elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1789|ئىنكاس: 46

مادرىد يېڭى خەۋىرى!!! « fiko »

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fiko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-15 16:34  

                      U7880P6T12D7066947F44DT20140314220558.jpg

شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:
بۈگۈن كەچتە خان مادرىد مھمان مەيداندا مالاگا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، مادرىد تېرنىرى ئەنچىلوتى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى مۇخپىرلارنى كۈتۋىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
كوماندىغا نىسبەتەن، ئەنچىلوتى: «مەن توپچىلارنىڭ بوشىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرمەيمەن، مەن ئۇلاغا ئىشىنىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ مالاگا بىلەن بولغان مۇسابىقە بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىگە ئوخشاش موھىم. ھىچكىم ئۆزىنى قويىۋەتمىدى، كوماندىنىڭ مەشىقى شۇنداق ياخشى».

                     arbolu.jpg
ئەنچىلوتى: ئاربىلويانى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئاربىلويادىن ۋاقىتلىق ئايرىلدۇق، بىز ئۇنىڭ مۇسابىقىگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ھەمدە مۇسابىقىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى ئەسلەيمىز. بىز چوقۇم بۇتەرەپنى ئوبدان ھەل قىلىشىمىز كېرەك، خىددىرا يارلانغاندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئورنىنى ھەل قىلمىدۇق. بۇ ھەپتە ناچونى ئوڭ يولدا توپ تەپكۈزىمەن، ئۇ بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. راموسمۇ بۇرۇن بۇ ئورۇننى تېپىپ باققان، ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىمىز».

مالاگا بىلەن بولىدىغان مۇسابىقە ئۈستىدە توختۇلۇپ:« بىز بۇ مەيدان مۇسابىقىگە تۇلۇق تەييارلىق قىلمىساق بولمايدۇ، چۈنكى ئۆتكەن نەچچە ھەپتىدە ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى، ئۇلاردا ئىلگىرلەش چوڭ بولدى. مېنىڭ توپچىلىرىم بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىرمەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئاندىن نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىشى كېرەك!»دېدى.
                esko.jpg
ئېسكوغا نىسبەتەن، ئەنچىلوتى: «بىز چوقۇم توپچىنى ئۆز ئورنىنى تېپىشكە كۆندۈرشىمىز كېرەك. ئېسكونىڭ ھازىرقى ئۇرنى ئوتتۇرا مەيدان بولۇپلا قالماستىن چوقۇم مۇداپىيەنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقىشى كىرەك.مەن ئېسكوغا ئۇنىڭ شىدۇفقا ئۇخشايدىغانلىقىنى دېگەن. ئۇ بۇنداق سېلىشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ يېڭى ئورنىدا كوماندا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. دىمارىيامۇ بۇرۇندىن تېپىپ باقمىغان ئۇرۇنغا نىسبەتەن، ھازىر ماسلىشىشى شۇنداق تېز بولىۋاتىدۇ».

                jese4444.jpg   
خىسەي ئۈستىدە توختۇلۇپ، ئەنچىلوتى« مەن كۈندە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلىشىمەن، ئۇ ھازىرقى ئەھۋالنى چۈشىندۇ، ئۇ كوماندىغا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى، ھەمدە داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئۇ ھەربىر مەيداندا قانچىلىك ۋاقىت تېپىدىغىنىنى بىلمەيدۇ، ھەم سۇراپمۇ باقمىدى، مەن توپچىغا دەيمەن، سەن چوقۇم تەييار تۇرىشىڭ كېرەك، چۈنكى سەن بىر مىنوت تەپسەڭمۇ، بۇنىڭ موھىملىقى پۈتۈن پەسلدىكىگە ئوخشاش. ئۇ بۇنى چۈشىنىدۇ. ھەممەيلەن ھەرۋاقىت تەييار تۇرىدۇ.»


ddd.jpg دېمارىيا ئۈستىدە توختۇلۇپ، ئەنچىلوتى:« ئەگەر ئۇ مالاگا بىلەن بولغان مۇسابىقىنى تېپىشكە ئۇنىمىسا، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قالىمەن، چۈنكى بۈگۈنكى مۇسابىقە ئىنتايىن موھىم.مەن ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىنى چىقىرىمەن، كىمنىڭ بۇ سەۋەپلىك سېرىق كارتا يېيىشىدىن ئەنسىرمەيمەن. سەن مەيدانغا چىقساڭ باشقىلار مەيدانغا چىقالمايدۇ. ئەگەر سەن بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىساڭ، ئۇنداقتا باشقىلار چىقالايدۇ».
كېيىك بىلەن شىرنىڭ ھېكايىسى؟ ئەنچىلوتى: « كېيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيۈنىڭ بىر پىرىنسىپى بار، ئۇ رىۋايەتلەردىكى كېيىك بىلەن شىرنىڭ ھىكايىسى، شىر دائىم تىرىشىپ يۈگۈرۈپ، ئەڭ ئاستا يۈگۈرەيدىغان كېيىكنى ئوۋلاشنى ئويلايدۇ، كېيىك بولسا مەن چوقۇم تېز يۈگىرەپ، ئەڭ تېز يۈگىرەيدىغان كېيىككە ئايلىنىمەن، بۇنداق بولغاندا شىر مېنى يېيەلمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ. پۇتبولمۇ مۇشىنىڭغا ئوخشايدۇ، مەن توپچىلارغا سەن شىرغا ئوخشامسەن ياكى كېيككىمۇ دەيمەن، بۇنىڭ موھىم نوقتىسى يۈگرەشتە.»   
ئاخىردا ئەنچىلوتى: تەقدىز بىزنىڭ قولىمىزدا، بىز چوقۇم توغرا ھەل قىلىشىمىز كېرەك. مادرىد رىقابەت بىلەن بارسىلونا ئىككىسىگە نىسبەتەن بىزدە ئىنتايىن ئاجىز بولغان بىر ئۈستۈنلۈك بار، بىز چوقۇم تەشەببۇسكار ئۇرۇندا تۇرىشىمىز ھەرگىز باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى ساقلىماسلىقىمىز ،بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

خان مادرىد vs مالاگا  شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 1:00 بېرىلىدۇ.    كۆرۈش ئادرىسى:CCTV5 , zhibo8.cc   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 16:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامەت تىلەيمەن مادرىد ئالغا مادرىد ئالغا رونالدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 16:37:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەن دوكتۇر ئۆزىلنى سىتۋەتكەندە بەك ئاچچىغىم كەگەنتى. ھازىر بۇنىڭغا باغانچە قايىل بولۋاتىمەن.ئالغا مادرىد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-15 16:39:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچىلوتىغا بارغانسىرى قايىل بولۋاتىمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 16:40:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 16:41:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يورۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-15 16:52  

مۇسابىقىدە يارلىنىش ئەھۋالى كورولمىسە بولىتتى بوممىسا كىيىنكى بارىسلونابىلەن بولىدىغان  مۇسابقىگە قاتنىشاممايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 16:54:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 16:57:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوكامپودا ساقلايمەن رونالدو

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
چوكىنات + 100 قىززىق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 17:09:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارانىنىڭ بىر ياخشى ئوتتۇرا بېك ئىكەنلىكىدىن مۇشۇ مەيداندا پايدىلىنىپ باقسا بولمامدۇ دەيمەندە ئەنچۇلىتى . راموسنى بۇرۇنقى ئوڭ تەرەپتىكى ئەسلى ئورنىغا يۆتكەپ راموسنىڭ ئورنىغا ۋارانىنى قويسىىغۇ مۇداپىىئەدە گۈل كېلىپ كەتكۈدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 17:10:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 16:57
نوكامپودا ساقلايمەن رونالدو

بۇ مېسسى سىزگە ھاۋالە قىلغان گەپمۇ ياكى سىز شۇ مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقامسىز ؟

   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 17:15:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوكىنات يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 17:10
بۇ مېسسى سىزگە ھاۋالە قىلغان گەپمۇ ياكى سىز شۇ مۇسابى ...

ھەر ئىككى ئىھتىماللىق با  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-15 17:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە مالاگا ئۆتكەن يىللارقىدىن ئاجىز بولسىمۇ لىكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ ،،،2 رەقىبىمىز بىلەن قىل ئۈستىدە كىتىپ بارىمىز ،،

خىسەي ، ۋاران  ، ناچو ،،،مۇشۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن  ئۈمۈت چوڭ ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 20:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش