىنى ۋە ماسلىشىش تالانتىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىدۇ.
2JQPADR401P30032.jpg
ئەڭ چىرايلىق كىرگەن كاللا توپ
2005-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە لىۋىرپۇل 0-3نەتىجىدە مىلاننىڭ كەينىدە قالىدۇ،كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 8مىنۇت بولغاندا جىرراد  قاپقىدىن 10مېتىر يىراقلىقتىن كاللا بىلەن بىرتوپ كىرگۈزىدۇ، بۇ توپنىڭ كىرىشى بىلەن قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى زور جاسارەتكە تولۇپ كەينى-كەينىدىن 2توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇرۋالىدۇ.
U687P6T12D1579617F44DT20050526044001.jpg
مارادوناچە ئۇسلۇبتا ئەڭ چىرايلىق كىرگەن توپ
كىم مارادونانىڭ ئىزباسارى بولالايدۇ؟ كىشىلەر بۇ ھەقتە ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىپ كەلدى، مىسسى ئارگېنتىنانىڭ يېڭى پۇتبول شاھى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان كۈنلەردە ئۇ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ مارادوناغا ئوخشاش توپ ئېلىپ مېڭىش ۋە توپ ئۇرۇش ماھارىتىنى نامايان قىلدى،2007-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇسابىقىدە مىسسى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 28مىنۇت بولغاندا خاۋى بەرگەن پاسنى ئالغىنىچە گېتاف كوماندىسىنىڭ 6ئادىمىنى ئالداپ ئۆتۈپ قاپقىغا توپنى ئۇرۋىتىدۇ،پۈتكۈل جەرياندا 60مېتىر ئارلىقنى بېسىپ ئۆتۈپ توپ ئۇرغىچە پەقەت 10سىكۇنىتلا ۋاقىت كەتكەن.
U2029P6T12D2877175F44DT20070419035324.jpg
كەسپى پۇتبول ھاياتىدا ئەڭ چىرايلىق كىرگەن تۇنجى توپ
2002-يىلى 10-ئايدا ئىۋىرتون بىلەن ئارسىنالنىڭ مۇسابىقىسى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتىدا سەپلىمە ئەزا سالاھىيىتىدە يېڭىلا  مەيدانغا چىققان رونىي سەپدىشى بەرگەن پاسنى ئېلىپ قاپقىغا قارىتىپ تېپىدۇ،توپ يايسىمان ھالەتتە ئۇچۇپ ئارسىنال مۇداپىئەچىسىنىڭ بېشىغا تىگىپ قاپقىنىڭ بۇلۇڭىدىن كىرىپ كېتىدۇ،ئارسىنال قاپقىچىسى سىمەن بۇنىڭغا ئۈلگىرەلمەيدۇ. دەل مۇشۇ توپ ئارقىلىق ئارسىنال بوغۇزلىنىپ ئىۋىرتون كوماندىسى غەلىبە قىلىدۇ،ئەينى چاغدا رونىي ئەمدىلا 16ياش 360كۈنلۈك بولغان ۋاقتى بولۇپ ئەينى چاغدىكى ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياش توپ كىرگۈزگۈچى رىكۇرتىنى بارلىققا كەلتۇرگەن ئىدى.
4c086e061d950a7bcd1d2aee08d162d9f2d3c9f4.jpg
ئەڭ چىرايلىق كىرگەن ئىختىيارى توپ
2006-يىلى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 16كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشىدا ئىنگىلانىد كوماندىسى بىلەن ئېكۋادۇر كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ،كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 59مىنۇت بولغاندا ئىنگىلانىد كوماندىسى بىر قېتىملىق ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ،داڭلىق ئىختىيارى توپ ئۇستىسى بېكھام بۇ توپنى تېپىپ كىرگۈزىدۇ،شۇنداقلا بېكھامنىڭ مۇشۇ بىردىنبىر توپى ئارقىلىق ئىنگىلانىد 8كۈچلۈك قاتارىغا كىرىدۇ.
201003151944376723f.jpg
ئەڭ قالتىس پۇت ماھارىتى بىلەن كىرگۈزۈلگەن توپ
2009-يىلى 1-ئايدا فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 20-ئايلانمىسىدا بوردۇ كوماندىسىدىكى گوركۇف ئىنتايىن چىرايلىق دۇنياۋى يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر توپنى پارىژ سان ژىرمان كوماندىسىنىڭ قاپقىسىغا ئۇردى، بۇ توپنىڭ كىرگۈزۈلۈش جەريانىدىن قارىغاندا گوركۇف ئوڭ -سول پۇتنى تەڭ ئىشلەتكەن،بەدەن بۇراش،تىز سۈرئەتتە قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇنىغا بېسىپ كىرىپ قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشتەك بىر قاتار چىرايلىق ھەركەتلەر ئىشلىنىپ ئاخىرىدا توپ قاپقىنىڭ سول يۇقىرى بۇلۇڭىدىن ئۇچقاندەك كىرىپ كەتكەن.
1051952.jpg
ئەڭ چىرايلىق موللاقچىلاپ كىرگۈزۈلگەن توپ
2001-2000-مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونانىڭ بىرلەشمىدىكى نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولماي قالىدۇ،ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە بارسىلونا بىرلەشمە رەت تەرتىۋىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرۋاتقان ۋالىنسىيە بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ،پەقەت ئۇتقاندىلا بارسىلونا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيتتى، مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى تەرەپ 2-2نەتىجە بىلەن كېتىۋاتقاندا بارسىلونا ئۈچۈن ئىككى توپ ئۇرغان رىۋالدو يەنە بىر قېتىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ،سەپدىشى فىرانىك دىپۇر بەرگەن پاسنى مەيدىسىدە ئېلىپ ئۆرلىتىپ  ئاندىن ئارقىچىلاپ قاپقىغا توپ ئۇرىدۇ،بۇ توپنى شۇ چاغدىكى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندا قاپقىچىسى  كانسارىس توساپ قالالمايدۇ.
2007125151059925.jpg
ئەڭ چىرايلىق بوشلۇقتىن تېپىپ كىرگۈزۈلگەن توپ
2002-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە زىدانىنىڭ كىرگۈزگەن ئاشۇ توپى يېڭى ئەسىردىكى پۇتبول دۇنياسىنى ھەيران قالدۇرغان  ئەسىر نادىر توپىدۇر، زىدانىنىڭ سول پۇتى بىلەن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان  توپنى يەرگە چۈشۈرمەيلا بوشلۇقتىنلا كۈچەپ تېپىپ قاپقىغا كىرگۈزۈشى لىۋىركۇسىن كوماندىسىغا شۇ پەسىللىك ئۈچىنچى قېتىملىق كۈمۈش شاھ بولۇش شەرىپىنى سوۋغا قىلدى. رىئال مادرىد بولسا يوغان قۇلاقنى ئىگىز كۆتۈرۈش شەرىپىگە ئېرىشتى.
3768983573546787942.jpg
ئەڭ چىرايلىق ئالداپ كىرگۈزۈلگەن توپ
2004-يىلى ئاجاكىس كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان ئىبراھىمۇۋىچ   سول پۇتىدا توپ تارتىپ ئوڭ پۇتىدا ئېلىپ مېڭىشتەك بىريۈرۈش چىرايلىق ھەركەتلىرى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ يەتتە ئادىمىنى ئالداپ ئۆتۈپ ،ئەڭ ئاخىرىدا قارشى تەرەپ قاپقىچىسى  چىملىقتا يىتىپ قالغان ئەھۋالدا قاپقىغا ئۇرۋىتىدۇ. شۇ يىلى 8-ئايدا بۇ شىۋىتسىيە مۇنارى يۇۋىنتۇسقا يۆتكىلىپ كېتىدۇ.
7FHLQ81P00CO0005.jpg

4. 10يىل ئىچىدىكى پۇتبول دۇنياسىنى  زىلزىلىگە سالغان 10چوڭ ئىش
1) ئىسپانىيەنىڭ  2008-يىلى ياۋروپا چىمپىيۇنى بولۇشى
44يىل كۈتۈش ،تىرىشىش ئارقىلىق 2008-يىلى يازدا ئىسپانىيە كوماندىسى توررىسنىڭ ھەل قىلغۇچ توپى ئارقىلىق گېرمانىيەنى يېڭىپ ياۋروپا لوڭقىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈپ دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك كوماندىنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.
002564ab85ff115ceaa447.jpg

2) بارسىلونانىڭ 6شاھ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى
2009-يىلى بارسىلونا 0گە قارشى 2نەتىجە بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىنى يېڭىپ ياۋروپا ئۇزغۇنى بولدى،شۇنداقلا بىر يىل ئىچىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى،شاھلىق لوڭقىسى،ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپىيۇنلۇقىنى شۇنداقلا ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپىيۇنى،دۇنيا كۇلۇبلار چىمپىيۇنلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن قولغا كەلتۇردى.
38031389136fa56d895.jpg

3) مالدىنىنىڭ 1000مەيدان مۇسابىقە ئوينىشى
2008-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى مىلان بىلەن پارمانىڭ مۇسابىقىسىدە مالدىنى زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى 1000-مەيدان مۇسابىقىنى كۈتۈۋالدى، تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققىنى بويىچە ھىساپلىغاندا بۇنىڭغا توپتوغرا 23يىل ۋاقىت كەتتى.
20080217104612f730f.jpg

4) ئىنگىلانىدنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىقى
2007-يىل 11-ئاي  ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا ۋىمبۇلىي پۇتبول مەيدانىدا ئىنگىلانىد بىلەن كىرۇدىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، ئاللىبۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان كىرۇدىيە بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ غەلىبە قىلىپ ئىنگىلانىدنى 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇردى.ئىنگىلانىد 24يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كاتتا پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالدى.
xin_58211042214033592495352.jpg

5) كاناۋارونىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى
2006-يىلى ئىتالىيە كوماندىسى 7مەيدان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ 5مەيدانىدا توپ كەتكۈزمىدى،كاناۋارو بۇ جەھەتتە زور رول ئوينىدى،كاناۋارو سەپدىشى بوففۇن ۋە ھېنرى ئىككىسىنى مەغلۇب قىلىپ ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
15d3d539e31ed7b83a87ce0e.jpg

6) ئىتالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولۇشى
2006-يىلى ئىتالىيە كوماندىسى كۈمۈش رەڭ تۈلكىنىڭ يىتەكچىلىكىدە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىش،شاللاش باسقۇچىدا ئاۋىستىرالىيەنى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا نۇقتا توپتا ئۇجۇقتۇرۇش،يېرىم ھەل قىلغۇچتا ساھىبخاننى شاللاش،ئاخىرىدا نۇقتا توپ تېپىشىپ فىرانسىيەنى يېڭىش ئارقىلىق 4-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈردى.
1086797_0.gif

7) ئىتالىيەدىكى تېلېفۇن ۋەقەسى
2006-يىلى 5-ئاينىڭ4-كۈنى مىلان تەنتەربىيە گېزىتىدە ئىتالىيە ئا بىرلەشمىسىدىكى رىپىرلارنىڭ ئۆز ئارا تېلىفۇنلىشىش،ھەرقايسى كوماندىلار ئارا ساختا توپ ئويناشتەك خەۋەرلەر بېرىلدى،تەكشۇرۇش ئارقىلىق يۇۋىنتۇسقا دەرىجە چۈشۈش ھەم ئىككى قېتىملىق ئېرىشكەن ئا بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلدى،ئۇندىن باشقا فىلورىنسىيە،لازىئو، ئا س ملان قاتارلىق كوماندىلارنىڭ نومۇرىنى تارتىش،جەرىمانە قويۇش جازالىرى بېرىلدى. كىچىك تىپتىكى دۇنيا لوڭقىسى شۇ سەۋەبتىن چىكىنىشكە يۈزلەندى،ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئوبرازى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى.
U1567P1T1D10048620F21DT20060602144758.jpg

8) گىرىتسىيەنىڭ ياۋروپا چىمپىيۇنى بولۇشى
2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى پورتۇگالىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن ئاجىز دەپ قارالغان گىرىتسىيە مۇسابىقە جەريانىدا  ئىسپانىيە، چىخ، گوللاندىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى داڭدار كوماندىلارنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ يۇنان ئەپسانىلىرىنىڭ داۋامىنى يېزىپ چىقتى. گېرمانىيەلىك رىيخاگېر داڭلىق شەخسكە ئايلاندى.
U5244P6T12D6073766F44DT20120524121512.jpg

9) ئارسىنالنىڭ مەغلۇپ بولماسلىقى
2004-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئارسىنال ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما مۇسابىقىنى تاماملاپ پۇتۇن مۇسابىقە پەسلىدە 26مەيدان ئۇتۇش،12مەيدان تەڭلىشىش، بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماسلىقتەك قالتىس نەتىجە بىلەن ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولدى.
09560407516.jpg

10) فىلورىنتىنونىڭ سامانيولى جەڭ كېمىسىنى ياساپ چىقىشى
2000-يىلى فىلورىنتىنو رىئال مادرىدنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ ئۆزىنىڭ  گىگانىت چولپان سىتراتىگىيىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىگو ،زىدانى،رونالدو ،بېكھام قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارنى رىئال مادرىدقا توپلاپ سامانيولى جەڭ كېمىسى دەۋرىنى باشلىدى. ئۇندىن كېيىنمۇ يەنە بۇ جەڭ كېمىسىنىڭ ھەيۋىسىنى ساقلاش ئۈچۈن كاكا، س.رونالدو، بېنزىما ،ئالونسو قاتارلىق چولپانلارنى يۆتكەپ كەلدى شۇنداقلا زور زەپەرلەرنى قۇچتى.
fd039245d688d43fa4ec084a7d1ed21b0ff43bc4.jpg

‹ھازىرقى زامان تەنتەربىيىسى› نىڭ 2010-يىللىق پۇتبول نەشرىدىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمە قىلغۇچى:   مىسسى2

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
ئېسىل + 50 قالتىس!
باقاۋۇل + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-3 02:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئەمما ،بىراق ...رونالدىنئۇ بارسېلونا،ۋە دۆلەت كوماندىسىدا قانداق ئوينىغانلىقى ماڭا نامەلۇم ،لېكىن مىلەندە ئەڭ نەپىس ھەركەتلەرنى توپ مەيدانىدا چىقارغانلىقى توغۇرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق(بەلكىم بەزمىخانلاردا چىقارغان بۇلىشى مۇمكىن) ،رونالدىنئۇ بارسا،ھەم بىرازىليە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن تۆھپىكار بولغىنىدەك مىلەن ئۈچۈن بىر يارىماس ‹‹ئىشەك››خالاس.شۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇ سەرخوشنىڭ ئورنىغا ياخشىراق بىر ئوتتۇرا مەيدان ياكى بىر ھۇجۇم ئالغان بولسا مىلەن بۇ كۈنلەرگىمۇ قالمايتتى.10مەيدان مۇسابىقىنىڭ 7مەيدىنىدا زاپاس ئەزا،بەزى ۋاقىتلاردا زاپاسنىڭ زاپىسىدىمۇ يوق بۇنداق ناكەسنى مىلەن ئۈچۈن كۈچ چىقارغان دىسە كىممۇ ئىشىنەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-30 23:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ جاپادا يېزىپ چىققان تېمام نېمىشقا تەستىقلانمىدى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-30 23:54:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باركەنغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-30 23:55:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىراق يېڭى  يوللانغان تېمىلار قاتارىغا قاراپ بېقىڭ ،نەدە بار؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-30 23:56:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ  ئېشقۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-30 23:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى تەپسىلى تەرجىمە قىلىنىپتۇ بۇ رومان تارىخنى يەنە بىر كۆرگەندەك بولدۇم .ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 00:05:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما لىكىن بىرنەچچە   مۇشۇنداق تىما بوپتۇ، بىلمەيدىغاننى بىلىۋالدىم، رەھمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-31 00:06:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

راستىنلا ئاجايىپ ئىش بولدى،يازغان تېمامنىڭ سانىدا كۆپىيىش بولدى-يۇ،ئەمما مۇنبەردە كۆرۈنمىدى،بۇ زادى نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولدى دىلونى دەرھال بىرتەرەپ قىلماملا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 00:22:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ...مۇشۇ مۇسابىقىلەرنىڭ چۈشۈرۈش ياكى كۆرۈش ئادرىسىنى تاپقىلى بولارمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-31 12:40:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاجايىپ ئىشنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىدىڭلارما؟،يەنىلا شۇنداق تۇرىدىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 16:59:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-31 12:40
ئاجايىپ ئىشنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىدىڭلارما؟،يەنىلا  ...

ماتىمىنى تەھرىرلەپ قۇرۇقلا قىلىپ قويۇپ ، تىما يوللاش كۆزنىكىدىن قايتا يوللاپ قويساڭلار بولاتتى ، ھەممەيلەن كۆرەلەيتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-31 17:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىمىدىن بىرنى ئەكەپسىز رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش